Zhongyuan

97100fe403b9
ئاپاق خوجىغا ئوچۇق خەت 9
ئاپاق خوجىغا ئوچۇق خەت 9
ئاپاق خوجىغا ئوچۇق خەت 9

مېنىڭ دەۋرىمگە كەلگەندە زىددىيەت تېخىمۇ كۈچىيىپ ئوت بىلەن سۇدەك چىقىشالمايدىغان بولدۇق. «قارا مۇسۇلمان» خوجا ئابدۇللا ئىشان ئاستانە يەركەندە، سۇلتانۇل مۇھەققىقىن بولمىش مەن قەشقەردە تۇرۇپ، سەئىدىيە خانى بىلەن ۋەلىئەھدى ئوتتۇرىسىدا نىزا تېرىپ ئاتا-بالىنى تۈگىمەس تەپرىقىچىلىككە سۆرەپ كىردۇق. شۇنداق قىلىپ مەن يېڭىپ چىققان بولدۇم. ئاقىۋەت مېنىڭ مۇرىتلىرىم خوجا ئابدۇللا ئىشاننى ئاخىرەتكە يولغا سالدى. كىم بىلسۇن، مەلىكە مۆھتىرەم خېنىم ئۆزىنىڭ كۆيۈمچان ئېرى بولمىش ماڭا سۇلتانۇل مۇھەققىقىنگە ئول مۇرتەد ئىسھاقىيەچى قارا مۇسۇلمانلار ئارقىلىق زەھەرلىك قول سالدى.


ئاپتورى: | سەھىپە: ماقالە-يازمىلار | ۋاقتى: 26-02-2011 | باھا: 3 پارچە | زىيارەت: 1,450 قېتىم

مەن تۆۋەننى مۇنداق تەكشۈرىمەن
مەن تۆۋەننى مۇنداق تەكشۈرىمەن
مەن تۆۋەننى مۇنداق تەكشۈرىمەن

ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ ۋارقىرايمەن:

- كىرسۇن!

تەققى- تۇرقى قاملاشقان، 30 ياشلار ئەتراپىدىكى بىرى كىردى.

- نەدە ئىشلەيسەن … ئىسمىڭىز نېمە؟

ئۇنىڭ قاراشلىرىدىن تەمتىرەپ قالدىم، گەپلىرىم ھەم قولاشماي قالدى.

- xx پونكىتىدا ئىشلەيمەن، ئىسمىم xx

- ھە، xx سېكرىتارنىڭ خىزمەتلىرىگە قارىتا قانداق پىكىرلىرىڭىز بار؟ كەڭ- كۇشادە ئوتتۇرىغا قويۇڭ، بىز سىزنىڭ مەخپىيەتلىكىڭىزنى ساقلايمىز.


ئاپتورى: | سەھىپە: چاقماق يازمىلار | ۋاقتى: 23-02-2011 | باھا: 3 پارچە | زىيارەت: 1,574 قېتىم

ئاپاق خوجىغا ئوچۇق خەت 8
ئاپاق خوجىغا ئوچۇق خەت 8
ئاپاق خوجىغا ئوچۇق خەت 8

مەن زاھىرەن كۆرۈنۈشتە مەلىكە مۆھتەرەم خېنىمغا يېڭىلدىم. سىز تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ ماھىيەتلىك قارىسىڭىز، ئۇنىڭ ئاقىۋەت سۈلۈك مۇرىتلىرى تەرىپىدىن قەتلى قىلىنغانلىقىنى كۆرىسىز . سەئىدىيە خانلىقىنىڭ يىقىلىشى ئەمەلىيەتتە مېنىڭ يېڭىشىم بولماي نېمە؟!

دەرۋەقە مەن مەلىكە مۆھتەرەم خېنىمنىڭ ئىدىيىسىنى ئۆزگەرتەلمىدىم. ئەمدى بىلدىمكى ئۇزۇن مەزگىللىك كۈرەش مۇساپىسىدە ھەقىقەتەن ئەرلەر ئاياللارنىڭ تەڭدىشى ئەمەسكەن. سەئىدىيە قېنىنى ئۇنى تومۇرىدىن تولۇق تازىلاپ بولالماپتىمەن. بۇ جەھەتتە ئۆزرىلىكمەن. «دۈشمەن ساڭا باش ئەگكەندەك قىلغان بىلەن ئۇنىڭ يۈرىكى مەڭگۈ ساڭا باش ئەگمەيدىكەن» مەن بۇ ئىشقا ھەقىقەتەن سەل قاراپتىمەن. بۇ سەھۋەنلىكلىرىم مۇرىتلىرىمغا ساۋاق بولغاي!


