ئاپاق خوجىغا ئوچۇق خەت 7
ئاپتورى: قىسمەت | سەھىپە: ماقالە-يازمىلار | ۋاقتى: 14-02-2011 | خەتكۈشلەر: ئاپاق خوجا
(بۇ سوئالنى مۆلجەرى سورىغان)
ھەزرىتى سۇلتانۇل مۇھەققىقىن، مېنىڭمۇ سىزدىن سوئال سورىغۇم كېلىۋاتىدۇ، يۇقىرىقى سوئالدا سىز مەلىكە مۆھتەرەم خېنىمنى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈپسىز.
« ئەمەلىيەتتە تاكتىكامنى سېزىۋالغانلار بولغان، مەسىلەن، شاھ مەشرەپ، ئۇ مېنى مەسخىرە قىلىپ، «قاملاشمىغان» مىسرالارنى توقۇپ، سەئىدىيە تەسەررۇپىدا ئايلىنىپ يۈرمىدىمۇ!؟ يەنە مۇھەممەد ئىمىن خانمۇ سەزگەن لېكىن بەك كېچىكىپ، بوغۇزىغا «ھىجايىبۇل غەيىب» لىرىمنىڭ يالتىراپ تۇرغان خەنجەرلىرى ئۇرۇلغاندا سەزگەن ئىدى.
ئالدىنقى قېتىمقى خېتىمدە دېگەندەك «مەلىكە مۆھتەرەم خېنىم» ئەڭ بۇرۇن سەزگەنلەرنىڭ بىرى ئىدى. مەن تېخى ئۇنى «ئايال كىشىغۇ» دەپ ئويلاپ كەپتىكەنمەن. ئەپسۇس، تولىمۇ ئەپسۇس…ھاياتىمدا ئۇچراتقان ئەڭ ئەقىللىق،ئەڭ كاتتا دۈشمىنىم ئەسلى شۇ ئىكەن. ئۇ نەچچە يىل مېنىڭ پوستۇمدا تۇخۇملاپ يۈرۈپتۇ. مەن بۇنى بەك كېچىكىپ سېزىپتىمەن. ھاياتىمدىكى ئەنە شۇ خاتالىقىم مېنى ئەجەل گىردابىغا سۆرەپ كەلدى.»
مانا مۇشۇنداق دەپسىز. بۇنداق بولۇشىنى بۇرۇنلا ھېس قىلىشىڭىز كېرەك ئىدى. ئۇنىڭ جەڭدىكى ماھارىتىنى سىز كۆرگەن، ئۇنىڭ سىزگە قانچىلىك ئۆچ ئىكەنلىكىنى سىز بىلەتتىڭىز.
شۇنداق تۇرۇپ سىز يەنە نېمىشقا ئۇنى ئەمرىڭىزگە ئالماقچى بولدىڭىز؟ ئۇنىڭ سىزگە ئۆچمەنلىك قىلىشىنى سىز ھەرگىزمۇ ئويلاپ يېتەلمەيدىغان يەردە ئەمەستىڭىز؟ ئەگەر شەھۋانىي نەپسىڭىز كۈچلۈك كەلگەن بولسا يۇقىرىدا دېيىلگەندەك مۇرىتلىرىڭىزنىڭ سىزگە دۇئا قىلدۇرۇۋاتقان نارەسىدە قىزلىرى ئازلىق قىلمايتتىغۇ؟
باشقىلارنىڭ دېگىنىدەك، نىيىتىڭىز مەلىكە مۆھتەرەم خېنىمنى ئېلىپ سەئىدىيە خان جەمەتىگە كىرىش بولسا، نېمىشقا باشقا مەلىكىلەرنى ئالمىدىڭىز؟
سەمىمىيلىك بىلەن جاۋاب بېرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئى مۇرىتىم مۆلجەرى:
سىزنى مۇرىتىم دەپ ئاتىدىم، پانىي ئالەمدىكى ھەممىڭىزلەر مېنىڭ ۋاستىلىق، ۋاستىسىز مۇرىتىمسىلەر.
جاھاندا ئۆز رەقىبىنى قۇل قىلىشتىنمۇ لەززەتلىك ئىش بولمىسا كېرەك مەن نۇرغۇن دۈشمەنلىرىمنى ئالدىمدا تىزلاندۇرغانمەن. جۈملىدىن مۇھەممەدئىمىن خانمۇ «ئالدىمدا تىزلىنىپ تۇرۇپ» سۈلھى تەلەپ قىلغانىدى. مەلىكە مۆھتەرەم خېنىمنى ئۆزۈمگە ئاجىزە قىلىش سەئىدىيە جەمەتىگە كىرىش ئەمەس، بەلكى سەئىدىيە جەمەتىنى «خان خوجا» جەمەتىگە كىرگۈزۈش ئىدى. باشقا مەلىكىلەرنى نىكاھىمغا ئېلىشقا كەلسەك، پەقەت ۋە پەقەت مەلىكە مۆھتەرەم خېنىمنى ئۆزۈمگە باش ئەگدۈرۈشلا مېنىڭ كۈچ-قۇدرىتىمنى ھەقىقىي نامايان قىلالايتتى. بىلسىڭىز كۈچلۈك دۈشمەننى يەڭگەن كىشى ھەقىقىي باھادىردۇر.
سىزنىڭ مۆلجەرى دېگەن ئىسمىڭىزغا قاراپ، سىزنى ئەينى چاغدىكى ئۇچتۇرپان ئەمرى، كېيىنكى چاغلاردىكى تەخت ساھىبى بولمىش مۇھەممەد ئىمىن خانمىكىن دەپ ئويلايمەن…
خەير، ھەزرىتى سۇلتانۇل مۇھەققىقىندىن دەپ بىلەرسىز.
تەكلىپ: يازما سىزگە يارىدى بولغاي، بۇ يەرنى بېسىپ «ئۇلانما تورى» دا تەۋسىيە قىلىڭ، تېخىمۇ كۆپ كىشى بەھرىلەنسۇن ... يازما ئادرېسى: [يازما مەنبەسى ۋە ئادرېسىنى ئەسكەرتىپ، پايدىلانسىڭىز بولىدۇ.] ئالدىنقى يازما: بىر مىللەتتە كۆپ خىل قائىدە-يوسۇن
ۋاقتى: 2011-يىلى 14-فېۋرال 21:10
مەن ئاپپاق خوجىنى باشقا بىر نۇقتىدىن كۇزتۇپ بىقىشنى ئويلىشىۋاتىمەن