سامۇئېل خانتېڭتوننىڭ «مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى ۋە دۇنياۋى تەرتىپنىڭ قايتا ئورنىتىلىشى» ناملىق كىتابى ئۇيغۇر تىلىدا نەشىر قىلىنغاندىن بۇيان، داغدۇغىسى ھەقىقەتەن يۇقىرى بولدى. بولۇپمۇ كىتابنىڭ كەينى مۇقاۋىسىغا بېرىلگەن بىر نەچچە نوپۇزلۇق ئورۇن ۋە داڭلىق كىشىنىڭ تەقرىزى بىلەن بۇ كىتاب بىزگە «رەھنامە» كەبى تەسىر كۆرسەتتى.
خوش، مەدەنىيەتلەر راستتىنلا توقۇنۇشامدۇ؟ رەڭگارەڭ مەدەنىيەتلەر ھەمدەمدە ياشاش مۇمكىن ئەمەسمۇ؟! ئەگەر، سامۇئېل خانتېڭتوننىڭ گېپى بويىچە ئېيتقاندا، «پەرقلىق مەدەنىيەتلەرنىڭ تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى، مەڭگۈ بىللە مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن ئەمەس» دېيىلسە، ئىنسانلارنىڭ يارىتىلىشىدىنلا ھەرخىل ئىرق، ھەرخىل مەدەنىيەتتە ئىكەنلىكىنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟!
بۇنىڭغا يەنىلا ئەمەلىيەت جاۋاب بەرسۇن:
يېرىم ئەسىردىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان پەلەستىن–ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىغا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىجابىي ئىنكاس بىلدۈرمىدى. ھەتتا ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنى قورال– ياراق بىلەن تەمىنلىگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. بۇنىغۇ ئامېرىكا–ئىسرائىلىيە بىر مەدەنىيەت چەمبىرىكىدە بولغاچقا، ئامېرىكا يۇقىرى قاتلام ساھەسىنى يەھۇدىيلار قامال قىلغاچقا شۇنداق بولۇۋاتىدۇ، دەپ چۈشەندۈرۈشكە بولار.
بىر مەدەنىيەت رامكىسى (بىر دىن) ئىچىدە تۇرۇۋاتقان سەئۇدى ئەرەبىستانى، مىسىر، ئىراق (ئەلۋەتتە، گۇمران بولۇشتىن بۇرۇنقى مىسىر ۋە ئىراق كۆزدە تۇتۇلىدۇ) … قاتارلىق دۆلەتلەر ۋە ئىسرائىلىيەگە قارىتا قاتتىق قوللۇقلىقى بىلەن خاراكتېرلىنىۋاتقان ئىران پىرېزدېنتى ئەھمەدىي نىجاد بۇ ئىشقا كەلگەندە تىلغا ئالغۇدەك بىر ئىش قىلغىنى يوق. ھەتتا، بۇ پىرېزدېنت ھەر دائىم ھاماسقا ئۇرۇشنى توختاتماسلىقنى تەۋسىيە (بەلكى بېسىم) قىلماقتا. ھالبۇكى، ئۆزىنى ئىزچىل غەربكە يېقىن تۇتۇپ كەلگەن، دىندىن خالىي ھۆكۈمەت دەپ قارىلىۋاتقان تۈركىيە ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا ئاكتىپ پوزىتسىيە بىلدۈرۈۋاتىدۇ. تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردۇئاننىڭ خەلقئارا سەھنىلەردە تۈركىيە ھۆكۈمىتى نامىدىن ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈشى ۋە پەلەستىن رايونىغا ياردەملەرنى بېرىشىنى قانداق چۈشەندۈرۈش مۇمكىن؟
تەختكە چىققاندىن بۇيان، «ئىسرائىلىيەنى دۇنيا خەرىتىسىدىن ئۆچۈرۈۋېتىمەن» دەپ جار سېلىۋاتقان ئىران پىرېزدېنتى ئەھمەدىي نىجاد ھەر قېتىم ئىش چىڭىغا چىققاندا نېمىشقا بېشىنى ئىچىگە تىقىۋالىدۇ؟ پەلەستىنمۇ، ئىرانمۇ بىر دىندىكى قېرىنداشلار ئەمەسمىدى؟
