يېقىنىدىن بۇيان ئاجايىپ ئىشلار بولىۋاتىدۇ ھە ، ئارتىس دىگەننى تىللاپ ، بايقۇت قىلىپ ۋەتۋەرىكىنى چىقىرىپلا ۋەتتۇق دىسە ، ئەينى ۋاقىتتا دۇتتارنىڭ كىمنىڭ ئىكەنلىكىنى ئويلاپ فىلىملارگە رول ئالغانلار ، ئەمدىلىكتە لەنەتگەردە بولۇپ قېلىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان بولىغىيدى ، يا بۇرۇنقى يۇزئابرۇيىنى ئويلاپ خەلق مېنى تىللاشقا پېتىنالمايدۇ دەپ ئويلاپ قالغانمىدۇ ؟
شۇنداق يوقۇرىدىن كەلگەن بېسىم ئالىدىدا ئۇيغۇرلار ئاسانلا ھەمكارلىشىش يولىنى تاللىۋالىدۇ ، ئەمما تۆۋەندىن كۆتۇرۇلگەن تىللاشقا نىمە دىگۇلۇك ، تور دىگەن نەرسىمۇ بىر بالا بولدۇغۇ بۇرۇنلاردا بۇلۇڭ پۇشقاقلاردا تۇمشۇقنى تۇمشۇققا يېقىپ دىىيلگەن ئىترازلار مانا ئەمدىلىكتە تورنىڭ خاسىيىتى بىلەن ئوچۇق ئاشكارە مەردۇ مەردانە ھالەتتە ئوتتۇرغا چىقىتى
سۆيۇملۇك ئارتىسلىرىمىز ھەقىقەتەن ئىككى تاشنىڭ ئارىسدا قالدى ، يوقۇردىن كەلگەن لاتا قوزۇق لاتىكەن دىمەي يەرگە قېقىلىدۇ ،تۆۋەن ئاۋامدىن چىققان بايقۇت قىلىمەن ،چانايمەن ، نامىزىڭغا بارمايمەن ،دىگەن سۆزلەر ئۇيغۇر ئارتىسلارنىڭ بولۇپمۇ قىرىقتىن ئېشىپ ئۆزىنى ئادەم ھىساپلاپ يۇرگەنلەرگە ئېغىركەلمەيمۇ قالمايدۇ ،
ئۇيغۇر جەمىيتىدە زامانىمىزدا ئېتراز توردىن باشقا يەردە بولۇپ باققان ئەمەس دىسەك سەل ئېشىپ كىتەرمۇ ؟ ئۇيغۇرلار ئەمدى ئېتىرازنى ئۆگەنمىسە بولمايدۇ ، ئارتىسلار ئەينى چاغدا ئىتراز بىلدۇرمەي بېسىم دەپ ھەمكارلاشقاچقا ، ئاۋامدىن تېىخىمۇ كۇچلۇك ئېتراز ساداسىنى ئاڭلىۋالدى ،
ئىككى تاشنىڭ ئارىسدا قالغان ئارتىسلارنىڭ بۇرنىغا ئوبدانلا سۇ كىردى ، ئەمدى ئۇلار ھاياتىنىڭ كىيىنكى قەدىمىنى باسقۇچە ئانچە مۇنچە ئويلىماي تۇرالمايدۇ ، نىمە دىسە نىمە كۆرسەتسە كۆرۇۋىرىدىغان كۆرۇرمەن ئەمدى يوق ، بۇنۇڭدىن كىيىن تېخىمۇ يوق ،
تور دۇنياسىنىڭ جانلىنىشىغا ئەگىشىپ ئىككى تاشنىڭ ئارسىدا قىسلىش بۇدا نۆۋەت ئارتىسلارغا كەپتۇ ، كىلەر نۆۋەت ئۇيغۇر ئەمەلدارلارغا كەپ قالامدىكىن دەيمەن ، يوقۇردا باشلىقنىڭ گىپىنى ئاڭلىمىسا تېخى ، تۆۋەندە ئەللىك كۆزى ئەل سېنى نازارەت قىلىپ قىلىدىن قىيىق كەتسەڭ تورلاردا پويىڭنى قويۇپ بىرىشى مۇمكىن ،
ئارتىسلار تورغا كۆپ چىقىدۇ، ئىترازلارنى كۆرىدۇ. لېكىن ئاۋۇ ئەمەلدارلار تورغا چىقمامدىغاندۇ يا قۇلاقنى يوپۇرۇپ تىكىۋىتەمدىغاندۇ؟
2013/05/20