بۇ يەرگە تەۋسىيە يازمىلار قويۇلىدۇ

  • تەشۋىقات كۆزنىكى

    باش بەت > خەلقئارا ۋەزىيەت > قىزىق نۇقتا ئاسىيادا 4

    قىزىق نۇقتا ئاسىيادا 4

    ﻗﯩﺰﯨﻖ ﻧﻮﻗﺘﺎ ﻧﯩﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ؟

    ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﺍ ﺑﺎﺵ ﻛﯚﺗﯜﺭﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﻣﯘ ﻛﯚﭖ، ﺋﯧﻨﯩﺮﮔﯩﻴﻪﻣﯘ ﻛﯚﭖ. سوۋېت ئىتتىپاﻗﯩﻨﯩﯔ ﭘﺎﺭﭼﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﺋﺎﺟﯩﺰﻻﺷﻘﺎﻧﺪﯨﻦ كېيىن، ﮬﻪﺭﻛﯩﻢ ﺑﯘ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﺋﯚﺯ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﺸﻨﻰ، ﻣﻪنپەئەﺗﯩﻨﻰ ﺋﻪﯓ ﺯﻭﺭ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ گەۋدىلەندۈرۈشنى ئۈمىد قىلىشىدۇ.

    ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﯩﺴﻰ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎ ئۇرۇشىدىن كېيىن مۇستەقىللىككە ئېرىشكەن بولۇپ، سىياسىي ﺗﯜﺯﯛﻟﻤﻪ ﯞﻩ ئىقتىسادىي ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ مۇكەممەلىككە ﯞﻩ ﻣﯘﻛﻪممەﻝ ﺋﺎﺳﺎﺳﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﯩﻦ قېلىپ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ زېمىن، ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﮔﻪﯞﺩﯨﻠﯩﻚ. ﺑﯩﺮ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﻗﯩﺘﺌﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩققىياﺗﯩﻤﯘ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺗﻪﻛﺸﯩﺴﯩﺰ، ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﻣﯘﮬﯩﺖ، ﺋﯚﺭﭖ ﺋﺎﺩﻩﺕ، دىنىي ئېتىقاد ﯞﻩ ﻣﻪﺩەنىيەﺕ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﻏﺎﻳﻪﺕ ﺯﻭﺭ ﭘﻪﺭققە ﺋﯩﮕﻪ. ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ئىقتىسادىي ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺑﯧﻘﯩﻨﯩﺸﻰ، تەرەققىي ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ غەرب ﺋﻪللىرﯨﺪﻩﻙ ﺑﺎﻏﻠﯩﻨﯩﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ئەرەب ﺋﻪﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ غەربىي ﯞﻩ ﺋﻮتتۇﺭﺍ شەرقىي ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻣﯘﺭﻩككەﭖ بولۇپ، تەبىئىي ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻨﻰ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشلەرنى ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ. ئەرەبلەرنىڭ ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺘﭙﺎﻗﻠﯩﺸﺎﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯜﭖ سەۋەب ﺋﯘﻻﺭ ئىقتىسادىي ﺟﻪﮬﻪتتىن ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﺑﯧﻘﯩﻨﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺋۆﺯﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪنپەئەﺗﯩﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﺭﺍﺭ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﭼﻘﺎ، ئىتتىپاقسىزلىق ئاساسىي ئامىلغا ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ. ئەرەبلەرنىڭ ﺳﺎﻧﺎﺋﯩﺘﻰ ﺋﺎﻧﭽﻪ تەرەققىي ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻥ بولۇپ، ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ ﻛﯩﺮﯨﻤﻰ ئاساسلىقى ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻨﻰ ﺳﯧﺘﯩﺸﺘﯩﻦ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﻛﯩﺮﯨﻤﺪﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ سىياسىي ﺗﯜﺯﯛﻟﻤﯩﺴﯩﺪﻩ دېموكراتىيە ﮔﻪﯞﺩﯨﻠﻪﻧﻤﯩﮕﻪﻥ بولۇپ، ﮬﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﯧﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺕ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪ ئوتتۇرىسىدا ﺋﯩﺨﺘﯩﻼﭖ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺋﯧﻐﯩﺮ. ﮬﻮﻗﻮﻕ ﺩﺍﺩﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﻐﺎ مىراس ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ ﺩﻩﭖ ﻳﻪﻛﯜﻧﻠﯩﺴﻪﻙ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

    ﺋﻮتتۇﺭﺍ ﯞﻩ شىمالىي ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻧﻰ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ تۈركىي ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ كۆپىنچىسى سوۋېت ئىتتىپاﻗﻰ پارچىلانغاندىن ﻛﯩﻴﯩﻦ ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ مۇستەقىللىككە ئېرىشكەن بولۇپ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﻗﯩﺴﻤﯩﺪﯨﻜﻰ ﺯﯨﺪدﯨﻴﻪﺕ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ئىقتىساﺩﻧﻰ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺗﯜﺯﯛﻟﻤﻪ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﮔﻪﯞﺩﯨﻠﯩﻚ ئىپادىلىنىدۇ. ﺋﯘﻻﺭ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ بولۇشتىن ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺑﯩﺮ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋۆﻟﻜﻪ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ رايونى ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺑﯩﺮ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﻰ ﻗﯩﺴﻤﯩﻠﯩﻖ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻨﯩﻐﺎﭼﻘﺎ، ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ كېيىن، ﺑﯩﺮ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﮔﻪﯞﺩﯨﺴﻰ بولۇش ﺟﻪﺭﻳﺎنىدىكى نۇﺭﻏﯘﻥ ﮬﺎﻟﻘﯩﻼﺭﺩﺍ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ كۆرۈلۈپ، ئىقتىسادىي چېكىنىش، ﭼﯩﻜﯩﻨﯩﺸﺘﯩﻦ ﺗﻮﺧﺘﺎﺵ، ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ كېلىش ﯞﻩ تەرەققىي ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﺷﺘﯩﻦ ﻛﻪﭼﯜﺭﯨﺪﯗ. ﻣﯘﺷﯘ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﺪﺍ ﺳﯩﺮﯨﺘﻘﻰ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮﺍﭖ، ﺑﯩﺮ مەزگىلگىچە ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﺑﯧﻘﯩﻨﯩﺶ، ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﺸﺘﯩﻦ ﺧﺎﻟﻰ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻜﻰ ھەربىر ئۆزگىرىش ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﻗﯩﺰﯨﻖ نۇقتا بولالايدۇ.

