بۇ يەرگە تەۋسىيە يازمىلار قويۇلىدۇ

  • تەشۋىقات كۆزنىكى

    باش بەت > خەلقئارا ۋەزىيەت > قىزىق نۇقتا ئاسىيادا 1

    قىزىق نۇقتا ئاسىيادا 1

    2007-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى ئىزدىنىش تورىدا ئېلان قىلىنغان

     

    2007-ﻳﯩﻠﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﻗﯩﺰﯨﻖ نۇقتا ﺋﯩﺮﺍﻥ ﻳﺎﺩﺭﻭ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ، ﺑﯘ ﺋﻪﺳﯩﺮ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﻗﯩﺰﯨﻖ نۇقتا ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﻗﯩﺘﺌﻪﺳﯩﻨﻰ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﻗﯩﺘﺌﻪﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﻏﺎﻳﻪﺕ ﺯﻭﺭ ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ. جۇڭگو ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺑﯘ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﻟﻪﺷﻜﻪﻥ ﭼﻮﯓ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ئىقتىساﺩﻯ ﺷﯩﺪﺩﻩﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﺸﯩﭗ، ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﺎ ﺭﯦﻜﻮﺭﺕ ﻳﺎﺭﺍﺗﺘﻰ. ﺑﯘﻻﺭ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ تەرەققىي ﻗﯩﻠﺴﺎ، ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺋﻪﺳﯩﺮﮔﻪ ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﻼ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺳﻪﮬﻨﯩﺴﯩﺪﻩ ئامېرىكىغا قوﻟﯩﻨﻰ ﺗﻪﯕﻠﻪﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺳﯚﺯ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ، تەلەپلىرىنى قوﭘﺎللىق ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﺗﺎﻣﺎﻣﻪﻥ مۇﻣﻜﯩﻦ.

    ﻗﯩﺰﯨﻖ نۇقتىنىڭ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﺍ بولۇشىدىكى سەۋەبنى ﺳﯚﺯﻟﻪﺷﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ، ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﺷﻜﻪ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ.

    ﻣﯘﺷﯘ ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ئوتتۇرىلىرىدا ئامېرىكا، ﺭﻭسىيە، ﻳﺎﯞﺭﯗﭘﺎ ئىتتىپاﻗﻰ، جۇڭگو ﯞﻩ ﮬﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﯞﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭ ئىتتىپاﻗﻰ ﺋﯚﺯﺋﺎﺭﺍ ﻛﯜﭺ ﺳﯩﻨﯩﺸﺎﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﮕﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﯨﺪﯗ دېگەن ﭘﻪﺭﻩﺯﻧﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﺪﯨﻦ ﻗﺎﺭﺍﭖ ئوتتۇرىغا قوﻳﺎﻻﻳﻤﯩﺰ.

    1. ئامېرىكا: ئامېرىكىنىڭ ئىقتىساﺩﻯ ﯞﻩ ﭘﻪﻥ-ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﺴﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﯞﻩ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﺪﻩ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ئورۇننى ئىگىلىشى مۇﻣﻜﯩﻦ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ئامېرىكىنىڭ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﮬﻪﺭﺧﯩﻞ ﺗﯜﺯﯛﻣﻠﯩﺮﻯ، فۇنكىسيەلىرى ﯞﻩ ئىجتىمائىي ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺕ سىستېمىسى ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻣﯘﻛﻪممەللەشكەﻥ بوﻟﯘﭖ، ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ كۆﺭﯛﻟﻤﻪﻳﺪﯗ. ﻳﻪﻧﻰ ئامېرىكا ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ جىپسىلاشقان بولۇپ، ﺋﯘﻻﺭ ﮬﻮقۇﻕ-ﻣﻪنپەئەﺕ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﺑﯩﺮﺩﻩﻛﻠﯩﻜﻨﻰ ﺳﺎﻗﻠﯩﻐﺎﻥ. ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﺎ ھۆكۈمىتىگە ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺧﻪﯞپ ﮬﻪﺭﺑﯩﺮ ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﺎ ﺧﻪﻟﻘﯩﮕﻪ ﺯﯨﻴﺎﻥ ﺳﺎﻟﯩﺪﯗ. ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘﻻﺭ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻛﯜﭼﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﻳﺪﯗ.

