بۇ يەرگە تەۋسىيە يازمىلار قويۇلىدۇ

  • تەشۋىقات كۆزنىكى

    باش بەت > «خەلقئارا ۋەزىيەت» سەھىپىسىدىكى يازمىلار

    • kim1

      ماركسىسىزملىق پەلسەپەنى خاتا چۈشىنىۋالغان بۇ ئەقلى كەمتۈكنىڭ ئۆزىنىڭ ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، كىشىلەرنى دىنغا ئېتىقاد قىلىش ھوقوقىدىن مەھرۇم قىلىشقا ئۇرۇنۇشىدىن مەنپەئەتى ئۈچۈن ۋاسىتە تالىمايدىغان قەبىھلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. ئاللاھنىڭ ھەقىقەتەن رەھمىتى كەڭرىكەن، ئۆزىنى ئېتىراپ قىلمايدىغان مۇشۇنداق گۇيلارغا جاھاننىڭ چوڭ ئىشلىرىنى تۇتقۇزۇپ سىنايدىكەن دېسە…

      كىم جوڭئىل ئەپەندى، ئەلۋىدا !

      چاۋشيەن خەلقى، سىلەرگە ئاسايىشلىق، ئەقلى-ھۇشى جايىدا بىر سىياسىي رەھبەر تىلەيمەن!

    • toqunush

      مەدەنىيەتلەر راستتىنلا توقۇنۇشامدۇ؟ رەڭگارەڭ مەدەنىيەتلەر ھەمدەمدە ياشاش مۇمكىن ئەمەسمۇ؟! ئەگەر، سامۇئېل خانتېڭتوننىڭ گېپى بويىچە ئېيتقاندا، «پەرقلىق مەدەنىيەتلەرنىڭ تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى، مەڭگۈ بىللە مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن ئەمەس» دېيىلسە، ئىنسانلارنىڭ يارىتىلىشىدىنلا ھەرخىل ئىرىق، ھەرخىل مەدەنىيەتتە ئىكەنلىكىنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟!

      ئىران بۇ ئىشقا ئارىلاشسا، ئىرانغا كېلىدىغان مەنپەئەت قانچىلىك بولىدۇ؟ ئارىلاشمىسا قانچىلىك بولىدۇ؟ خامچوت قۇرۇلۇشى كەسپىي دوكتورى ئەھمەدىي نىجادنىڭ بۇنى ھېسابلاپ چىقىرالىغۇچىلىكى بار. ئۇنىڭ قارىشىدا بۇ توقۇنۇشقا ئارىلاشمىسا (شۇنىڭ بىلەن پەلەستىن ھاماسلىرى يوقالسا ياكى يوقىلىشى تېزلەشسە) كېلىدىغان مەنپەئەت كۆپرەك (چۈنكى ئۇ سۈننىي، بۇ شىئە). بۇ يەردە، گېپىمىزنىڭ ئىسپاتى سۈپىتىدە ئىران ئىسلام ئىنقىلابىنىڭ داھىيسى ھۇمەينىنىڭ «ھازىر يەر شارىدا ئىراننىڭ ھېچقانداق قېرىندىشى يوق» دېگەن سۆزىنى ئەسلەپ ئۆتۈش ئارتۇقچە بولمىسا كېرەك.

    • gepler

      ﻣﯘﺷﯘ ﭘﯩﮋﻏﯩﺮﯨﻢ ئىسسىقتا لىۋىيەلىكلەر، ﻟﯩﯟﺍﻧﻠﯩﻘﻼﺭ، ﺋﯩﺮﺍﻗﻠﯩﻘﻼﺭ ﻛﯜﻧﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯۈﯞﺍﺗﻘﺎﻧﺪﯗ؟ ﺳﻪﻱ-ﻛﯚﻛﺘﺎﺕ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﺎﺯﺍﺭﻏﺎ ﺑﺎﺭﺳﺎ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺭﺗﻼﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﭘﺎﺭﭼﻪ بولۇپ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻜﻪﻥ، ﺋﺎﺧﺸﯩﻤﻰ ﺑﻮﻣﺒﺎﺭﺩﯨﻤﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﻗﻮﺭﻗﯘﭖ ﻳﻪﺭ ﺋﺎﺳﺘﻰ ئۆيگە كىرىۋالغانغا ﻗﻮﻳﻤﺎﻱ ﭘﺎﺭﺗﻠﯩﺘﯩﭗ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭۈﯞﯦﺘﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. ﭘﺎﺷﯩﻨﯩﯔ ﻏﯩﯖﺸﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﯞﺍﺯﯨﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﺋﯘﺧﻠﯩﻴﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﻣﻪﻧﺪﻩﻙ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺑﻮﻣﺒﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﯞﺍﺯﯨﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﺋﯘﺧﻠﯩﻴﺎﻟﯩﺸﯩﻢ مۇﻣﻜﯩﻨﻤﯘ؟ ئاۋۇ دۆلەتلەردىكىدەك ﻛﯜﻟﭙﻪﺗﻠﯩﻚ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﺘﺎ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻥ ﺗﯘﺭﺳﺎﻡ ﺳﺎﺭﺍﯓ بولۇپ ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﻢ، ﮬﯩﭻ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﻢ مۇﻣﻜﯩﻦ… ﺋﯘﻻﺭ نېمىدېگەن ﺩﻩﮬﺸﻪﺗﻠﯩﻚ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﻧﻰ كۆرۈۋاتىدۇ-ﮬﻪ. ﺑﯘنى ﺗﯩﺮﯨﻚ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺩﻭﺯﺍﻕ ﺋﺎﺯﺍﺑﯩﻨﻰ كۆرۈش دېسىمۇ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﻛﻪﺗﻤﯩﮕﯜﺩﻩﻙ.