    ﺋﯩﻜﻜﯩﮕﻪ بۆلۈنۈپ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ چاۋشيەن ﯞﻩ كورىيە، جۇڭگو ﯞﻩ ﺗﻪﻳﯟﻩﻧﻨﻰ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ شەرقىي ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﯞﻩﺯﯨﻴﯩﺘﻰ، ﻳﯜﻛﺴﻪﻙ تەرەققىي ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ كورىيە ﯞﻩ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ قوشۇنغا ﺋﯩﮕﻪ ﻧﺎﻣﺮﺍﺕ چاۋشيەن، ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ئامېرىكا ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ياپونىيە ﯞﻩ كورىيەدە ﻣﻪﯞﺟﯘﺩ بولۇپ تۇرۇشى ﺋﺎﺳﯩﻴﺎدا ﮬﻪﺭﻗﺎﭼﺎﻥ ﭼﻮﯓ ئۆزگىرىش بولۇشتەك ﺑﯩﺮ ﯞﻩﺯﯨﻴﻪﺗﻨﻰ ﺷﻪكىللەﻧﺪﯛﺭﮔﻪﻥ. جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺯﻭﺭ مۇۋەپپەقىيىتى، چاۋشيەننىڭ ﻳﺎﺩﺭﻭ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ، ﺗﻪﻳﯟﻩﻧﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯ ﺑﯧﺸﯩﻤﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻠﯩﺮﻯ، ياپونىيە ﺑﯩﻠﻪﻥ جۇڭگونىڭ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﯩﻜﻰ مەسلىلەر ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎﻻﺵ-ﺗﺎﺭﺗﯩﺸﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﮬﻪﺭﻗﺎﭼﺎﻥ ﻗﯩﺰﯨﻖ نۇقتا بولۇپ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ.

    ئىقتىسادى ﻣﯘﻗﯩﻢ ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺳﯩﻴﺎﺳﻰ ﯞﻩﺯﯨﻴﯩﺘﻰ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﻣﯘﻗﯩﻢ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺟﻪﻧﯘﺑﻰ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺋﯩﮕﻪ. ﺑﯩﺰ ﺑﯘﻧﻰ ﺗﺎﻳﻼﻧﺪتىكى ئىقتىسادىي ﺋﯩﺴﻼﮬﺎﺕ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ مۇۋەپپەقىيەت ﻗﺎﺯﺍﻧﻐﺎﻥ ﺯۇﯕﻠﻰ ﺗﺎﺷﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻛﯧﭽﯩﺪﯨﻼ سىياسىي ئۆزگىرىشنىڭ ﻗﯘﺭﺑﺎﻧﻰ ﺑوﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺗﯩﭙﯩﻚ ﻣﯩﺴﺎﻟﻰ. ﻓﯩﻠﯩﭙﯩﻦ، ﺳﯩﺮﻻﻧﻜﺎ، ﺑﯧﺮﻣﺎ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ھەممىسى سىياسىي ﺩﺍﯞﺍﻟﻐﯘش ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺑوﻟﯘﭖ، ﮬﻪﺭﻗﺎﭼﺎﻥ ﭼﻮﯓ ئۆزگىرىش ﺑوﻟﯘﭖ، ﻗﯩﺰﯨﻖ نۇقتا بولۇشى ﻣۇﻣﻜﯩﻦ…

    ﻣﯘﺷﯘ ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﻮتتۇﺯ -ﻗﯩﺮﯨﻘﯩﻨﭽﻰ يىللىرﯨﺪﯨﻦ كېيىن ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﻗﯩﺰﯨﻖ نۇقتا ﺋﺎﻓﺮﯨﻘﯩﻐﺎ ﻳﯚﺗﻜﯩﻠﯩﺪﯗ.



  • يازما ئادرېسى: [يازما مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ، پايدىلانسىڭىز بولىدۇ.]
  • ئالدىنقى يازما: كېيىنكى يازما:

    باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    • 1#
      راخمان

      سوۋىت ئىتىپاقى پارچىلىنىشنىڭ ئالدى-كەينىدىكى ۋەقەلەر توغرىسدا بىر تېما يازسىڭىز بوپتىكەن.

    • 2#
      قىسمەت

      بەزى دۆلەتلەرنىڭ ئاسىياغا، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىياغا جايلىشىپ قالغانلىقى ئۇلارنى پاجىئەسى بولۇپ قالدىمۇ قانداق؟

    无觅相关文章插件,快速提升流量