ئاپتورى: | سەھىپە: ماقالە-يازمىلار | ۋاقتى: 17-02-2011 | باھا: 2 پارچە | زىيارەت: 1,344 قېتىم

ئاپاق خوجىغا ئوچۇق خەت 7
ئاپاق خوجىغا ئوچۇق خەت 7
ئاپاق خوجىغا ئوچۇق خەت 7

جاھاندا ئۆز رەقىبىنى قۇل قىلىشتىنمۇ لەززەتلىك ئىش بولمىسا كېرەك مەن نۇرغۇن دۈشمەنلىرىمنى ئالدىمدا تىزلاندۇرغانمەن. جۈملىدىن مۇھەممەدئىمىن خانمۇ «ئالدىمدا تىزلىنىپ تۇرۇپ» سۈلھى تەلەپ قىلغانىدى. مەلىكە مۆھتەرەم خېنىمنى ئۆزۈمگە ئاجىزە قىلىش سەئىدىيە جەمەتىگە كىرىش ئەمەس، بەلكى سەئىدىيە جەمەتىنى «خان خوجا» جەمەتىگە كىرگۈزۈش ئىدى. باشقا مەلىكىلەرنى نىكاھىمغا ئېلىشقا كەلسەك، پەقەت ۋە پەقەت مەلىكە مۆھتەرەم خېنىمنى ئۆزۈمگە باش ئەگدۈرۈشلا مېنىڭ كۈچ-قۇدرىتىمنى ھەقىقىي نامايان قىلالايتتى. بىلسىڭىز كۈچلۈك دۈشمەننى يەڭگەن كىشى ھەقىقىي باھادىردۇر.


ئاپتورى: | سەھىپە: ماقالە-يازمىلار | ۋاقتى: 14-02-2011 | باھا: 1 پارچە | زىيارەت: 1,193 قېتىم

بىر مىللەتتە كۆپ خىل قائىدە-يوسۇن
بىر مىللەتتە كۆپ خىل قائىدە-يوسۇن
بىر مىللەتتە كۆپ خىل قائىدە-يوسۇن

ﻏﯘﻟﺠﯩﻨﯩﯔ ﮬﺎﺭﺍﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﻪﻝ ﭼﺎﻏﻼﭖ ﻗﺎﭘﺴﯩﺰ… ئۇنىڭ ئىچكەن ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﺋﻪﯓ ﺗﯧﺰ ۋاقىتتا ﮬﯩﭽﻨﯩﻤﯩﺪﯨﻦ ﻗﻮﺭﻗﻤﺎﺱ، ﺷﯩﺮﻣﻪﺕ ﺋﻪﺯﯨﻤﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ يېتىشتۈرۈش ﺭﻭﻟﻰ ﺑﺎﺭ، ﺋﯩﺸﻪﻧﻤﯩﺴﯩﯖﯩﺰ چۈشەندۈرۈشىنى ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﻰ ئوقۇڭ.

ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ، ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺗﻪﺭﻩﭘﻨﻰ ﺭﻩﻧﺠﯩﺘﻤﻪﻱ ﺗﻪﯓ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﺎﺋﯩﺪﻩ -يوسۇن ﺑﻮﻻﻣﺪﯨﻜﻪن؟

ﺑﯘ ﺑﯩﺮ مىللەتتىكى ﮬﻪﺭﺧﯩﻞ ﻗﺎﺋﯩﺪﻩ-يوسۇننىڭ ﺗﻪﯓ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ بولۇپ تۇرۇشى بولۇپ، ﺋﯘﭼﻘﺎﻧﺪﻩﻙ تەرەققىي ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ دەۋرگە ئىجابىي ﻣﺎﺳﻠﯩﺸﯩﺶ دېيىلىدۇ.

ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﺳﯧﭙﻰ ئۆزىدىن ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﺘﻪ ﻛﯚﭖ ﺧﯩﻞ ﻗﺎﺋﯩﺪﻩ-يوسۇننىڭ ﺗﻪﯓ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ بولۇپ تۇرۇشى دېيىلىدۇ.