    ﮬﻪﺭﺑﻰ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﯧﻴﯩﺘﻘﺎﻧﺪﺍ، ﮬﺎﺯﯨﺮ ئامېرىكىدا ﺑﺎﺭ ﺋﯩﻠﻐﺎﺭ قورال ﯞﻩ ﺋﯩﻠﻐﺎﺭ قورال ﺳﻪﭘﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﯞﻩ ﻣﯘﺗﻪخەسىس دەرىجىسىدىكى ﮬﻪﺭﺑﯩﻴﻠﻪﺭ ﺑﺎﺷﻘﺎ دۆلەتلەردىكىدىن ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ پەرقلىنىپ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ. ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎ ئۇرۇشىدىن ﺑﯘﻳﺎﻥ، ﺋﯘﻻﺭ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ جايلىرىدا ﺋﯘﺭﯗﺵ قىلغاچ، ﮬﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﻣﯘﮬﯩﺖ ﯞﻩ ﻳﻪﺭ ﺷﻪﻛﻠﯩﮕﻪ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﺎﺳﻠﯩﺸﯩﺶ، ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﻪﺭﺩﻩ ﻣﻮﻝ تەجرىبىگە ﺋﯩﮕﻪ. ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺗﻮﺭ سىستېمىسى ئامېرىكا قويۇپ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ سۈنئىي ھەمراھ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺑﯩﺮ ﺑﯘﻳﺮﯗﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ نېمە ﺋﯩﺸﻼﺭ بوﻟﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ، ﺑﯘ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻜﻰ ﻣﻪﺧﭙﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻜﻨﻰ ﺑﯩﺰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﻤﯩﺰ. ﻳﻪﻧﻪ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ئىقتىدﺍﺭﻏﺎ ﺋﯩﮕﻪ سۈنئىي ھەمراھنىڭ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻧﺎﻣﻪﻟﯘﻡ. ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﮬﺎﯞﺍ ئۈستۈنلۈكىنى ﻛﯩﻢ ئىگىلىسە ﺋﯘﺭﯗﺷﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ نەتىجىسىنى شۇ بەلگىلەيدۇ. ﮬﺎﺯﯨﺮ ئامېرىكا ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﺎﯞﺍ ئۈستۈنلۈكى ﺗﺎﻟﯩﺸﺎﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺗﯧﺨﻰ ﻳﻮﻕ. ﻳﺎﺩﺭﻭ قورال ﯞﻩ باشقۇرۇلىدىغان ﺑﻮﻣﺒﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ئىلغارلىرى ﻳﻪﻧﯩﻼ ئامېرىكىدا. ئامېرىكىنىڭ ﻗﯘﺭﯗقلۇﻕ، ﮬﺎﯞﺍ ﯞﻩ ﺩﯦﯖﯩﺰ ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﻳﻪﻧﻰ ئۈچ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻪ ﻣﺎﺳﻠﯩﺸﯩﭗ ﺟﻪﯓ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ئىقتىدﺍﺭﻯ ﺩﯗﻧﻴﺎ بويىچە ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰئورۇندا.

    ئىقتىسادىي ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﯧﻴﯩﺘﻘﺎﻧﺪﺍ، ئامېرىكا ﺩﻭﻟﻠﯩﺮﻯ ﺩﯗﻧﻴﺎ پۇلى ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻨﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ بولۇپ، ﺑﯘﻧﻰ ﺑﯩﺰ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﭘﯧﺮﯞﻭﺕ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻳﻤﯩﺰ. ﮬﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺩﯙﻟﻪﺗﺘﯩﻦ ﻣﺎﻝ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺩﻭﻟﻼﺭﻧﻰ ئالماشتۇرۇشتىكى ﯞﺍﺳﺘﻪ قىلىدۇ. ئامېرىكىنىڭ ئىقتىساﺩﯨﺪﯨﻦ ﭼﺎﺗﺎﻕ ﭼﯩﻘﺴﺎ، ﻳﻪﺭ ﺷﺎﺭﻯ ئىقتىساﺩﯨﺪﯨﻦ ﭼﺎﺗﺎﻕ ﭼﯩﻘﺘﻰ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﮔﻪﭖ.