بۇ يەردىكى ئاساسىي مەسىلە يالغۇز مەدەنىيەت (دىن) دائىرىسىدىلا ئەمەس، بەلكى مەنپەئەت نۇقتىسىدىنمۇ بولۇۋاتىدۇ. چۈنكى ئىران ھۆكۈمىتى پەلەستىننى ھەرگىزمۇ مەدەنىيەت (دىنىي) قېرىندىشى دەپ ھېسابلىمايدۇ (چۈنكى ئىران شىئە مەزھىپىدە، پەلەستىن سۈننىي مەزھىپىدە). ئىران بۇ ئىشقا ئارىلاشسا، ئىرانغا كېلىدىغان مەنپەئەت قانچىلىك بولىدۇ؟ ئارىلاشمىسا قانچىلىك بولىدۇ؟ خامچوت قۇرۇلۇشى كەسپىي دوكتورى ئەھمەدىي نىجادنىڭ بۇنى ھېسابلاپ چىقىرالىغۇچىلىكى بار. ئۇنىڭ قارىشىدا بۇ توقۇنۇشقا ئارىلاشمىسا (شۇنىڭ بىلەن پەلەستىن ھاماسلىرى يوقالسا ياكى يوقىلىشى تېزلەشسە) كېلىدىغان مەنپەئەت كۆپرەك (چۈنكى ئۇ سۈننىي، بۇ شىئە). بۇ يەردە، گېپىمىزنىڭ ئىسپاتى سۈپىتىدە ئىران ئىسلام ئىنقىلابىنىڭ داھىيسى ھۇمەينىنىڭ «ھازىر يەر شارىدا ئىراننىڭ ھېچقانداق قېرىندىشى يوق» دېگەن سۆزىنى ئەسلەپ ئۆتۈش ئارتۇقچە بولمىسا كېرەك.
قارىغاندا، «مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى» دېگەن ئاتالغۇغا جۈپتىنى – «مەنپەئەتلەر توقۇنۇشى» ئاتالغۇسىنى قوشۇپ، «قوشماق» نەزەرىيە سۈپىتىدە ئىستېمال قىلىش زۆرۈردەك تۇرىدۇ.
خۇلاسە كالام، «مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى» ئاددىي نەزەرىيەمۇ، ھەقىقەتمۇ ئەمەس، بەلكى بىر مۇنەۋۋەر سىياسىيوننىڭ ئامېرىكا مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ دۇنيانى كۆزىتىپ چىقارغان خۇلاسىسى، بېشارىتى. ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشقا بولىدۇ، لېكىن ئۆلچەم قىلىۋېلىشقا بولمايدۇ. چۈنكى سىزنىڭمۇ دۇنيانى كۆزىتىشتە ئۆزىڭىزگە خاس «ئەقىل كۆزىڭىز» بولۇشى كېرەك. بولمىسا سىز باشقىلارنىڭ «ماشىنا» سىغا ئايلىنىپ قالىسىز.
سامۇئېل خانتىڭتون 1927- يىلى تۇغۇلغان. ئامېرىكا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ دوكتورى، مەمۇرىيەت ئىلمىي لېكسىيە پىروفېسسورى، خەلقئارا ئىشلار مەركىزىنىڭ مۇدىرى، مەمۇرىيەت ئىلمىي فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى. ئۇ «تاشقى ئىشلار سىياسىتى» ناملىق ژۇرنالنى تەسىس قىلغان. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ مەسلىھەتچىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان. 1977~1978-يىللىرى ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكى كومىتېتى بىخەتەرلىك پىلان گۇرۇپپىسىنىڭ مۇدىرى بولغان. 1987-يىلى ئامېرىكا سىياسىي ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بولغان. 2008-يىلى ۋاپات بولغان.
‹‹ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشقا بولىدۇ، لېكىن ئۆلچەم قىلىۋېلىشقا بولمايدۇ. چۈنكى سىزنىڭمۇ دۇنيانى كۆزىتىشتە ئۆزىڭىزگە خاس «ئەقىل كۆزىڭىز» بولۇشى كېرەك. بولمىسا سىز باشقىلارنىڭ «ماشىنا» سىغا ئايلىنىپ قالىسىز.››.بۇگەپ ماڭا ياقتى،
خىيالىمغا بىرسى كەلدى، بىر ئىش توغرىسىدا دە تالاش قىلىۋاتقا ئىككى ئادەمگە،بىگىز بارمىقنى چىشلەپ تۇرۇپ كىم گەپ قىلسا شۇنىڭ گىپىگە باش لىڭشىتىپ ھاڭ بىقىپ تۇرغان ئادەم
2011/12/17
توغرا دەيسىز! دۇنيادا مەدەنىيەتلەر توقۇنىشىلا ئەمەس بەلكى مەنپەئەتلەر توقۇنىشىمۇ مەۋجۈت بولۇپ تۇرىدۇ! پايدا – مەنپەئەت بولسا ئىككى خىل مەدەنىيەتنى باغلاپ تۇرىدىغان بىر ئامىل خالاس!
