بۇ يەرگە تەۋسىيە يازمىلار قويۇلىدۇ

  • تەشۋىقات كۆزنىكى

    باش بەت > ماقالە/يازمىلار > ئاپاق خوجىغا ئوچۇق خەت 5

    ئاپاق خوجىغا ئوچۇق خەت 5

    ئەي پىر بۇزرۈكۋارىم، مەن سىزنىڭ بىلىمىڭىزگە بارغانسىرى قايىل بولۇۋاتىمەن. ئەينى ۋاقىتتىكى كىشىلەرنىڭ پۇت-قوللىرىڭىزغا سۆيۈشىنىڭ سەۋەبى ئايدىڭلىشىۋاتىدۇ، ئەمدى سوئال سورىلىدۇ.

    6-سوئال: خوجا ھىدايىتۇللا ئىشان پىرىم، سىز كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسىنى كونترول قىلىش مەقسىتىدە سىزدىن بۇرۇنقى خانلىقلارغا ئائىت ماتېرىياللارنى تازىلاش ئېلىپ بارغانلىقىڭىزغا كۈچلۈك گۇمان قارىسام بولامدۇ؟ ئىدىيىسى كونترول قىلىنغان كىشىلەرنىڭ ھايات پەلسەپىسى «پىر» دۇئاسىنىڭ شەربىتىدە «جەننەتكە» كىرىش بولغان بولسا، نەچچە يۈز يىلدىن بېرى ئۇيغۇلارنىڭ ھايات پەلسەپىسىنى قانداق تىل بىلەن ئىپادىلەش مۇمكىن؟ بىر مىللەتنىڭ دۇنيا قارىشى، ئالىم-ئۆلىمالىرى يەكۈنلىگەن پەلسەپىسى شۇ مىللەتنىڭ تەرەققىياتىغا بولغان تەسىرى قانداق؟ قارىشىڭىزنى سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز؟

    جاۋابىڭىزنى كۈتۈپ:

    چوڭ ئېھتىرام بىلەن: كۆلتېگىن

    سوئالىڭىز بارغانسېرى چوڭ يەردىن چىقىۋاتىدۇ، زاتىل ئەقتابىم.

    مەن شۇ يىللاردا ئاستانە كۇتۇبخانىسى ئوت دېڭىزىغا ئايلاندۇرغانمەن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا سىز تىلغا ئالغان خانلارنىڭ تارىخىغا بېغىشلانغان ئەسەرلەر باشقا، نۇرغۇن «چەكلەنگەن كىتاب» لار بار ئىدى. مېنىڭچە بولسا، ھەممە يەردىكى ماڭا قارشى چىققان «قارا كۈچ» لەرنىڭ ئۇۋىسى بولغان ئەنە شۇنداق «جاھالىيەت ماكانلىرىنىڭ» كۈلىنى كۆككە سورار ئىدىم. لېكىن بەزى «توزكور»، «دوزىخي» بەندىلەر نۇرغۇن ماتېرىياللارنى ساقلىۋالغانىكەن. ئۇلارنىڭ كېيىنكى دەۋىرلەردە مېنىڭ ئۇلۇغۋار ئىشلىرىمنى «قارىلايدىغان» ئىسپات بولۇشىنى كىممۇ ئويلىغان دەيسىز!؟

    ئەگەر مەن شۇ ئىشلارنى قىلمىغان بولسام، 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى، 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا مېنىڭ ئەۋلادلىرىم چەتئەلدىن «ئىلىم ئاشنالىرىغا» يول باشلاپ قەبرە قازمىغان كېرەككە كەلمەيدىغان «كىگىز كىتابلار» نى بۇ زىمىندىن يوق قىلمىغان بولاتتى. ھەر نېمە بولسا مېنىڭ «ئاتا مىراس زېمىن»ئىم «پاكىز» لاندى. ئۇھ….

    بىر مىللەتتىكى ئىلغار دۇنيا قاراش، پەلسەپە دېگەنلەر ئىنتايىن «چاكىنا قاراشلارنىڭ يىغىندىسى» دۇر. بۇ خىل قاراش كىشىلەرنى يولدىن چىقىرىدۇ. كىشىنى «شۈكرى قانائەتچانلىقتىن» تازدۇرىدۇ. «پىر» غا گۇمان بىلەن قارايدىغان قىلىپ قويىدۇ. بۇنداق ئىدىيىلەر يامراپ كەتسە، ئەلنى بالا-قازا باسىدۇ. ئىگىسىز ئۆلۈملەر كۆپىيىدۇ. سۇلتانۇل مۇھەققىقىن بولمىش مەن ئۇنداق «ئىپلاسلىق» لارغا قانداقمۇ چىداپ تۇراي؟!

    مېنىڭ ئاخىرقى مەقسىتىم مۇرىتلىرىمنى «جەننەت» كە باشلاپ مېڭىش تۇرسا! ئۇنداقلار ئىلغار دېيىلسە مەن ئەڭ «بۈيۈك» دەپ تەرغىب قىلىۋاتقان سۈلۈكىي ئىشقىيەنى نېمە دەيسىز؟!

