بۇ يەرگە تەۋسىيە يازمىلار قويۇلىدۇ

  • تەشۋىقات كۆزنىكى

    باش بەت > ماقالە/يازمىلار > ئۇنتۇلغان چولپان-جۈرئەت ئوبۇلقاسىم

    ئۇنتۇلغان چولپان-جۈرئەت ئوبۇلقاسىم

    juret1

    juret2

    juret3

    جۈرئەت ئوبۇلقاسىم دېگەن بۇ ئىسىم «جىننېس دۇنيا رېكورتى» بىلەن زىچ باغلانغان، شۇ سەۋەبلەرگە كۆرە ئاۋۋال «جىننېس دۇنيا رېكورتى» ھەققىدە چۈشەنچە بېرىشنى لايىق تاپتۇق.

    • «جىننېس دۇنيا رېكورتى» دېگەن نېمە؟

    جىننېس (Guinness 吉尼斯) ئەسلىدە بىر پىۋا زاۋۇتىنىڭ نامى ئىدى. «جىننېس دۇنيا رېكورتى» ناھايىتى تاسادىپىي بىر پۇرسەتتە بارلىققا كەلگەن. بىر كۈنى زاۋۇت دىرېكتورى Beaver چوشقا ئوۋلاۋېتىپ، ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان بىر قۇشنى كۆرۈپ قالىدۇ. كۆپچىلىك بۇ قۇشنى «ياۋروپادىكى ئەڭ تېز ئۇچىدىغان قۇشمۇ ئەمەسمۇ» دېگەن مەسىلىدە مۇنازىرىلىشىپ قالىدۇ. لېكىن، ئىلگىرى بۇ ھەقتە ھېچقانداق خاتىرە قالدۇرۇلمىغاچقا، بىردەكلىككە كېلەلمەيدۇ.

    Beaver ئىشتىن ۋاز كەچمەيدۇ. 1954-يىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۇ قوشكېزەك ئىنىسى بىلەن بىرلىكتە «دۇنيادىكى ئەڭ» نى خاتىرىلەيدىغان شىركەت «جىننېس شىركىتى» نى قۇرۇپ چىقىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ خىزمەت رەسمىي باشلىنىپ كېتىدۇ.

    1955-يىلى 8-ئاينىڭ 7-كۈنى «جىننېس دۇنيا رېكورتى» قامۇسىنىڭ تۇنجى سانى نەشردىن چىقىدۇ. «جىننېس دۇنيا رېكورتى» دۇنيا رېكورتلىرى ئىچىدىكى باشلامچىلىق ئورنى بىلەن، دۇنياغا بىر خىل قىزىقىش ۋە ئەسەبىيلىك ئېلىپ كېلىدۇ.

    «جىننېس دۇنيا رېكورتى» قامۇسى ھەر يىلى بىر سان نەشىر قىلىنىپ، شۇ يىل ئىچىدىكى «دۇنيادىكى ئەڭ» لەرنى خاتىرىلەيدۇ.

    «جىننېس دۇنيا رېكورتى» قامۇسى 198 بەتلىك كىتابچە بولۇپ، دائىرىسى تەنتەربىيە، پەن-تېخنىكا، سودا، قۇرۇلۇش، تەبىئەت قاتارلىق 12 ساھەنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىنگلىز، فرانسۇز، نېمىس، ياپون تىللىرىدا نەشىر قىلىنىدۇ.

    • جۈرئەت ئوبۇلقاسىم كىم؟

    جۈرئەت ئوبۇلقاسىم 1971-يىلى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلدى. ئوتتۇرا مەكتەپنى تۈگەتكەندىن كېيىن، شىنجاڭ ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەردە سودا بىلەن شۇغۇللاندى. بۇ جەرياندا ھالال قان-تەرىگە تايىنىپ ئاز-تولا ئىقتىساد توپلىدى.