2012/02/05
مەنمۇ مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى دېگەن كىتابنى ئوقۇپ چىققان ! سىز بۇيەردە ئەگەپ مەدەنيەت توقۇنۇشنىڭ مەنبەسى ئەمەس بەلكى مەنپەئەت يەنىلە ئاسالىق دېگەب بولسىڭىز بەلكىم ئويلۇنۇپ بېقىش كېرەكمۇ قانداق ؟! بۇ پەقەت مېنىڭلا قارىشىم !
بۇنداق دىيىشىمنىڭ سەۋەبى تۆۋەندىكىچە . دۇنيادا ئوخشىمىغان مىللەتلەر ياشاۋاتىدۇ ، ئۇلار بىر بىرىنى چىراي شەكلىگە يەنى ئېرىقى دېگەندەكلەرگە قاراپ بىۋاستە پەرىقلەندۈرسە بەزىدە دىن ، تىل ، پىسخىكا قاتارلىق نۇرغۇن نەرسىلەردىن پەرىقلەندۈرىدۇ . بۇ يەردە تۇقۇنۇشتا ئىككى تەرەپ مەۋجۈت ، بىرسىنى ئا تەرەپ يەنە بىرسى ب تەرەپ دېسەك ، ئا تەرەپتىكىلەر ب تەرەپتىكىلارنى سەن ئوغرى ، سەن پەس مىللەت ، سەن دۆت قالاق دەپ تىللىدى . بۇ چاغدا ئا تەرەپ ب تەرەپنى ھەرگىز بىر شىەخىس قاتارىدىلا تىللىمىدى ، بەلكى ئا تەرەپ شۇ ئۆزى ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ يۇرەك سۆزىنى (چۇنكى ئا كىشى بىلەن بىر مەدەنىيەت بىر تىلدىكى بىر ئېرىقتىكى كىشىلەر ھەممىسى ب كىشى بىلەن بىر دىن ياكى بىر مىللەتتىكى ، ۋە ياكى بىر تىلدىكى كىشىلەرنى شۇنداق دەپ قارايدۇ ) ، بۇ ھاقارەت پەقەت ب كىشىگە يالغۇز تەۋە ئەمەس بەلكى شۇ كىشى كىشى بىلەن بىر مەدەنىيەت چەمبىرىگى ئىچىدىكى ھەممە كىشىگە تەڭ تەۋە بولىدۇ ! بۇ چاغدا دەل ب مەدەنىيەت چەمبىرىكىگە تەۋە كىشىلەرنىڭ مەنپەتى زىيانغا ئۇچىرىدى ، دەل شۇلارنىڭ مەدەنىيتى ، دىنى ، مىللىتى ئوخشىمىغان سەۋەپلىك مەنپەئەت توقۇنۇشى يۈز بەردى ! ئەگەر سىز مەنپەئەتنىلا ئويلىسىڭىز تىلىڭىز ، دىنىڭىز ، مىللىتىڭىز ئوخشاش بولمىغان كىشىلەر بىلەن قاتتىق ئىناق ئۆتۈسىڭىز ئۇلاردىن نۇرغۇن پۇل بايلىققا ئىرىشەلەيسىز . ئەگەر سىز ئۆز مەدەنىيتىڭىزنى دەپ پۇل-مالدىن مەنپەتىڭىزدىن كېچىۋېتىپ جاپا تارتسىڭىزمۇ مىللىتىڭىز ، مەدەنىيتىڭىز چەمبىرىگىدە ياشىسىڭىز ، سىز مەدەنىيەتنى مەنپەئەتتىن جىق يۇقۇرى ئورۇنغا قويغان بولىسىز !
ئاددىسى كۆپۇنچە ھاللاردا خەنزۇۋان باللىلار بىر يەرگە كىلىۋالسا گىپى بىر يەردىن چىقىدۇ ! يەنە تۆت ئۆز زۇۋان بالا بىر يەرگە كەسە ئىككى گوروھ شەكىللىنىشى تۇرغانلا گەپ !بۇ ئىككى گوروھ بىر بىرىنى چىلەپ تارتىشى ئېنىق ! بۇ دەل مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشىدۇر!