    سىزنىڭ غەيرىي ئويلاردا بولماسلىقىڭىزنى «پىر»ئىڭىزگە مەڭگۈ سادىق بولۇشىڭىزنى پىر پەرمانى بىلەن ئاگاھلاندۇرىمەن.

    خەير، ھەزرىتى سۇلتانۇل مۇھەققىقىندىن دەپ بىلەرسىز.



  • يازما ئادرېسى: [يازما مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ، پايدىلانسىڭىز بولىدۇ.]
  • ئالدىنقى يازما: كېيىنكى يازما:

    باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    • 1#
      تەنغا

      قسمەت ئەپەندىم ،ھە راس ‹‹زاتىل ئەقتاب›› :sad: سىز ئاپپاق خوجخا داۋاملىق ئوچۇق خەت يازامسىز ؟مەن سىزنىڭ بويازمىلىرىڭىزغا دىققەت قىلىپ كىلىۋاتىمەن ،مەن داۋاملىق يىزىشىڭىزنى ئۇمۇت قىلىمەن :| .توۋا ئادەم قاراپ تۇرۇپ خاتا يولغا مىڭىپ قالىدىكەن ،مەن 21- ئەسىردە ياشاپ تۇرۇپمۇ بۇ مىللى مۇناپىق ،دىنى مۇناپىق ئۆلۇپ ئۇچيۇز نەچە يىلدىن كىيىن ئۇنىڭغا مۇرىت بولۇپ قالغىلى تاس قاپتىكەنمە :grin: :roll: ،ئاللا غا شۇكرى مىنى ئاللا قۇتۇلتۇردى توغرا يولغا باشلىدى .داۋاملىق يىزىڭ ھەممە كىشى ئاڭلىسۇن ھەممە بىلسۇن!!!!!!!!!

      • 2#
        قىسمەت

        داۋاملىق يازىمەن زاتىل ئەقتاب مۇرىتىم!
        سىزگە ئەڭ ئاخىرقى ئاگاھلاندۇرۇش: كەمىنە پىرىڭىزنى «زاتىل ئەقتاب» دەپ ئاتىشىڭىز پىر قارغىشىغا سەۋەب بولۇر، «زاتىل ئەقتاب» سىزلەر كەبىي مۇرىتلىرىمنىڭ ئاتى ھېسابلىنۇر.
        دەرھال ئايىقىمغا سۆيۈپ «گۇناھ» لىرىنى تىلىسۇنلار!

    • 3#
      تەنغا

      ھىم … :idea: كەچۇرسىلە مەن پەقەت ئاللاھنىڭ غەزىۋىدىن قورقىمەن ،مەن پەقەت ئاللاھتىنلا گۇنايمنى تىلەيمەن .
      ‹‹دەرھال ئايىقىمغا سۆيۈپ «گۇناھ» ىڭىزنى تىلەڭ››بۇ سۆزلىرىگە قارىغاندا ئۆزلىرى مىنى سىلى ياشىغان دەۋىردىكى مۇرىتلىرىغا ئوخشۇتۇپ قالغان ئوخشايلا سىلنىڭ سەمىلىرىگە شۇنى سىلىپ قويايكى مەن پەقەت ۋە پەقەت بىر ئاللاھقىلا باش ئۇرمەن ،ئەگەر ئۆزۇمگە ئوخشاش بىر ئىنساننڭ ئايغىغا سۆيۇشكە بۇيرۇلسام ئۇچاغدا بۇمەرتىۋىگە ئىگە بولىدىغان كىشى مىنىڭ بۇدۇنياغا كىلىشىمگە سەۋەپچى بولغان مىھرىبان ئاتا-ئانام دۇر .
      كەچۇرسىلە بۇيرۇقلىرىغا بويۇنتاۋلىق قىلدىغان بولدۇم .
      ھە…راس مەن سىلى دىگەندەك ‹‹زاتىل ئەقتاب مۇرىتىم›› ئەمەس بەلكى ئۇلۇغ ئاللاھ نىڭ قۇلى مۇسۇلمان مەن ، ماڭا بۇنداق مەرتىۋىنىڭ كىرىكى يوق !

      • 4#
        قىسمەت

        خەير، قالغىنىنى مەھشەر كۈنى كۆرگەيسەن، «دوزىخىي» بەندە !

    • 5#
      tanha

      مىنى دوزىخى ياكى جەننەتى دەپ ئارىيدىغىنى سىلە ئەمەس ،ئۇلۇغ ئاالاھ دۇ ،
      ئۆزلىرىنى خاپا قىلىپ قويدىغان بولدۇم،مۇشۇ سەۋەپلىك مىنى جازالىماقچى بولسىلىرى ھىجابۇل غەيىپلىرىنى ئېۋەتىمەن دەپ ئاۋارە بولمىسا چۇنكى مىنى ئاللاھ قوغدايدۇ.

    无觅相关文章插件,快速提升流量