    سىياسىي ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﯧﻴﯩﺘﻘﺎﻧﺪﺍ، ﺑﯘ ﺩﯗﻧﻴﺎ ئاساسىي ﺟﻪﮬﻪتتىن ئىقتىساﺩﻧﯩﯔ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ئىقتىساﺩﻯ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺳﻪﮬﻨﯩﺴﯩﺪﻩ ناھايىتى ﻣﯘﮬﯩﻢ ئوﺭﯗﻧﻐﺎ ﻳﻪﻧﻰ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﮬﻮقۇﻗﯩﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ. ئاددىيلاشتۇرۇپ ﺋﯧﻴﯩﺘﻘﺎﻧﺪﺍ ﭘﺎﻱ ﮬﻪﺳﺴﯩﺪﺍﺭﻟﯩﻖ ﺷﯧﺮﻛﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ. ﻛﯩﻢ ﭘﺎﻳﻨﻰ ﺟﯩﻖ ﻗﺎﺗﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺩﯨﮕﯩﻨﻰ ﮬﯧﺴﺎﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﻩﻙ.

    ئامېرىكا ﺗﺎﺷﻘﻰ دىپلوماتىيە ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺗﻪﺳﯩﺮﮔﻪ ﺋﯩﮕﻪ بولۇپ، ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺋﯩﺸﻼﺭنى ئامېرىكا ئوتتۇرىغا ﭼﯩﻘﻤﯩﺴﺎ ﺗﺎﻣﺎﻣﻪﻥ ﮬﻪﻝ قىلغىلى ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ئامېرىكا يەنە ﺋﯩﺮﺍﻗﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺑﯘ ﻣﻮﻝ نېفىت ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﻰ كونترول ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ ﺋﯧﻨﯩﺮﮔﯩﻴﻪﮔﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﯩﻨﻰ ﻣﯘﻗﯩﻢ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺋﯧﻨﯩﺮﮔﯩﻴﻪﮔﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﺎﻣﺎللىقىنى ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﭗ، ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺵ كۆتۈرۈۋاتقان ﺋﻪﻟﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ئىقتىساﺩﯨﻨﻰ ﻗﯩﺴﻤﻪﻥ كونترول ﻗﯩﻼﻻﻳﺪﯗ.

    ئامېرىكا ﻣﯘﺷﯘ ﮬﺎﻟﻪﺗﻨﻰ ﺳﺎﻗﻠﯩﺴﯩﻼ، ﻣﯘﺷﯘ ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ئوتتۇرىلىرى ﮬﻪﺗﺘﺎﻛﻰ ئاخىرىغىچە ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﯩﻠﯩﻜﻨﻰ ﺳﺎﻗﻠﯩﻴﺎﻻﻳﺪﯗ.