كۆزىمىز كۆرۈپ تۇرىۋاتقان ئەمەلىيەت شۇكى تۈركىيەنىڭ قىلىۋاتقىنى ئىسلامى ھەق ….تۈركىيەنى ئىسلام دۆلىتى ئەمەس ياكى دىندىن چىكەتكەن دىيىش ، مەن كۆزى ئۇچۇق كور دېگەندەكلا ئىش ! دىمكىراتىيەگە ماڭغانلىقى ، دىن بىلەن سىياسى ئايرىم بولغانلىقى ئۈچۈن ۋە ياكى بىر نەچچە ناخشىچىنىڭ سەھنىدە مەيدىسى ئۇچۇق كىيىم كىيىپ ناخشا توۋلاپ قويغىنىغا تۇركىيە خەلىقى دىنسىز كاپىر بوپ قالمايدۇ ، پەقەت مۇسۇلمان ئەللىرىدىكى مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەرنىڭ تەتۇر تەشۋىقاتى تۇركىيەنى مۇسۇلمانلار ئارسىدا شۇنداق چۇشەنچە ھاسىل قىلىىپ قويغان ! ئەمما تۇركىيە ھەقنىڭ يولىدا مېڭىۋاتىدۇ ! ئاللا خالىسا تۇركىيە تۇركى خەلىقلەرنى ئىتىپاقلاشتۇرىشى مۇمكىن ! ئەمما روسلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچىراپ كەتكەن دۆت خەلىقلەر ئۆزىنى بىز تۇتۇكلەردىن 5000 يىل نېرى دېيىشتىن يانمىايۋاتىدۇ ……تۇركىيەنىڭ ئىتىپاقلاشتۇرۇشتىكى مەقسىدىمۇ ئەڭ ئاددى قىلىپ ئېيىتساق مەدەنىيەت يىلتىزى بىر ، كەلگۈسىدە بىزمۇ ياۋروپا ئىتىپاقىغا ئوخشاش ئىتىپاق قۇرساق دەپ ئويلىغان بۇلۇشى مۇمكىن ! يەنى مەدەنىيەت بىرلىكى قۇرۇشتۇر.
باشقا مۇستابىت ئىسلام ئەللىرىگە كەلسەك ئۇلار ئامېركىنى مەنپەئەت ئۇچۇن ئىش قىلىدۇ ، ئادالەتنى بىر ياققا قايرىپ قويۇدۇ دەيدۇ . ئەمما دەل ئۆزلىرى پۇل-مال دۇنيانى دەپ ئامېركىدىن نۇرغۇن پۇل ياكى قورال ياراق ياردىمىگە ئىرىشىدىغۇ ، شۇلارغا بېقىنىدىغۇ ! ئەكسىچە پادىشاھنىڭ قەلبىدە شەيتان ، پۇخرانىڭ قەلبىدە ئىمان …..دىگەندەك قېلىپتا ياشاۋاتىدۇ . مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدە 21-ئەسىردىمۇ ئاپپاق خوجىلار كۆپ تېخى . بولمىسا بۇ چاققىچە بىزنىڭ ئۇيغۇرلار زىمىنىنىڭ 78 دىن بىرىگە تەڭ كىلىدىغان ئىسىرائىلىيەنى نېمىشقا تەۋرىتەممىدى؟؟ ئەرەپ ئىتىپاقى مۇسۇلمان ئىتىپاقى قېنى ؟؟ قاراپ بېقىڭ ، ياۋۇپا ئىتىپاقى نىمىش قىۋاتىدۇ ، مۇسۇلمان ئىتىپاقىچۇ ؟؟ بۇ يەردە ئېيتىلىۋاتقان مەنپەتنى مۇسۇلمانلار بىرىنجى ئورۇنشا قويۇدۇ ئەكسىچە مەدەنىيەتنى ئەمەس ! بىز بۇ چاغدا كۆزىمىز نى چوڭراق ئېچىپ قاراپ باقساق ، ئويلاپ قېلىشىمىز مۇمكىن ، مۇسۇلمانلار دۇنياسى بىر چوڭ ئىسلاھاتقا جىددى ئىھتىياجلىقمۇ قانداق ؟؟؟
ئەڭ ئاددىسى ، بىر دۆلەت شاھزادىسى تۇرۇپ ئۆز دۆلىتىگە كەلسە سەللىنى چىڭ يۆگەپ ، ياۋروپا ئامېركىدا قىزلارنى بۇلۇشىغا ئويناپ كىلىۋاتىدۇ . ھەتتا گۇۋاڭجۇدىمۇ مەن كۆرگەن ئەرەپلەر بىر بىرسىنىڭ ئارقىسىدىن يامان گەپ قىلىشىدۇ ! ھەر جۈمە كۈنى نامازدىن يېنىپ قاۋاقتا يالىڭاچ ئۇسۇل كۆرەپ ئوتتۇردىغىنى ئوتتۇرا شەرىقتن كەلگەنلەر ، ئەكسىچە ياۋروپالىق ئامېركىلىق ئەمەس !
