ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! ئامان تۇرۇپسىلەرمۇ؟
ئاۋۋال سىلەرگە ھېيتلىق سالام يوللايمەن، روزى ھېيىتىڭلارغا، قۇتلۇق كۈنۈڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!
سالامدىن سوڭرە سۆزۈم شۇكى، بۇ يازمىنى ئوقۇۋاتقىنىڭىزدا مەن يۇرتتا ھېيت تەنتەنىسى بىلەن بولىمەن، بىلوگمۇ ھەم ھېيتلىق يېڭى «چاپان» كىيگەن بولىدۇ.
مۇخلىسلىرىمغا مەلۇمكى، ئۆز كەسپىم كومپيۇتېر تۇرۇپ، بىلوگ ساھەسىگە نىسبەتەن كېچىكىپ (2009-يىلى 2-ئاي) كىرگەن ئىدىم. ئۇ چاغدىكى بىلوگىم blogbus سۇپىسىدا ئىدى.
ئەلقىسسە، بىلوگ قۇرۇلۇپ 5 ئاي بولاي دېگەندە، شىنجاڭنىڭ تورى تاقىلىپ قالدى. بىر يىلدىن كېيىن، تور ئېچىلغان بولسىمۇ، نۇرغۇن ئاقماس سەۋەبلەر بىلەن، بىلوگنى داۋاملاشتۇرۇپ بولالمىدىم.
2011-يىلى يىل بېشىغا كەلگەندە غەيرەتكە كەلدىم بولغاي، نامىدا مۇستەقىل تور نامى ئېلىپ، WordPress سىستېمىسىدا بۇ خاس كەپەمنى قايتا ئېچىۋالدىم.
شۇ كۈنلەردە بىر ئۇسلۇبقا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى. بۇ ۋاقىت WordPress سىستېمىسىغا ئەمدىلەتىن كىرىشكەن ۋاقتىم بولغاچ، ئۇسلۇب بىلەن بىر ئايغا يېقىن ھەپىلىشىپ ئۇيغۇرچىلاشتۇردۇم، قىسقىسى ئۆزۈمگە تولۇق يارىغۇدەك دەرىجىگە ئەكەلدىم. شۇ ئۇسلۇبنى تاكى بۈگۈنگىچە ئىشلىتىپ كەلدىم.
ئارىدا بىر ئاز ئىش قوشۇپ، زىننەتلىگەنمۇ بولدۇم. لېكىن بۇ ئۇسلۇب قانداقلا پەيزى بولۇپ كەتسۇن، بەرىبىر خەقنىڭ قولىدىن چىققان «يات مال» ئىدى.
2011-يىلى يىل بېشىدىن بۈگۈنگە قەدەر نۇرغۇن كىشىگە ئۇسلۇب يېزىپتىمەن-يۇ، ئۆزۈمنى ئۇنتۇپتىمەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى WordPress ئۇستىلىرىدىن تەدبىركار ۋە مۇشاۋىر، UI لايىھەلەش ئۇستىلىرىدىن Giant ۋە Jesur لار يېنىمدا تۇرۇپتۇ-يۇ، «ئۇكىلىرىم، مەن بىكار بولۇپ بولالمىدىم، بىلوگىمغا ئۇسلۇبتىن بىرنى يېزىپ چىقىڭلار» دېمەپتىمەن.
نەچچە ئاي بۇرۇن بىلوگىمغا كىرىپ، ئېلان قىلىنغان يازمىلارنى بىرمۇ-بىر كۆرۈپ چىقتىم. 7-8 ئايدىن بېرى بىلوگنى ھەقىقەتەن تاشلىۋەتكەن ئىدىم. ئەگەر توخۇتۇر بۇرادەر بىلوگقا كۈن ئاتلىماي يازما يېزىپ تۇرمىغان بولسىدى، بۇ ۋاقىتقىچە بىلوگ ئاللىقاچان ۋەيران بولغان بولاتتى.