    2. روسىيە: ﺭﻭﺳﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﯧﻴﯩﺘﻘﺎﻧﺪﺍ، ﺋﯘ ﮬﻪﺭ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺗﯧﺨﻰ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻝ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺭﻭﺳﯩﻴﻪﻟﯩﻜﻠﻪﺭ كوممۇنىزىمدىن ﯞﺍﺯ ﻛﯩﭽﯩﭗ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺋﺎﯓ فورماتىسىيەنى ﻗﯘﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ئومۇمىي ﻣﯜﻟﯜﻛﭽﯩﻠﯩﻜﺘﯩﻦ خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىككە ئۆﺗﯜﺵ ﺟﻪﺭﻳﺎنىدﺍ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻣﻪسىلىلەﺭ ﺳﺎﻗﻼﻧﻐﺎﻥ. ﮬﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ فۇنكىتىسيەلىك ئورۇنلارنىڭ ماسلىشىشچانلىقى، ئىجتىمائىي ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺕ سىستېمىسى ﺗﯧﺨﻰ ﻣﯘﻛﻪممەﻝ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﭼﯧﭽﯩﻨﻴﻪ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﯘﺳﺘﻪقىللىق ﺩﻩﯞﺍﺳﻰ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯜﭼﻠﻪﺭ ﺗﯧﺨﯩﭽﻪ يوشۇرۇن ﺋﺎﭘﻪﺕ بولۇپ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘﺭﻣﺎﻗﺘﺎ. ﺋﯘﻻﺭ ﮬﻪﺭ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ﺗﺎﭘﺴﯩﻼ ﺭﻭﺳﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﺩۆﻟﻪﺕ پۈتۈنلىكى ﯞﻩ ئىقتىساﺩﯨﻐﺎ ﺯﻭﺭ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ. ﻳﻪﺭ-ﺯﯨﻤﯩﻨﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎ بويىچە ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ئورۇندا ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﺶ سىستېمىسىدىكى ﮬﺎﻟﻘﯩﻼﺭﻧﻰ ﺋﻮﯕﯘشلۇﻕ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﻗﯩﻠﻐﯩﻨﻰ ﻳﻮﻕ. ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﺘﯩﻜﻰ ﻛﯩﭽﯩﻚ دۆلەتلەرنىڭ ﺭﻭﺳﯩﻴﻪﮔﻪ ﻧﺎﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻖ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﻰ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ.

    ﺭﻭﺳﯩﻴﻪ ﺋﺎﺩﯨﻤﻰ ﺋﺎﺯ، زېمىنى ﻛﻪﯓ ﺩﯙﻟﻪﺕ بولۇپ، ﺗﻪبىئى ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻣﻮﻝ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺳﺎﻧﺎﺋﻪﺕ ﯞﻩ ﭘﻪﻥ -ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ئاساسىغا ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ يىللاﺭﺩﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ئىقتىساﺩﻯ ﺟﯘﺵ ﺋﯘﺭﯗﭖ ﺭﺍﯞﺍﺟﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. ﻧﺎﯞﺍﺩﺍ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﺎﻣﯩﻠﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ، ﺋﯘ ﻣﯘﺷﯘ ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ئوتتۇرىلىرىدا ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﭼﻮﯓ ئىقتىساﺩﻯ ﺩﯙﻟﻪﺕ بولالايدۇ.

    ھەربىي ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﯧﻴﯩﺘﻘﺎﻧﺪﺍ، ﺭﻭﺳﯩﻴﻪ ئامېرىكىدىن ﻗﺎﻟﺴﯩﻼ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺩﯙﻟﻪﺕ. «ﺋﺎﻕ ﺗﯧﺮﻩﻙ» ﻣﺎﺭﻛﯩﻠﯩﻖ باشقۇرۇلىدىغان ﺑﻮﻣﺒﯩﺴﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﮬﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻜﻰ نىشانلارنى ﺑﻮﻣﺒﺎﺭﺩﯨﻤﺎﻥ ﻗﯩﻼﻻﻳﺪﯗ. ﺋﺎﻟﻪﻡ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﻤﯘ تەرەققىي ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ بولۇپ، ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺳﻪﯞﯨﻴﻪﺩﻩ. ﺋﯘﻻﺭ ﻳﺎﺳﯩﻐﺎﻥ ئاپروپىلانلار ﮔﻪﺭﭼﻪ ئامېرىكىنىڭكىدەك يۇقىرى ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻟﯩﻖ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯩﻤﯘ، لېكىن ﯞﻩﻳﺮﺍﻥ ﻗﯩﻠﯩﺶ ئىقتىدارىغا ﺋﯩﮕﻪ. ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﯩﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻧﻐﺎ يېڭىلگىىنىنى ھېسابقا ﺋﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺭﻭﺱ قوشۇنلىرى ئاساسىي ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ (ﺋﺎفغاﻧﯩﺴﺘﺎﻥ ئۇرۇشى خاراكتېر ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﺗﺎﺟﺎﯞﯗﺯﭼﯩﻠﯩﻖ ئۇرۇشى ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ بۇ يەردە نەزەرگە ئېلىنمىدى)، «ﻳﯧﯖﯩﻠﻤﻪﺱ ﺑﺎﺗﯘﺭ قوشۇن» دېگەن ﭘﯜﺗﻤﻪﺱ-ﺗﯜﮔﯩﻤﻪﺱ ﺭﻭﮬﻰ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ.