    1997-يىلى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى ئادىل ھوشۇر چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ سەنشيا بوغۇزىغا تارتىلغان سۇ يۈزىدىن 402 مېتىر ئېگىزلىكتىكى 640.7 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى پولات ئارغامچىدىن 13 مىنۇت 48 سېكۇنتتا ئۆتۈپ، ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى كوچرەين 1995-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى بۇ يەردە ياراتقان 53 مىنۇت 10 سېكۇنتتا ئۆتۈشتەك «دۇنيا جىننېس رېكورتى» نى بۇزۇپ تاشلاپ يېڭى رېكورتنى ياراتقاندىن كېيىن، جۈرئەتتە «پەلەك شاھى» ئادىل ھوشۇرغا نىسبەتەن ھۆرمەت تۇيغۇسى قوزغالدى. ئۇنىڭدىمۇ مەلۇم بىر تۈردە «جىننېس دۇنيا رېكورتى» يارىتىپ، ۋەتەن-خەلققە شەرەپ كەلتۈرۈش ئىستىكى پەيدا بولدى. ئۇ موتسىكلىت مىنىشكە ھەۋەس قىلغاچقا موتسىكلىت مىنىشنىڭ مەلۇم ھالقىسىدا جىننېس رېكورتى ياراتماقچى بولۇپ، «شاڭخەي دۇنيا جىننېس رېكورتى» باش شتابى (قىسمەت قىستۇرمىسى: ئەپسۇس، «جىننېس دۇنيا رېكورتى» باش شتابى شاڭخەيدە ئەمەس، لوندوندا . «جىننېس دۇنيا رېكورتى» نىڭ خەنزۇچە نامى 吉尼斯世界纪录، ئاۋۇ شاڭخەيدىكى جىننېس رېكورتىنىڭ خەنزۇچە نامى 上海大世界基尼纪录) دىكى خادىملارنىڭ مەسلىھەتى بويىچە موتسىكلىت بىلەن جۇڭگونى ئايلىنىپ چىقماقچى بولدى.

    • جىننېس رېكورتى يارىتىش يولىدا

    شۇنداق قىلىپ، جۈرئەت زاۋۇتقا ئۆزى بۇيرۇتۇپ ياساتقان «يېڭى قىتئە 新大洲» ماركىلىق موتسىكلىت بىلەن «جىننېس دۇنيا رېكورتى» يارىتىش سەپىرىگە ئاتلاندى.

    ئۇ 1998-يىلى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى خەينەن ئۆلكىسىنىڭ خەيكۇ شەھىرىدىن يولغا چىقىپ، 2000-يىلى سائەت نۆلدىن نۆل مىنۇت ئۆتكەندە يەنە شۇ باشلىنىش نۇقتىسى بولغان خەيكۇ شەھىرىگە يېتىپ كېلىپ، يېڭى ئەسىردىكى تۇنجى «جىننېس دۇنيا رېكورتى» نى ياراتتى.

    بۇ جەرياندا ئۇ 436 كۈن يول يۈردى، مەملىكىتىمىزدىكى 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە 312 ناھىيە (شەھەر) نى ئايلىنىپ، 73 مىڭ كىلومېتىر مۇساپىنى باستى.

    بۇ جەرياندا ئۇ 260 مىڭ يۈەنگە (بۇنى 1998-2000-يىللاردىكى ئىقتىساد قارىشى بىلەن ھەزىم قىلىڭ) يېقىن چىقىم قىلدى. بۇنىڭ 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇقراقىنى ئۆزى چىقاردى، 80 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇلنى جەمئىيەتتىكى ئاق كۆڭۈل كىشىلەر ياردەم قىلدى. 70 مىڭ يۈەندەك پۇلنى قەرز ئالدى. دىلشات، ئابلىمىت ھاجىم قاتارلىق بىر قىسىم تىجارەتچىلەر 5000 يۈەندىن 10 مىڭ يۈەنگىچە ياردەم قىلدى.

    بۇ جەرياندا ئۇ ئادەمزات ئاياغ باسمىغان چۆللەردە يۈردى، ئاي نۇرى باغاشلىغان دالىلاردا تۈنىدى. كۈنلەپ-كۈنلەپ ئاچ قالدى. بۆرىلەرگە ئۇچراپ، قېچىپ قۇتۇلدى. ئىشقىلىپ ئادەمم ئىشەنگۈسىز جاپالارنى ئۇ ئۆزى يالغۇز باشتىن كەچۈردى.

    بۇ جەرياندا ئۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ مېھرىبانلىقىغا، جۇڭگودىكى ھەر مىللەت خەلقلىرىنىڭ قىزغىن ياردىمىگە ئېرىشتى. ئەپسۇس، ئۇ جىننېس رېكورتىنى ياراتقان كۈنى يېنىدا تىيىن پۇل يوق ھالەتتە سىرتتا تۈنىدى. ئايالىغا تېلېفون قىلىپ، مۇھەببەتلىك بىر-ئىككى ئېغىز گەپكە ئېرىشەلمىدى.