ئاخىرى ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ بىلوگقا ئۇسلۇب يېزىش نىيىتىگە كەلدىم. شۇنداق قىلىپ پۈتۈنلەي بىر قولدىن چىققان، UI (كۆرۈنمە يۈز) ۋە كودى پۈتۈنلەي نۆلدىن باشلاپ يېزىلغان يېڭى ئۇسلۇب ئاخىرى مەيدانغا كەلدى. قىسقىسى، 5 ياشقا كىرەي دەپ قالغان قەدىناس بىلوگىمغا ھېيتلىق بېرىشكە ئالدىرىدىم. دېمىسىمۇ 5 ياشقا كىرگەن، بالام ئورنىدىكى قەدىناس بىلوگىم يىرتىق ئىشتاندىن قوڭغۇراقلىرىنى كۆرسىتىپ يۈرسە، ئاتا بولمىش ماڭا سەت ئەمەسمۇ؟
ئاقىۋەت، بۇ ئۇسلۇبنىڭ بەزى بۆلەك ۋە ئىقتىدارلىرى ۋاقىت ئېتىبارى سەۋەبىدىن تېخى تولۇق يېزىپ بولۇنمىغان بولسىمۇ، ھېيت خاسىيىتىدىن ئېلان قىلىنىپ كەتتى.
ئاللاھ خالىسا بىلوگدا ئىشقا ئاشۇرۇشقا پىلانلانغان ئىقتىدارلار ھېيتتىن كېيىن داۋاملىق قوشۇلىدۇ.
ھېيتىڭ خۇشھال ئۆتسۇن بىلوگىم، تەڭتۇشلىرىڭ ئالدىدا زىنھار بويۇن قىسىپ قالما!
ھېيتىڭلار خۇشھال ئۆتسۇن قېرىنداشلار، ھەر بىر كۈنۈڭلار ھېيتتەك ئۆتكەي!
ئاخىرىدا قېرىنداشلىرىمغا، قىسمەت بىلوگى ئۈچۈن تەر ئاققۇزۇۋاتقان كۆلتېگىن، توخۇتۇر قاتارلىق يازارمەنلىرىمگە سالام يوللايمەن، ئامان بولۇڭلار!
ئەسسالام، قىسمەت بۇرادەر!
بلوگنىڭ يېڭى ئۇسلۇبى بەك ئېسىل ئىشلىنىپتۇ، مۇبارەك بولسۇن! ئەمدى خاتىرىلەرنى ئۈزۈپ قويماڭلار.
2013/08/08
يېڭى چاپانغا مۇبارەك بولسۇن! قىسمەتلەر داۋاملاشقاي!
2013/08/08
ئەسسالامۇ ئەلەيكوم قىسمەت بۇرادەر! بلوگنىڭ يېڭى تونىغا مۇبارەك بولسۇن. چۈچۈك يازمىلىرىڭىز تېخىمۇ مول بولسۇن!
2013/08/13
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام، بۇرادەرلەر!
ياخشى تىلىكىڭلار ئەمەلىمدە كۆرۈلگەي، ئامىن!
2013/08/13
ئەسسالامۇ – ئەلەيكۇم، مۇبارەك بولسۇن! ئۇسلۇپ شۇنداق كۆركەم چىقىپتۇ. بۇندىن كىيىن ئالدىراشچىلىق ئىچىدە بلوگنى تاشلاپ قويماي، تىتىملىق يازمىلارنى يوللاپ تۇرىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن، قىسمەتكا!
2013/08/18
يېڭى چاپانغا مۇبارەك بولسۇن قىسمەتكا! ئاز تولا كاشىلىلىرىنى ھىسابقا ئالمىغاندا، «چاپان ماۋۇۇۇۇۇ!» دىگۈدەك نوچى چىقىپتۇ ما چاپان.
2013/08/20
ئەسسالامۇئەلەيكۇم بۇ ھېيتلىق چاپان بەك چىرايلىق چىقىپتۇ…
قىسمەتلەر ئۈزۈلۈپ قالمىغاي….
2013/08/22
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، سىز قايسى دىتالدىن پايدىلىنىپ يازدىڭىز بۇ ئۇسلۇبنى؟ مەنمۇ بۇرۇن يازغان، لېكىن ئاددىيلا بولۇپ قالغاندى، شۇڭا ئىشلەتمىگەن، بىر نەچچە تەييار ئۇسلۇب يازىدىغان دىتال بار ئىكەن، ئۇلار كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەسكەن، شۇڭا سىزدىن تەلىم ئالاي دېگەن
2013/09/08
مەن كود تەھرىرلىگۈچ ++Notepad دىن پايدىلىنىپ يازىمەن. بۇ قورالنى بۇ يەردىن چۈشۈرەلەيسىز.
2013/09/09