    ﺭﻭﺳﯩﻴﻪ قوشۇنلىرى ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﺪﯨﻦ كېيىن، ﻣﯘﻧﺘﯩﺰﯨﻢ قوﺷﯘﻥ ئاجرىتىپ ﺋﺎفغاﻧﯩﺴﺘﺎﻧﻐﺎ ﮬﯘﺟﯘﻡ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ، ﮬﻪﺗﺘﺎﻛﻰ ﺑﯘ ﻧﺎﻣﺮﺍﺕ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﻰ 10 ﻳﯩﻞ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﻳﺎﺗﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، تولۇق كونترول ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻱ چېكىنىشكە ﻣﻪﺟﺒﯘﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﭼﯩﻜﯩﻨﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺸﯩﺪﺍ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ئىقتىسادىي ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﻛۆﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﺑوﻟﯘﭖ، سوۋېت ئىتتىپاﻗﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﻗﯩﺴﯩﻤﯩﺪﺍ سىياسىي ﺟﻪﮬﻪتتىنمۇ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﻛۆﺭﯛﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ سەۋەب ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﻠﯩﺪﯗ.

    ﺋﯘﻻﺭﺳﯩﺮﯨﺘﻘﻰ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﺋﯘﺭﯗﺵ-ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﻣﺎﺳﻠﯩﺸﯩﺶ ئىقتىدﺍﺭﻯ ﯞﻩ ﺳﻪﭘﻠﻪﻧﮕﻪﻥ قورال ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ئامېرىكىدەك ﻣﻮﻝ تەجرىبىگە ﺋﯩﮕﻪ ﺋﻪﻣﻪﺱ.ئۈچ قوشۇن (ﻗﯘﺭﯗقلۇﻕ، ﮬﺎﯞﺍ ﯞﻩ ﺩﯦﯖﯩﺰ ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﻯ) نىڭ ﻣﺎﺳﻠﯩﺸﯩﭗ ﺋﯘﺭﯗﺵ قىلىش ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻨﻰ بىلگىلى ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺭﻭﺳﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ يىللارﺩﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ئىقتىساﺩﻯ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ كېلىپ تەرەققىي ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ھەربىي ﺳﺎﮬﻪﮔﻪ ﺳﯧﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﺑﻠﯩﻐﻰ چەكلىمىگە ﺋﯘﭼﺮﺍﻳﺪﯗ. ﺭﻭﺳﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ياپونىيە ﺑﯩﻠﻪﻥ زېمىن ﺗﺎﻟﯩﺸﯩﺶ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺋﯘﻻﺭ ﺋﻮتتۇﺭﺳﯩﺪﺍ يوشۇرۇن ﺋﺎﭘﻪﺕ ﻣﻪۋﺟﯘﺕ ﮬﻪﻣﺪﻩ ئامېرىكىنىڭ ﺋﺎﻟﻴﺎﺳﻜﺎ ﺷﯩﺘﺎﺗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﻮﺷﻨﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﺋﯩﺴﺘﯩﺮﺍﺗﯩﮕﯩﻴﻪ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﺭﻭﺳﯩﻴﻪﮔﻪ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﯩﺰ. شىمالىي ﺋﺎﺗﻼﻧﺘﯩﻚ ﺋﻪﮬﺪﻯ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻰ ھېلىھەم ﻣﻪﯞﺟﯘﺩ بولۇپ ﺭﻭﺳﯩﻴﻪﻧﻰ تىزگىنلەشتە ﻗﯩﺴﻤﻪﻥ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﺎﯞﺍﺗﯩﺪﯗ.