دېمەك ئەرەپلەر بۇ تۇرقى بىلەن مەدەنىيەتنى تىلغا ئېلىپ بىر ئىشنى ھۇجۇتقا چىقىراممايدۇ . ئەكسىچە مەنپەئەتنىلا دەپ ھەق يولدىن چەتنەپ قالدى ! شۇڭا ئاللا مۇسۇلمانلارھا مۇشۇ تەڭسىزلەكلەرنى كۆرسىتىۋاتىدۇ !
ئەگەر سىزنىڭ يېنىڭىزدا پۇل بولسا سىز بۇ پۇلغا بىر ئوخشاش نەرسىنى تۇرۇكنىڭ ياكى باشقا مۇسۇلماننىڭ دۇكىنىدىن ئېلىشنى خالامسىز ياكى روسنىڭ ، كورىيەلىكنىڭ ، يەئۇدىنىڭ دۇكىنىدىنمۇ ؟؟ ھەممە مۇسۇلمان بىز ئۇيغۇردەك ئاقكۆڭۈل ساددا گول ئەمەس ! خۇددى سىز دىگىندەك ئەھمەت نىجاتمۇ چوتنى سىوقاپ بولدى !!
مېنىڭچە مىللىتىمىز بۇ كىتاپنى كېچىكىپ تونىغان بولسىمۇ ، يەنىلا بەلكى 50 يىلغىچە پايدىلىنىش قىممىتى بار بولۇشى مۇمكىن !
سىز بۇ كىتابنى 50 قۇر خېتىڭىز بىلەن خۇنىكلەشتۈرۋەتسىڭىز مىللىتىمىزدىكى بەزى كىشىلەر سىزنىڭ شامىلىڭىزغا ئەگىشىپ بۇ كىتاپ خاتا يېزىلغان ، ئامېركىلىقنىڭ بىزنىڭ كاللىمىزنى يۇيۇش ئۇچۇن يازغان ، ئامېركىلىقنىڭ مەنپەتى ئۈچۈن يازغان دىيىشتىن يانمايدۇ ! شۇڭا ، مەن دېمەكچى ، ياخشى كىتابلارغا رەدىيەنى ئازراق بەرسەك ، خەلقىمىزگە مەدەتنى كۆپرەك بەرسەك ، ئەگەر سىزدە شۇ كىتابنىڭ ئاپتۇرى بىلەن تەڭ تۇرغىدەك بىلىم بولسا ئۆزى بىلەن پاراڭلىشىپ شۇ كىشىنىڭ پىكرىنى تۇزىتەلىسىڭىز چوڭ ئىش بۇلاتتى ! كىتاپ دېگەندە نوقسان بوممايدۇ دېگىلى بوممايدۇ، پەقەت كاللىمىزنى ئىشلىتىپ ئاق قارىنى پەرىق ئېتىپ ئوقىساق بولىدىغۇ .
ھەمدە مەن ئاپتۇرنىڭ پىكرىگە قوشۇلىمەن ! بۇ يەردە مەنپەئەتلەر توقۇنىشى دەپ قۇشۇپ قويۇشنىڭ ھاجىتى يوق . زىغارلاپكەتكەننىڭ بەك جىق ئەھمىيىتى يوق ، ئەكسىچە شۇ كىتاپنى كۆپلەپ كىشى ئۇقىسا شۇنىڭ ئەھمىيىتى جىق بۇلۇشى مۇمكىن !
2012/02/05
“روسلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچىراپ كەتكەن دۆت خەلىقلەر ئۆزىنى بىز تۇتۇكلەردىن 5000 يىل نېرى دېيىشتىن يانمىايۋاتىدۇ “
مۇشۇ گېپىڭىزنى چۇشىنەلمدىم، مەنىسى ئېنىق ئەمەس، ئېنىقىراق چۇشەندۈرۈلەمسىز؟
2012/10/02