    جىننېس رېكورتىغا ئاتلىنىشتىن بۇرۇنقى بويى 180 سانتىمېتىر، ئېغىرلىقى 76 كىلوگرام كېلىدىغان، يۈز مىڭ يۈەنلەپ پۇل تاپقان بۇ يىگىت رېكورت يارىتىلغان كۈنى 54 كىلوگرام كېلىدىغان، جاپادىن مۈكچەيگەن، نەچچە يۈز مىڭ يۈەننى گەدىنىگە ئارتىۋالغان 29 ياشلىق جاپاكەشكە ئايلىنىپ قالدى.

    • خۇلاسە

    1997-يىلى ئادىل ھوشۇر جىننېس رېكورتىنى يېڭىلىغاندىن بۇيان، نۇرغۇن ئوت يۈرەك ئوغۇل-قىزلىرىمىز بۇ يولغا كىردى. لېكىن، ئادىل ھوشۇردىن باشقىلار بۇ يولدا ئاساسەن ئۈزۈپ چىقالمىدى. ئادىل ھوشۇر ھېلىھەم دۆلەتنىڭ، خەلقىمىزنىڭ ھۆرمەت تۆرىدە ياشاۋاتقىنى بىلەن، باشقىلار ئۈن-تىنسىز «يوقاپ» كەتتى.

    يازمىمىزنىڭ باش قەھرىمانى جۈرئەت ئوبۇلقاسىم باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان بىر يولنى تاللىغان ئىدى. ئۇنىڭ تاللىغان يولى ھەقىقەتەن جاپالىق، ناھايىتى كۆپ ۋاقىت (436 كۈن سەپەر قىلىش ئاز ۋاقىت ئەمەس)، ئىقتىساد سەرپ قىلىدىغان يول ئىدى. ئاقىۋەت، جۈرئەت ئۆزىنىڭ ھەقىقىي يىگىتلىكىنى نامايان قىلدى. ئەپسۇس، «جىننېس دۇنيا رېكورتى» ئۈچۈن ناھايىتى چوڭ بەدەل تۆلىگەن بۇ يىگىت بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئۇنتۇلۇپ كەتتى.
    ئۈچ كۈن ئاۋۋال ئۈرۈمچى شەھەرلىك 19-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئالدىدا ماشىنا ساقلاۋېتىپ جۈرئەت ئوبۇلقاسىمنى كۆرۈپ قالدىم. ئەھۋاللاشماقچى بولۇپ ئۇ تەرەپكە ماڭدىم-يۇ، ئۇنىڭغا قايتىدىن بىر قاراپ نىيىتىمدىن ياندىم. چۈنكى، ئۇنىڭ 40 ياشقا كىرە-كىرمەي تاقىرلىشىپ كەتكەن باشلىرى، مۇڭ باسقان چىرايى ماڭا ئۈنسىز خىتاب قىلىۋاتاتتى: «ھېسسىياتقا تايىنىپ، قىزىققانلىق بىلەن ئىش قىلماڭلار» …

    راست، «جىننېس دۇنيا رېكورتى» جۈرئەت ئوبۇلقاسىمنى «يەپ كەتتى». جۈرئەت ئۇبۇلقاسىملا ئەمەس، «جىننېس رېكورتى» ئۈچۈن ئاتالمىش «شاڭخەي دۇنيا جىننېس رېكورتى» باش شتابىغا پۇل تۆلىگەن، ئاللىقانداق يېڭىلىقلار ئۈچۈن ۋاقتىنى، ئىقتسادىنى، جېنىنى دوغا تىككەن تالاي ئوت يۈرەكلەر «يىيىلىپ كەتتى».

    ئەپسۇس، «جىننېس دۇنيا رېكورتى» شىتابى شاڭخەيدە ئەمەس، لوندوندا ئىدى.

    ئەپسۇس، «جىننېس دۇنيا رېكورتى» باش شتابىنىڭ جۇڭگودىكى تارمىقى شاڭخەيدە ئەمەس، لياۋنىڭدا ئىدى.

    ئەپسۇس، «جىننېس دۇنيا رېكورتى» بىز بىلىدىغان «ئولىمپىك» تەك دۇنيادىكى ئەڭ قالتىس باھادىرلارنىلا ئەمەس، دۇنيادىكى «ئەڭ چوڭ بۇرۇت رېكورتى»، «ئەڭ يۇقىرى ئاۋازدىكى كېكىرىش رېكورتى»، «ئەڭ يىراققا سىيىش رېكورتى» دېگەندەك بىمەنە ئىشلارنىمۇ خاتىرىلەيتتى.