    • ereb

      ئەرەبلەر يەھۇدىيلارنىڭ ئۆلۈمىنى تىلىگەندىن كۆرە، ئاللاھدىن ئۆزلىرىگە ئۇزۇن ئۆمۈر بېرىشىنى تىلىسە مۇۋاپىقتەك. يەھۇدىيلارنى ئاجىز ۋاقتىدا بىرتەرەپ قىلالمىغان ئەرەبلەر ئەمدىلىكتە ئاچچىق رېئاللىقنى قوبۇل قىلىپ، پەلەستىندىكى ئەرەبلەرنىڭ مۇۋاپىق، كىچىك بولسىمۇ دۆلەت قۇرۇۋېلىشىغا ياردەمدە بولسا تېخىمۇ ئوڭ بولىدىغاندەك ھېس قىلدىم. چۈنكى ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ باشقىلارنىڭ ئىشىغا كۆڭۈل بۆلگۈدەك ھالى ۋە ۋاقتى قالمىغاندەك تۇرىدۇ.

    • ereb

      نېفىتى بار ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى خەلق نامايىش قىلىپ ھاكىمىيەتكە قارشى چىقسا، ھاكىمىيەت بېشىدىكى مۇستەبىتلەر بۇ ۋەقەنى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب نېفىتنى بۇلىماقچى دەپ ۋەز ئېيتىپ، ئۆزىنىڭ ئىقتىدارسىزلىقىنى، مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنى ئامال قىلىپ پەردازلاپ يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ . توغرا ئۇلار نېفىت ئۈچۈن كەلدى، ئۇلار ھامان كەلمەكچى ئىدى، بىراق بۇنىڭ سەۋەبىنى بۇ مۇستەبىتلەر شۇنچە يىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ تۇرۇپمۇ ئۇلارنىڭ كېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالمىغىنى، تەدبىر كۆرمىگەنلىكىدىن كۆرۈش كېرەك.

    • asiya

      ﺋﯩﻜﻜﯩﮕﻪ بۆلۈنۈپ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ چاۋشيەن ﯞﻩ كورىيە، جۇڭگو ﯞﻩ ﺗﻪﻳﯟﻩﻧﻨﻰ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ شەرقىي ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﯞﻩﺯﯨﻴﯩﺘﻰ، ﻳﯜﻛﺴﻪﻙ تەرەققىي ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ كورىيە ﯞﻩ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ قوشۇنغا ﺋﯩﮕﻪ ﻧﺎﻣﺮﺍﺕ چاۋشيەن، ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ئامېرىكا ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ياپونىيە ﯞﻩ كورىيەدە ﻣﻪﯞﺟﯘﺩ بولۇپ تۇرۇشى ﺋﺎﺳﯩﻴﺎدا ﮬﻪﺭﻗﺎﭼﺎﻥ ﭼﻮﯓ ئۆزگىرىش بولۇشتەك ﺑﯩﺮ ﯞﻩﺯﯨﻴﻪﺗﻨﻰ ﺷﻪكىللەﻧﺪﯛﺭﮔﻪﻥ. جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺯﻭﺭ مۇۋەپپەقىيىتى، چاۋشيەننىڭ ﻳﺎﺩﺭﻭ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ، ﺗﻪﻳﯟﻩﻧﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯ ﺑﯧﺸﯩﻤﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻠﯩﺮﻯ، ياپونىيە ﺑﯩﻠﻪﻥ جۇڭگونىڭ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﯩﻜﻰ مەسلىلەر ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎﻻﺵ-ﺗﺎﺭﺗﯩﺸﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﮬﻪﺭﻗﺎﭼﺎﻥ ﻗﯩﺰﯨﻖ نۇقتا بولۇپ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ.