ئاپتورى: | سەھىپە: ئىقتىساد، ئىجتىمائىيەت | ۋاقتى: 12-02-2011 | باھا: 2 پارچە | زىيارەت: 1,199 قېتىم

كۆلتېكىندىن ھەرقايسىڭلارغا سالام

سىز كۆرۈۋاتقان مەزكۇز بلوگنىڭ قۇرغۇچىسى قىسمەت بىلەن 2006-يىلى ئىزدىنىشتا تونۇشقان ئىدىم. شۇ چاغلاردا ئىككىمىز « ئاپاق خوجىغا ئوچۇق خەت » تېمىسى ئارقىلىق تورداشلارنىڭ ئۇسسىغان يېرىگە ئاز-تولا بارغان ئىدۇق.

ئارىدىن 5 يىل ئۆتۈپتۇ. ھەرقايسىمىز ئۆز تىرىكچىلىكىمىز بىلەن ياشاپ كەپتىمىز. نەچچە كۈن ئاۋال، قىسمەت بىلەن قايتا پىكىرلىشىش نېسىب بولدى. نەتىجىدە مەزكۇر بلوگنى قىسمەت بىلەن بىللە يېزىشقا كېلىشتۇق.

كەمىنە كۆلتېكىن سەل ئالدىراشراق ئادەم، بەلكىم يازمىلىرىم ئىزچىل بولماسلىقى مۇمكىن. شۇنداقتىمۇ ۋاقىتنىڭ ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ، زىيارەتچىلەرنىڭ ئىشتىھاسىغا يازما سۇنۇپ تۇرىمەن.


ئاپتورى: | سەھىپە: بىلوگ بىلدۈرگىسى | ۋاقتى: 12-02-2011 | باھا: 2 پارچە | زىيارەت: 1,339 قېتىم

بۈگۈن دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئانا ۋاپات بولغان كۈن
بۈگۈن دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئانا ۋاپات بولغان كۈن
بۈگۈن دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئانا ۋاپات بولغان كۈن

ﮬﻪﻳﺮﺍﻧﻤﻪﻥ، 6 – ﺳﻪﺯﮔﯜ ﺩﯦﮕﻪﻧﮕﻪ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﭙﻤﯘ ﻗﺎﻟﯩﻤﻪﻥ، 2-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 10-ﻛﯜﻧﻰ بالىلار ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﺳﯩﻨﻰ ﻳﻮﻗﻼﭖ ﻛﯧﻠﯩﺸﻜﻪ ﯞﻩﺩﯨﻠﻪﺷﻜﻪﻧﯩﺪﯗﻕ. ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﯩﻜﯩﻦ ﺑﯩﻠﻤﯩﺪﯨﻢ، ﺑﯘ ﺳﻪﭘﻪﺭﻧﻰ ﭘﻪﻗﻪﺗﻼ ﻛﯚﯕﻠﯜﻡ ﺗﺎﺭﺗﻤﯩﺪﻯ، «ﺑﺎﺭﻏﯩﻢ ﻛﻪﻟﻤﯩﺪﻯ، ﺋﺎﻏﯩﻨﯩﻠﻪﺭ، ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻛﯧﻠﯩﯖﻼﺭ» ﺩﯦﺪﯨﻢ، ﺋﯘﻻﺭ ﻛﻪﺗﺘﻰ، ﺋﻪﺗﯩﺴﻰ 2-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 11-ﻛﯜﻧﻰ ﺳﻪﮬﻪﺭﺩﻩ، ﺋﺎﻧﺎﻡ ﺭﻩﮬﻤﯩﺘﻰ ﺟﺎﻥ ﺋﯜﺯﺩﻯ، ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﻐﺎ ﺯﯗﻛﺎﻡ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﺘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﺋﺎﻧﺎﻡ ﺟﺎﻥ ﺋﯜﺯﺩﻯ، ﮬﻪﺭﻧﺎﻣﯩﺰﯨﺪﺍ «ﺋﺎﺳﺎﻥ ﺋﺎﻏﺮﯨﻖ، ﺋﺎﺳﺎﻥ ﺋﯚﻟﯜﻡ ﺑﻪﺭﮔﻪﻳﺴﻪﻥ، ﻗﯘﺭﯗﻕ ﺗﯚﮬﻤﻪﺗﺘﯩﻦ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻳﺴﻪﻥ» ﺩﻩﭖ ﺗﯩﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻧﺎﻡ ﺟﺎﻥ ﺋﯜﺯﺩﻯ، ﺑﯩﺮ ﺋﯚﻣﯜﺭ ﺑﯩﺰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻳﺎﺷﺎﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﺎﻧﺎﻡ ﺟﺎﻥ ﺋﯜﺯﺩﻯ، ﻳﻪﺗﺘﻪ ﻧﺎﺗﯩﯟﺍﻧﻨﯩﯔ ﺑﻪﺧﺘﻰ ﺟﺎﻥ ﺋﯜﺯﺩﻯ… ئانا !!!