    ئەپسۇس…



  • يازما ئادرېسى: [يازما مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ، پايدىلانسىڭىز بولىدۇ.]
  • ئالدىنقى يازما: كېيىنكى يازما:

    باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    • 1#

      ھەر بىر شەخسنىڭ ئارقىدا بىردىن ھىكايە بار، ئۇنى كۆرەلەيدىغان، ئوقۇيالايدىغان كۆزىمىز، ئەڭ مۇھىمى ھىس قىلالايدىغان قەلبىمىز ۋە ئىبرەت ئالالايدىغان ئەقلىمىز بولسا ئىدى…

    • 2#

      مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇنىڭ تەلىيى تەتۈر كېلىپ قالدى. بەلكىم بۈگۈنكى كۈندە شۇ زەپەرنى قۇچقان بولسا بەلكىم باشقىچە نەتىجىگە ئېرىشەر، نۇرغۇنلىغان كارخانىلارنىڭ ئېلانىنى قوبۇل قىلىپ بېيىغان، ئىلھاملىنىپ يېڭى مەنزىللەرگە ئات سالغان بولۇر ئىدى. ئەپسۇس كاج پەلەك ئۇنىڭغا بۇ پۇرسەتلەرنى نىسىپ قىلمىدى.
      ئەمما، ئۇ ئەينى پەيتتە بارلىق ئۇيغۇر ياشلىرىغا يېڭى ئۈلگە تىكلەپ بەرگەن، ئۆزىگە ئىشىنىش، چىداملىق بولۇش، روھلۇق بولۇش، جاپاغا چىداش قاتارلىق ئەمەلىي دەرسلەرنى ئۆتكەن ئىدى. ئۇنىڭ 400 كۈنلەپ تارتقان جاپالىرى ئۇيغۇرنىڭ مەزگىللىك روھلىنىشىغا سەۋەب بولغان ئىدى… مۇشۇ نۇقتىدىن ئۇنى پۈتۈنلەي ئورۇنسىز جاپا تارتتى دەپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ. نېمىلا قىلمىسۇن، تارىختا جۈرئەت ئوبۇلقاسىم ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر يىگىتنىڭ ئىسمى پۈتۈلۈپ قالدى. ئەمما ، نۇرغۇنلىغان جۈرئەتلەر ئىز – دىرەكسىز ئارىمىزدىن كەتتى، كەتمەكچى …

    • 3#
      تورباجىن

      تەشۋىقات كام .شۇڭلاشقا بىز شۇنداق ئادەملىرىمىزنى تونۇمايمىز .

    • 4#
      د.ئا.ئوغلان

      ئۆتكەن يىلى بىزنىڭ بۇ يەرگىمۇ (چاڭچۈن) بىر يىگىت كەپتىكەن ، بويى ئىگىزلا ، ئۆزىنىڭ دەپ بېرىشىچە پىيادە پۈتۈن دۇنيانى ئايلىنىپ چىقىش ئۈچۈن يولغا چىقىپتۇ ، ئۈرۈمچىدىن بىيجىڭغا 7 ئايدا كەپتۇدەك ، ساقال دىگەن ئۆسۈپ كەتكەن ، نەرسە كىرەكلىرىنى بىر ھارۋىغا بىسىپ ئىتتىرىپ ماڭىدىكەن ، ج خ ئىدارىسىنىڭ ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ يول خېتى ، تونۇشتۇرىلىشى قاتارلىقلاردىن تارتىپ ھەممىسى تولۇقكەن . بىزنىڭ مەكتەپ يىنىدىكى ئۇيغۇر ئاشخانسىغا كىرىۋىدى ، ئۇلار ياخشى مىھمان قىلىپ يولغا سەپ قويغان… شۇ چاغدا تۇنجى بولۇپ كۆڭلۈمگە كەلگىنى «نىمىشمۇ قىلار ئىدى بۇ بالا» دىگەن سۆز بولغانىدى.. :cool: :?:

      • 5#

        خاتالاشمىسام ئۇ يىگىت قەشقەرلىكقۇ دەيمەن، مەن گېزىتتىن كۆرگەندەك قىلىۋىدىم مەخسۇس خەۋەرنى.

    • 6#
      رەيھانئاي

      :| جۈرئەت ئوبۇلقاسىمنىڭ روھىنى قەدىرلەيمەن. مەندىمۇ شۇنداقراق روھ بولسىكەن دەيمەن. ئەمما قۇمدا موتۇسىكلىت بىلەن ئەمەس، پىيادە مېڭىشمۇ بىر ئىش ئىكەن جۇمۇ….