    ئىقتىسادىي ﺟﻪﮬﻪتتىن ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﯧﻴﯩﺘﻘﺎﻧﺪﺍ، ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯘﺭﯗﻧﺪﯨﻼ ﺳﺎﻧﺎﺋﻪﺕ ئاساسىغا ﯞﻩ ﻣﻮﻝ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺭﻭﺳﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ كېلىشى ﯞﻩ تەرەققىي قىلىشى ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺗﯧﺰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻗﺘﺎ، ﺋﯘ ﻣﯘﺷﯘ ﮬﺎﻟﻪﺗﻨﻰ ﺳﺎﻗﻠﯩﺴﯩﻼ ﻣﯘﺷﯘ ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﻩ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﭼﻮﯓ ئىقتىساﺩﻯ ﺩﯙﻟﻪﺗﻜﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.

    رۇسىيەنىڭ ﻧﯩﻔﯩﺖ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻳﺎﺧﺸﻰ بولۇپ، ﭼﻮﯓ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ مونوپول قىلىشىغا ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯗﺵ ئىقتىدﺍﺭﯨﻨﻰ شەكىللەندۈرگەن. ياۋروپا ئىتتىپاﻗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﻧﯧﻔﯩﺖ ﯞﻩ ﮔﺎﺯ ﺋﯧﻜﯩﺴﭙﻮﺭﯨﺖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ئىقتىساﺩﻯ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ-ﻛﯜﻧﮕﻪ ﺟﯩﭙﺴﯩﻼﺷﻘﺎﻥ. ﺋﺎﯓ-فورماتىسيەدىكى ﭘﻪﺭﻗﻨﻰ ﺑﯘﻻﺭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ﻣﻪنپەئەﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ.

    ﺋﯘ ﺏ ﺩ ﺕ ﻧﯩﯔ ﺩﺍﺋﯩﻤﻰ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ بولۇش ﺳﯜﭘﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ خەلقئارادا سىياسىي ﺟﻪﮬﻪتتىن ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ-ﻛﯜﻧﮕﻪ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺭﻭﻝ ئويناﯞﺍﺗﯩﺪﯗ، ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ئىقتىسادىي ﺗﻪﺭﻩققياﺕ ﺑﯩﻠﻪﻧﻤﯘ ﺯﯨﭻ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ :چاۋشيەن ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺗﻪﺭﻩﭖ سۆﮬﺒﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﭘﻪﻟﻪﺳﺘﯩﻦ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ تۆت ﺗﻪﺭﻩﭖ ﺳﯚﮬﺒﯩﺘﯩﺪﻩ ﺧﯧﻠﻰ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺭﻭﻝ ئويناﯞﺍﺗﯩﺪﯗ. ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﺭﻭﺳﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ-ﻛﯜﻧﮕﻪ ﻛﯜﭼﯩﻴﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ.

    تاشقى ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ جۇڭگو، ﮬﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻥ ﯞﻩ ياۋروپا ئىتتىپاﻗﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﻪﺳﯩﺮﮔﻪ ﺋﯩﮕﻪ ئەللەر ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻜﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﭗ، ﺋۆﺯﯨﻨﯩﯔ خەلقئاردا ﻳﯩﺘﯩﻢ ﻗﯧﻠﯩﺶ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﯩﺪﯨﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﯘﭖ، ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. ئۆزبېكىستان، ﺗﺎﺟﯩﻜﯩﺴﺘﺎﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺧﻮﺷﻨﺎ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﯧﺴﯩﻢ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﭗ، ئامېرىكىنىڭ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻗوﺷﯘﻥ تۇرغۇزۇشىغا ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻛﯜﭼﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭۇﯞﺍﺗﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﺋﺎﻣﺎﻝ ﺋﯩﺰﺩﻩﯞﺍﺗﯩﺪﯗ. دىپلوماتىيە ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﻮﻥ ﻳﯩﻞ ئېتىبارسىز ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻥ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﯩﻴﻪﻧﻰ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪﯞﺍﺗﯩﺪﯗ…



  • يازما ئادرېسى: [يازما مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ، پايدىلانسىڭىز بولىدۇ.]
  • ئالدىنقى يازما: كېيىنكى يازما:

    باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    无觅相关文章插件,快速提升流量