گۈلەن ئەپەندىمنىڭ ماقالىسىنى ئوقۇغاندىن كېيىن، كاللامغا كەلگەن ئىنكاس مۇشۇ بولدى: مەشھۇرلاردىن مەيۈسلىنەمدۇق ياكى مەسئۇللاردىنمۇ؟
مەشھۇرلادىن مەيۈسلىنىش ئارقىلىق ئاغرىنىش ئارقىلىق ئىشلىرىمىز يۈرۈشىدىغان بولسا، چەكتىن ئاشمىغان ھالەتتە ئۇلاردىن ئاغرىنساق، ئەيىپلىسەك بولاتتى. ئەپسۇس، ئىش ئۇنداق ئەمەس. بىزنىڭ كۈنىمىز ئاغرىنىش، مەيۈسلىنىش بىلەنلا ئۆتۈپ كېتىۋەرمىسۇن. نەدىكى بىكارچىلىق ئۇ، «مەسئۇل» دەپ بىر نېمە بار، ناۋادا سىزنىڭ مەنپەئەتىڭىزنى سېتىۋەتسە، تىللىغىلى، ئاغرىنغىلى، ھەتتا ياقىسىدىن تۇتۇپ سوت مەيدانىغا سۆرىسىڭىزمۇ بولىدىغىنى دەل بىز ياشاۋاتقان زېمىندىكى ئاشۇ مەسئۇللار. بۇ گەپ ھازىرچە نەزەرىيە ھېسابلانسىمۇ.
مەسئۇلىيەتنى تۇتقان ئادەم ياكى بۇ ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقسۇن، ياكى ئاممىنىڭ تىل-ھاقارىتىنى، قارغىشىنى قوبۇل قىلسۇن. قىلالمىسا قىلالايدىغان ئادەمگە ئۆتكۈزۈپ بەرسە بولىدۇغۇ؟ نېمىشقا ساقلاۋاتىسەن بۇ ئورۇننى؟ يا ئۆز ۋەزىپەڭنى ئادا قىلىپ، ئەل-يۇرت ئۈچۈن بىر ئىش قىلالمايدىكەنسەن. تارتىشىدىغان يېرى بارمۇ بۇ ئورۇننىڭ؟ بار، مائاشى پەيزى، ئىمتىيازى پەيزى، ئىشقىلىپ پەيزى يېرى جىق…
ساڭا دەپ قوياي، مەسئۇل ئەمەلدار! سەھەردىكى قارغىش دۇئاسىنى ئېلىۋالما، پەيزى ئەمەس؛ ئەل-يۇرتۇڭنىڭ رازىلىقىنى ئالماي كېرىلىپ يۈرۈۋەرمە، پەيزى ئەمەس؛ توردا نامىڭنى سېسىتىۋالما، پەيزى ئەمەس. مەسئۇللار ئەگرى ئىش قىلىپ، خەلقنىڭ مەنپەئەتىدە توغرا ئولتۇرۇۋالسا، ئەمدى ئاۋام خەلق تاراتقۇلارنىڭ ياردىمىدە قان قۇستۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن.
ئشىقىلىپ، بىز ھازىر چىرايلىق گەپ قىلىدىغان مەشھۇرلارغا ئەمەس، بەلكى خەلقنىڭ ئارزۇسىنى ئورۇندايدىغان، ھەر بىر قەدەمدە خەلىقنىڭ ئېھتىياجىنى، مەنپەئەتىنى ئۆلچەم قىلىدىغان، قانۇن بىلەن ئويناشمايدىغان، دېموكراتىك مەسئۇللارغا موھتاج . ھە دېسىلا سىياسىينى پەش قىلىپ خەلققە ۋەھىمە سالىدىغان، خەلقنى ئۆز مەنپەئەتىدىن كېچىشكە سەپەرۋەر قىلىدىغان، مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىن ئېشىپ قالغان گىرانت كاللا مەسئۇللار كېرەك ئەمەس.
بىر ناخشا بولىدىغان «كېرەك ئەمەس شەھلا كۆزلەرىڭ، كېرەك ئەمەس سۇمبۇل چاچلارىڭ» دەپ. شۇنداق، بىزگە سېنىڭ سۆلىتىڭ، پوچىلىقىڭ كېرەك ئەمەس. بىزگە كېرىكى بىرەر ئېغىز ھەق گېپىڭ، ئادالىتىڭ، جانابىي مەسئۇللار!