Zhongyuan

97100fe403b9
بالىلارنى قۇتقۇزۇۋالايلى
بالىلارنى قۇتقۇزۇۋالايلى
بالىلارنى قۇتقۇزۇۋالايلى

بىز باشلانغۇچنى بىرلا سومكا بىلەن پۈتتۈرگەن ئىدۇق. تاغقا ياماشقانلىرىمىزدا، دەرەخلەردىكى، تام كامارلىرىدىكى قۇشقاچ ئۇۋىلىرىنى بۇزغان چاغلىرىمىزدا، چانىلىرىمىزنى قولتۇقلاپ، مۇزلۇق ئىزدەپ مەھەللە كېزىپ يۈرگەنلىرىمىزدە شۇ سومكا ئۆشنىمىزدە بار ئىدى.

ئەپسۇس، بالىلىرىمىز ئۇنداق ئويۇنلاردىن يىراق، ئوينىغۇسى بولسىمۇ يۈدۈۋالغان سومكىسىنىڭ، ياق سومكا ئەمەس، «زۇلۇم»نىڭ ئېغىرلىقىدىن ئويۇننى خىيالىغا كەلتۈرۈشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ. ئۇدۇل مەكتەپكە بارىدۇ، ئۇدۇل قايتىدۇ. بىچارە بالىلار پايلىغان بۇ زۇلۇمغا ئاۋۇ تىلسىز سومكا پايلىمايدۇ. ئۇلارنىڭ دۈمبىسىدە سومكا يىرتىدىغان خىسلەت بارمۇ يا؟! بار، ئاشۇ ئېغىر كىتابلار، يىل بويى بىرەر قېتىم ۋاراقلاپ قويۇلمايدىغان ئاتالمىش «پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى» بالىلىرىمىزنىڭ ئۆشنىسىگە سانجىلىپ، ئۇلارنى بارغانسېرى يەر تامان بېسىپ مېڭىۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ يۇمران بەدەنلىرىنى، سومكىسىنى كۆرۈنمەس چىشلىرى بىلەن غاجاۋاتىدۇ. بۇ ھالدا بالىلىرىمىزنىڭ يىلدا 2-3 سومكا ئالماشتۇرۇشىغا، ھەتتا بەزى بالىلارنىڭ چاقلىق سومكا ئىشلىتىشىگە ھەيران قېلىشىنىڭ ئورنى يوق.


ئاپتورى: | سەھىپە: ماقالە-يازمىلار | ۋاقتى: 22-04-2012 | باھا: 5 پارچە | زىيارەت: 868 قېتىم

سۈرەت سۆزلىسۇن، سىزمۇ ھەم (2)
سۈرەت سۆزلىسۇن، سىزمۇ ھەم (2)
سۈرەت سۆزلىسۇن، سىزمۇ ھەم (2)

ئىشلىرىمىز رېتىگە چۈشۈۋاتقان، شىركىتىمىز نىشانىغا قاراپ سالماق قەدەمدە مېڭىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە، ئالدىراش بولۇپ كەتتىممۇ، ھورۇن بولۇپ قالدىممۇ ياكى مەنلا سۆزلىمەي، زىيارەتچىلەرمۇ سۆزلىسۇن دپ ئويلىدىممۇ بىلمىدىم، بۇ يازمىنى تەييارلاپ سالدىم.

بەلكىم تارىخ، ئىجتىمائىيەت ۋە باشقىلاردا سىز مەندىن بەردەمرەك. شۇڭا دەيمەن: يازمىدىكى رەسىملەر ھەققىدە سىز بىلەن پىچىرلاشقۇم بار …


ئاپتورى: | سەھىپە: چاقماق يازمىلار | ۋاقتى: 03-04-2012 | باھا: 3 پارچە | زىيارەت: 1,042 قېتىم


Powered by WordPress | Theme by Await | Copyright Qismet © 2009-2013 | Entries | Comments | TOP |