Zhongyuan

97100fe403b9
ئەنئەنە بىلەن زامانىۋىلىق ئوتتۇرىسىدا (2)

ۋەتەننىڭ ھەقداسى بولمىش ناتىۋان خەلق قۇلنىڭ ئورنىغا چۈشۈپ قاپتۇ. مانا بۇ خورلۇق ئەمەسمۇ تەقسىرلەر؟ خوش، سىلەرنىڭ جالاپ خوتۇندىن پەرقىڭلار بارمىكەن؟! سىلەر شۇنداق غۇرۇرسىز، ئارسىز بولغاچقا، خەلق مۇشۇ ھالغا چۈشۈپ قالغان. شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى، ئەرنىڭ ئىپپىتى ۋەتەن ۋە ئاياللارنىڭ ئىززىتىدە. كىمەركى ۋەتىنى بىلەن ئاياللىرىنىڭ ئىززىتىنى قوغدىيالمايدىكەن، شۇ كىشى شۇ كۈندىن باشلاپ جالاپ!

ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن، يازمىغا ئىنكاس يېزىشىڭىزنى كۈتمەيمەن، ئىنكاس يازغان زېھنىڭىزنى ئەمەلىي ھەرىكەتكە قارىتىشىڭىزنى، ئىپپەتنى، ئەخلاقنى قوغداش كۈرىشىدە سەپداش بولۇشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەن كەتتىم، كونا جايدا-ئەخلاق دوقمۇشىدا سىلەرنى ساقلايمەن، ئامان بولۇڭلار!


ئاپتورى: | سەھىپە: ماقالە-يازمىلار | ۋاقتى: 19-10-2011 | باھا: 3 پارچە | زىيارەت: 1,204 قېتىم

يازغۇچىلارنىڭ دەردى بارمۇ؟
يازغۇچىلارنىڭ دەردى بارمۇ؟
يازغۇچىلارنىڭ دەردى بارمۇ؟

توۋا! يېقىندىن بېرى يازغۇچىلىرىمىز يازغان نەرسىلەر زەھەر پۇرايدىكىن دېسەم، ئىچى ئەلەمدىن سېسىپ كېتىپتۇ. ئۇلارنىڭ ئىجادىيىتى ھۆرمەتكە شۇنداقلا نەپكە ئېرىشتۈرسە، تۇرمۇشتىن خاتىرجەم بولسا، ئازادە مۇھىت، ھەر خىل ئىدىيە، دۇنيا قاراشلىرىنى بەخىرامان ئىپادىلىيەلىسە ئاندىن كېيىن ئىلھام دېگەننىڭ كېلىۋېتىشىنى كۆرۈڭ ، ھاي-ھاي… كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان، بىراق بىۋاسىتە ھېس تۇيغۇسىنى چەكلەپ تۇرىدىغان تاشقى بېسىمدىن قۇتۇلمىسا، يازغۇچىنىڭ قەلەم تۇلپارى چاپماي تۇرۇۋالىدىكەن، يۈگىنى تارتىلغان تۇلپارنىڭ ئۇچقاندەك چاپقىنىنى كىم كۆرۈپتۇ؟


ئاپتورى: | سەھىپە: ماقالە-يازمىلار | ۋاقتى: 13-10-2011 | باھا: 3 پارچە | زىيارەت: 1,011 قېتىم

قىسمەت يىغلىدى
قىسمەت يىغلىدى
قىسمەت يىغلىدى

بىرسى «قىيىنچىلىقىم بار» دەپلا باغرىنى يېرىپ چىققان پەرزەنتنى ساتسا، يەنە بىرسى «سەن ماڭا ئۆگەي» دەپ خورلىسا، باھانە دېگەننى تاپماق ئاسان ھە؟!

راست ، ئادەمدە ئېتىقاد، ئەخلاق، غۇرۇر بولمىسا ھەر ئىشنى قىلغۇدەك.

بۇ جاھاندىن ئادەملەرنىڭ كۆزىنى بوياپ ئۆتۈپ كېتىشەرسەن. جاھاننى، تاڭلا قىيامەتنى ئىگىسى يوق كۆرۈپ قېلىشتىڭمۇ؟!

ھۇ ئاللاھنىڭ غەزىپىدىن قورقمايدىغان بەدبەختلەر، بالىنىڭ ئۇۋالى تۇتقۇرلار!


ئاپتورى: | سەھىپە: ماقالە-يازمىلار | ۋاقتى: 01-10-2011 | باھا: 10 پارچە | زىيارەت: 2,223 قېتىم


Powered by WordPress | Theme by Await | Copyright Qismet © 2009-2013 | Entries | Comments | TOP |