ئاپتورى: | سەھىپە: ماقالە-يازمىلار | ۋاقتى: 11-02-2011 | باھا: 9 پارچە | زىيارەت: 2,448 قېتىم

پادىشاھنىڭ كىيىمى بارمۇ؟
پادىشاھنىڭ كىيىمى بارمۇ؟
پادىشاھنىڭ كىيىمى بارمۇ؟

ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﯩﻦ ﻣﻪﻟﯘﻣﻜﻰ، ﻣﻪھمۇﺩ كاشغەرىي، ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺧﺎﺱ ھاﺟﯩﭗ، ﺑﺮﻭﻧﯩﻲ، ﺋﯩﺒﯩﻦ ﺳﯩﻨﺎ، ﺋﻪل ﺧﺎﺭەﺯمى، ﻧﻪﯞﺍﺋﯩﻲ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯘﻟﯘﻏﻼﺭ ﺋﯩﻤﺎﻧﻠﯩﻖ، ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﻟﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯚﻟﻤﻪﺱ ﺋﻪﺳﻪﺭ ﻳﺎﺭﯨﺘﺎﻟﯩﻐﺎﻥ. ﺋﻪﭘﺴﯘﺳﻜﻰ ﺑﯩﺰ ﺑﯘﻻﺭﻏﺎ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﭗ ﯞﺍﺭﯨﺲ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﻳﯟﺍﺗﯩﻤﯩﺰ. ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺑﯩﺮﻣﯘﻧﭽﻪ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﻪﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭﯨﺪﺍ ﺋﯩﻤﺎﻧﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﯘﺳﻠﯩﻘﻰ ﺗﻮﺳﻘﯘﻧﻠﯘﻕ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﺘﺎ. ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪﻩ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺷﻪﺧﺴﯩﻴﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻣﯘ، ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﯩﻤﯩﺰﻣﯘ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺳﻪﯞﯨﻴﯩﺪﯨﻦ ﻧﯧﺮﻯ ﺋﯚﺗﻪﻟﻤﻪﻳﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. ﺗﻮﻏﺮﺍ، ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﺪﺍ 1923-ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﻛﻰ 50-ﻳﯩﻠﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻠﯩﺮﯨﻐﯩﭽﻪ ﻣﯩﺴﻠﻰ ﻛﯚﺭﯛﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﻗﺎﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻖ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﺩﻯ. ﯞﻩﺗﻪﻥ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﻳﯧﯖﻰ ﻏﺎﻳﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺟﯧﻨﯩﻨﻰ ﭘﯩﺪﺍ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮﻣﯘﻧﭽﻪ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺗﻪﻗﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ، ﻗﺎﻣﺎﻟﺪﻯ، ﺳﯜﺭﮔﯜﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ، ﺋﯧﺘﯩﻠﺪﻯ. ﺋﯘﺭﯗﺷﺘﺎ ﺗﺎﺳﺎﺩﯨﭙﯩﻲ ﻳﺎﻛﻰ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻲ ﺋﻪﺳﯩﺮﮔﻪ ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ھەﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﻪﺟﻪﻝ ﻻﮔﯧﺮﯨﻐﺎ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﻠﺪﻯ. ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺷﻪﺭﻕ ﻣﯘﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺟﺎﻣﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ﻣﯘﻧﯘ ھېكمەﺗﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﻪﭖ ﺋﯚﺗﯜﺵ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯘﻕ: «ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﯞﻩ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺑﯩﺮ ﺯﺍﻟﯩﻤﻐﺎ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﻪﺭﺳﻪ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﻮﻟﯩﻨﻰ ﺋﯧﺘﯩﺸﻨﯩﯔ ﭼﺎﺭﯨﺴﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﻣﯩﺴﻪ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ھەﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺋﺎﺯﺍﺏ ﭼﯧﻜﯩﺪﯗ».