    • 7#
      راخمان

      قورساق مەسلىسى ھەل بولماي تۇرۇپ، بۇ ئىشلار سەل بالدۇرلۇق قىلامدۇ قانداق؟ :???:

    • 8#

      يازمىنى ئوقۇۋېتىپ ئىچىم ئاچچىقلا بولۇپ قالدى دېسە…

    • 9#

      مەنمۇ ئۇيغۇربەگگە ئوخشاش ھىسياتتا بۇلۋاتىمەن،جۈرئەت ئۇبۇلقاسىمنى مۇشۇنداق ئۇزۇنغا سوزولغان.جاپالىق سەپەرگە ئاتلاندۇرغۇزغان نىمە بولغىيتى؟ئاخىرىدا شۇ مەقسەتكە يىتەلىدىمۇ؟ھازىر شۇ ئىشلارنى ئويلىغاندا نىمە دىگۈسى كېلەر؟بىزنىڭ ئۇنى ۋە ئۇنىڭ ئاجايىپ بەدەللەر بەدىلىگە كەلگەن مۇۋاپىقىيىتىنى شۇنچە تىز ئۇنتۇلۇپ قېلىشىمىزدىكى سەۋەب نەدە؟

    • 10#

      ئەگەر قىسمەتكام قۇشۇلسا،تېمىنى مىسرانىمغا تېما مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ئاساستا يوللىغۇم،ئىسىمىزدىن چىقىپ قالغان قەھرىمانىمىزنى تور يۈزى ئارقىلىق قېرىنداشلار سەمىگە يەنە بىر قېتىم سېلىپ قويغۇم كىلۋاتىدۇ.قەھرىمانلار ئۇنتۇلۇپ كەتمىسۇن، قەھرىمانلىق روھى ۋە قەھرىمانلىقنى قەدىرلەش قەدىم-قەدىمدىن ئۇدۇم ئىدىغۇ بىزگە.

      • 11#

        مەن ئادەتتە مۇنبەرلەرگە كۆپ كىرمەيمەن. ئەگەر يازمىنى مىسرانىمغا يوللاپ، چۈشكەن ئىنكاسلارغا ئۆزۈم جاۋاب بېرىمەن دېسىڭىز ئەلۋەتتە بولىدۇ.

    • 12#
      كۆكتاش

      ئۈرۈمچى داۋان يولى تەرەپتە بىر «تەنھا بۆرە» ئارامگاھى بار، ئاڭلىسام بۇ ئارامگاھنى جۈرئەت ئوبولقاسىم ئاچقان ئىكەن. بۇ تېمانى كۆرۈپ شۇ ئىشلار يادىمغا يەتىپ قالدى.

      ئىنساندا، بولۇپمۇ ئىنسان بولۇپ ياشاۋاتقان مەزگىللەرنىڭ مەلۇم بۆلىكىدە مەلۈم نىشانلار بولۇشى كېرەك. جۈرئەت ئوبۇلقاسىممۇ دەل ئاشۇ مەزگىللەردە ئاشۇنداق نىشانلارنى قەلبىگە پۈكۈپ، جۇڭگونى ئايلىنىپ چىقتى، دەرۋەقە ئۇ مۇۋەپپەقىيەت قازاندى، نىشانىغا يەتتى. ئەمدى جۈرئەت ئوبۇلقاسىمغا نىشانغا يېتىشتىنمۇ چوڭراق «مۇكاپات» بولمىسا كېرەك.
      ئەينى چاغدىكى مۇكاپاتنىڭ مېغىزىنى بىر ئۆمۈر چېقىپ يەيمەن دېيىش، ياكى پۇل ۋە بايلىق ئۈچۈن ئاشۇنداق ئاتالمىش «جىنىس دۇنيا رىكورتى» يارىتىشنى مەقسەت قىلساق، ئىنساننىڭ ئاشۇ ئۇلۇغۋار نىشانلىرى تېشى پار-پار، ئىچى غال-غال «پۈچەك» مېۋەلەردەك بولۇپ قالمامدۇ؟.

    • 13#

      كۆكتاشنىڭ ئېتقانلىرىنى قوللايمەن، ھەركىمنىڭ ھەربىر مەزگىلدە ئۆزىگە تۇشلۇق نىشانى بولىدۇ، ھەركىمگە نىسپەتەن ئۆز نىشانىغا يىتىشتىن ئارتۇق خوشاللىق بولمىسا كېرەك.

    无觅相关文章插件,快速提升流量