    • asiya

      سىياسىي ﺳﻪﮬﻨﯩﺪﻩ ﻣﻪﯕﮕﯜﻟﯜﻙ دوست ﻳﻮﻕ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﻣﻪﯕﮕﯜﻟﯜﻙ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ ﻳﻮﻕ. ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﻣﻪنپەئەﺕ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ، ﺷﻪﺧﺴﻰ ﻣﻪنپەئەﺕ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻠﯩﺸﯩﭗ، ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ھىسسىياتنى ئارىلاشتۇرۇپ مىللىي قەھرىمان ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﺑﯩﺮ تۇغقان ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻨﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﺘﯩﭗ، ھېچ ﺋﯩﺶ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﻳﯜﺭﯛﺵ، ﻣﯧﮭﺮﯨﺒﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﻛﻪﺗﺴﻪ ﻛﯚﺯﯨﮕﻪ ﺋﯩﻠﻠﯩﻖ ﻳﺎﺵ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻳﯩﻐﻠﯩﺴﺎ، ئەسەبىيلىكى ﺗﯘﺗﯘﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ﺋﻪﯓ ﭘﻪﺳﻜﻪﺵ ﺋﯘﺳﯘﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺯﺩﯨﻦ يوقىتىش. راستنى ﻳﺎﻟﻐﺎﻥ، ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﻨﻰ راست كۆرسىتىپ، ﻗﺎﻥ ﭼﯩﻘﺎﺭﻣﺎﻱ ئىنقىلاب قىلىش. مانا بۇ سىياسىي سەھنە.

    • asiya

      ھەربىي ﺟﻪﮬﻪتتىن ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﯧﻴﯩﺘﻘﺎﻧﺪﺍ، جۇڭگونىڭ ﻗﯘﺭﯗﻗﻠﯘﻕ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﻰ يۇقىرى ﺳﻪﯞﯨﻴﻪﺩﻩ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺩﯦﯖﯩﺰ ﯞﻩ ﮬﺎﯞﺍ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺋﺎﺟﯩﺰ. باشقۇرۇلىدىغان ﺑﻮﻣﺒﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ئىقتىدﺍﺭﻯ ﺧﯧﻠﻰ يۇقىرى، ﺩﯦﯖﯩﺰ ﯞﻩ ﮬﺎﯞﺍ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻪﺩﻩ چەتئەلگە بولۇپمۇ ﺭﻭﺳﯩﻴﻪﮔﻪ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﺶ ﺋﯧﻐﯩﺮ. ﺋﯩﻠﻐﺎﺭ قورال-ﻳﺎﺭﺍﻗﻨﻰ ﯞﻩ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﺴﯩﻨﻰ ﻳﺎﯞﺭﯗﭘﺎ ﯞﻩ ئامېرىكا ﺗﯧﺨﯩﭽﻪ ﺋﯩﻤﺒﺎﺭﮔﻮ يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. جۇڭگو ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﻰ مۇداپىئەنى ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﺴﺘﯩﺮﺍﺗﯩﮕﯩﻴﻪﺩﻩ ﺗﯘﺭۇﯞﺍﺗﯩﺪﯗ. جۇڭگومۇ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻣﯘﺩدﻩﺕ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﭼﻘﺎ، ﻗﯩﺴﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﯩﺶ ئىقتىدﺍﺭﻯ، ﺋﯜﭺ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﻣﺎﺳﻠﯩﺸﯩﺶ ئىقتىدﺍﺭﻯ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ بىرنېمە دېيىش ﺗﻪﺱ.

    • asiya

      2007-ﻳﯩﻠﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﻗﯩﺰﯨﻖ نۇقتا ﺋﯩﺮﺍﻥ ﻳﺎﺩﺭﻭ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ، ﺑﯘ ﺋﻪﺳﯩﺮ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﻗﯩﺰﯨﻖ نۇقتا ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﻗﯩﺘﺌﻪﺳﯩﻨﻰ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﻗﯩﺘﺌﻪﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﻏﺎﻳﻪﺕ ﺯﻭﺭ ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ. جۇڭگو ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺑﯘ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﻟﻪﺷﻜﻪﻥ ﭼﻮﯓ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ئىقتىساﺩﻯ ﺷﯩﺪﺩﻩﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﺸﯩﭗ، ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﺎ ﺭﯦﻜﻮﺭﺕ ﻳﺎﺭﺍﺗﺘﻰ. ﺑﯘﻻﺭ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ تەرەققىي ﻗﯩﻠﺴﺎ، ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺋﻪﺳﯩﺮﮔﻪ ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﻼ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺳﻪﮬﻨﯩﺴﯩﺪﻩ ئامېرىكىغا قوﻟﯩﻨﻰ ﺗﻪﯕﻠﻪﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺳﯚﺯ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ، تەلەپلىرىنى قوﭘﺎللىق ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﺗﺎﻣﺎﻣﻪﻥ مۇﻣﻜﯩﻦ.