ئاپتورى: | سەھىپە: ئۆزگىلەردىن باشاقلار | ۋاقتى: 07-02-2011 | باھا: 6 پارچە | زىيارەت: 1,985 قېتىم

جەننەتماكان دادامنى ئەسلەيمەن

«ﺭﺍﺯﻯ ﺑﻮﻟﯘﯓ» ﺩﯦﮕﯩﻨﯩﻢ ﺋﯧﺴﯩﻤﺪﻩ، ﺑﯩﺰﮔﻪ – ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰﻏﺎ ﺗﻮﻳﻤﺎﻱ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﻣﯘﺑﺎﺭﻩﻙ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﯖﯩﺰ ﻳﯘﻣﯘﻟﺪﻯ…

ﺋﺎﺗﯩﺴﯩﺰ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭ ﺑﺎﺷﻼﻧﺪﻯ، ﺋﺎﻧﺎﻡ ﭘﺎﺕ–ﭘﺎﺕ «ﺩﺍﺩﺍﯓ ﺭﻩﮬﻤﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯜﻣﯩﺪﻯ ﺳﻪﻧﺪﻩ ﺋﯩﺪﻯ، ﺳﯧﻨﻰ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺗﺎﻣﻨﯩﯔ ﺗﯜﯞﯨﺪﻩ ﺑﻮﻳﯘﻥ ﻗﯩﺴﯩﭗ ﻗﺎﻻﺭﻛﯩﻦ، ﺩﻩﭖ ﺋﻪﻧﺪﯨﺸﯩﺪﻩ ﺋﯩﺪﻯ» ﺩﻩﻳﺪﯨﻐﺎﻥ. ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﺘﯩﭙﺎﺗﻰ، ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺩﯗﺋﺎﻟﯩﺮﯨﯖﯩﺰ ﺑﻪﺭﻛﺎﺗﯩﺪﺍ، ﺑﻮﻳﯘﻥ ﻗﯩﺴﯩﭙﻤﯘ ﻗﺎﻟﻤﯩﺪﯨﻢ، ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻢ ﺟﺎﻳﯩﺪﺍ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﯨﺪﯗ. ﻗﺎﻳﺴﯩﺒﯩﺮ ﺋﯩﺸﯩﻤﺪﺍ ﻏﻪﻟﯩﺒﻪ ﻗﺎﺯﺍﻧﻐﯘﺩﻩﻙ ﺑﻮﻟﺴﺎﻡ، ﺋﺎﺗﺎﻡ ﺑﻮﻟﺴﯩﭽﯘ ﻛﺎﺷﻜﻰ، ﻣﯘﺷﯘ ﺧﯘﺷﮭﺎﻟﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪ، ﺩﻩﭖ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻢ ﻳﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ غەلىبىدىن ﻛﯜﻟﺴﻪ، ﻣﻪﻥ ﻳﯩﻐﻼﻳﻤﻪﻥ. ﺩﺍﺩﯨﺴﯩﺰ ﻛﯜﻥ ﻛﯜﻧﻤﯘ؟


ئاپتورى: | سەھىپە: ماقالە-يازمىلار | ۋاقتى: 05-02-2011 | باھا: 11 پارچە | زىيارەت: 1,751 قېتىم

ئاپاق خوجىغا ئوچۇق خەت 6
ئاپاق خوجىغا ئوچۇق خەت 6
ئاپاق خوجىغا ئوچۇق خەت 6

قەشقەر مېنىڭ مازارگاھىم جايلاشقانلىقى ئۈچۈن «ئۇلۇغ، تاۋاب قىلىش زۆرۈر» جايدۇر. شۇ سەۋەبلەرگە كۆرە «پىر» دۇئاسىغا ئېرىشىش، مەھشەر كۈنىدە مېنىڭ «شاپائىتىم» دىن ئىنئام ئېلىش ئۈچۈن قەشقەرنى، پىر بۇزرۈك قەبرەگاھىنى داۋاملىق زىيارەت قىلماقلىق، تەلىم-تەرغىب ئالماقلىق زۆرۈردۇر.

مېنىڭ بۈگۈنكى كۈنگىچە ياشاپ كېلىشىمنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى ھۆكۈمرانىڭلار ياڭ زېڭشىن مېنىڭ ئەڭ ياراملىق شاگىرىتلىرىمدىن بىرىدۇر. بەلكىم شەكىل ئوخشىماس، ئەمما ماھىيەت بىردۇر. ئاداققى مەقسەت سىزلەرنى «يارىماس» ئىدىيەلەرنىڭ «زەھەرلىشىدىن» ساقلاش، بىزلەركىم «پىر بۇزرۈك روھىنى» قەلبىڭىزلەردە جۇلالاندۇرۇشتۇر.


ئاپتورى: | سەھىپە: ماقالە-يازمىلار | ۋاقتى: 03-02-2011 | باھا: 2 پارچە | زىيارەت: 1,453 قېتىم


Powered by WordPress | Theme by Await | Copyright Qismet © 2009-2013 | Entries | Comments | TOP |