بۇ يەرگە تەۋسىيە يازمىلار قويۇلىدۇ

  • تەشۋىقات كۆزنىكى

    باش بەت > ماقالە/يازمىلار > ئۇيغۇرلاردا كەندىر ئسىتىمالى ۋە سالامەتلىك

    ئۇيغۇرلاردا كەندىر ئسىتىمالى ۋە سالامەتلىك

    1. ئادەملەرگە ئۆزى ياشىغان زىمىندىن چىققان نەرسىلەر بەكرەك پايدا قىلىدۇ

    ساغلاملىق توغۇرسىدىكى بۇ قاراشنى نەدىن ئوقۇغۇنۇم تازا يادىمدا يوق ئەمما بۇ گەپنى بىر قېتىم ئوقۇپلا ناھايىتى ياقتۇرۇپ قالغانلىقىم ئىىسىمدە ، شۇنداق قىلىپ دائىم موشۇ زىمىندىن چىقىدىغان بىز سەل قاراۋاتقان ئىستىمالىيەتلەرگە نەزىرىمنى ئاغدۇرىدىغان بولۇپ قالدىم . كەندىر ئۇيغۇرلاردا قەدىمدىن ئىستىمال قىلىنىپ كەلگەن ئەمما ھازىر زور دەرىجىدە ئىستىمالدىن قالغان بىر خىل مايلىق دان زىرائەتى.

    2. ئۇيغۇلارنىڭ كەندىر ئىسىتمالى

    كەندىر ئۇيغۇرلاردا ئاساسلىق مايلىق دان قىلىنىپ سۇماي ئېلىنىپ ئىشلىتىلىپ كەلگەن . ۋە سۇماي بىلەن ياسىلدىىغان تاماقلاردا ئىشتىلىپ كەلگەن . ئۇنىڭدىن باشقا كەندىر ماتاڭى ۋە ساڭزىنىڭ خۇرۇچى دىگەندەك خۇرۇش ئورنىدىمۇ ئشىلىتىپ كەلگەن .

    ئەلۋەتتە ساپ كەندىر مېيى كۇچلۇك بولۇپ جىق ئسىتىمال قىلغاندا باشنى ئايلاندۇرۇپ ئۇيقۇنى توللىتىۋېتىدىغان بولغاچقا ئېھىتىمال باشقا مايلىق دانلار بىلەن ئېلەشتۇرۇپ ئارلاش تەڭشەلمە سۇماي بېسىپ ئىشلىتىلگەن بولىشى مۇمكىن . قومۇللۇقلارنىڭ ئىسىتمال ئادىتىدىكى قوغۇن ئۇرۇقىنى باشقا مايلىق دانلار بىلەن ئېلەشتۇرۇپ سۇ ماي بېسىشى بۇ نۇقتىنى قۇۋۋەتلەيدۇ .

    ناۋادا شارائىت يار بەرسە مەلۇم نىسبەتتە كەندىر قوشۇلغان مايلىق دانلارنى بېسىپ سۇ ماي چىقىرىش ۋە ئىستىمال قىلىش سالامەتلىككە پايدىلىق .

    3. نەچچە مىڭ يىلىدىن بېرى كەڭتاشا ئىستىمال قىلىنىپ كىلۋاتقان كەندىر رايۇنىمىزدا توقسۇنىنچى يىللاردىن باشلاپ رەسمى چەكلەندى . مېنىڭچە بۇ خىل چەكلەش بىلەن كەندىر ئسىتىمالى ئۇيغۇر لارنىڭ تۇرمۇشىدىن پۇتۇنلەي سىقىپ چىقىرىلدى . بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىغا نسىبەتەن پاسسىپ رول ئوينىدى . يوقۇرى قان بېسىم ،قاندىكى زىيادە ماي ، نېرۋا خاراكتىرلىق كىسەللەر ، ۋە يەنە مىڭە يىگىلەش ئۇيغۇرنىڭ پانتىتى بولۇپ قالاي دىدى .

    ئېھتمال بىر كۇندە ئېتىزىنى نەچچە ئايلىنىدىغان دىقاننىڭ بۇرنىغا ئېتىزنىڭ پۇرىقى پۇرايدۇ ، ھالبۇكى بۇ پۇراقلارنىڭ ئىچىدە سالماق بولغان كەندىرنىڭ پۇرۇقىمۇ بار

    4.ئۇمۇت

    مەيلى ئىلمى تېرىقچىلىق نۇقتىسىدىن بولسۇن ۋە ياكى موشۇ زىمىندا ياشاۋاتقان ھەر مىللەت خەلقىنىڭ جۇملىىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ سالامەتلىك ئىھتىياجىدىن بولسۇن . ھەقىقەتەن خەلقتە ياكى ئەلدە كەندىرگە ۋە كەندىر مېيىغا بولغان ئېھتىياج بار . ئۇمۇت ئارزۇلىرىمىز سالامەتلىك ئۇستىدە بولغاچقا ئۆز سالامەتلىكىمىز ئۇستىدە ئىزدىنشىكە ھەققىمىز بار دەپ ئويلايمەن .



  • يازما ئادرېسى: [يازما مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ، پايدىلانسىڭىز بولىدۇ.]
  • ئالدىنقى يازما: كېيىنكى يازما:

    باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    无觅相关文章插件,快速提升流量