Zhongyuan

97100fe403b9
يېڭىدىن بارلىققا كەلگەن ئۈچ چوڭ تاغ
يېڭىدىن بارلىققا كەلگەن ئۈچ چوڭ تاغ
يېڭىدىن بارلىققا كەلگەن ئۈچ چوڭ تاغ

بالىنىڭ بىكار يۈرۈپ كېتىۋاتقانلىقىدىن «بالام يامان يولغا كىرىپ قالمىسا بولاتتى» دەپ ئىچى پۇشقان ئاتا-ئانا بالىسىغا ئايلىقى 700-800 يۈەندىن بولسىمۇ ئىش تېپىپ بېرىدۇ. ئەپسۇس بۇ پۇل بالىنىڭ ئۆز خىراجىتىگە يېتىشى ناتايىن. ئاتا-ئانا يەنە قاراپ تۇرالمايدۇ.

بالا بىرەر يىل ئىشلىگەندىن كېيىن، «بالام دۆلەتنىڭ كادىرى بولۇپ قالسۇن» دەپ ئويلىغان ئاتا-ئانا يول ماڭىدۇ. دۆلەت ياسىغان يولدا بىكارغا ماڭغان بىلەن، ئاۋۇ يولدا بىكارغا ماڭغىلى بولمايدۇ.

ھېسابلاپ بېقىڭ، ھەرگىز 100 مىڭ يۈەندىن كەم چىقمايدۇ. سىزدىن سوراپ باقاي: رايونىمىزدا بەزى كىشىلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا قايسى ئاتا-ئانىنىڭ نەق 100 مىڭ يۈەن پۇلى بار؟


ئاپتورى: | سەھىپە: ئىقتىساد، ئىجتىمائىيەت | ۋاقتى: 28-07-2011 | باھا: 4 پارچە | زىيارەت: 1,786 قېتىم

سىدام قىسمەتلەر (1)

باشلانغۇچنىڭ 3-4-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىم بولسا كېرەك. بىر كۈنى سەھەردە يوتقاندىن سۇغۇرۇلۇپ چىقىپ ھاجەتخانىغا ماڭدىم. ھويلىغا يېنىپ كىرىپ بولغاندا بۇرنۇمغا بىردىنلا ئۈزۈم پۇراپ كەتتى. قوغۇن پۇرىدى دەپ ئاڭلايدىغان، ئۈزۈم پۇرىغانلىقىغا ھەيرانمەن، ئىشقىلىپ پۇرىغانلىقى راست . شۇ كالتە ئىشتان پېتى (ئۇ چاغلاردا تىزغا كېلىدىغاننى كىيەتتۇق جۇما) ئىشىك ئالدىدىكى ئېرىقتا يۈز-كۆزۈمنى يۇيۇپ، ئارقا ئىشىكىمىز تەرەپتىن قوشنىمىزنىڭ تېمىغا ياماشتىم.


ئاپتورى: | سەھىپە: ماقالە-يازمىلار | ۋاقتى: 21-07-2011 | باھا: 6 پارچە | زىيارەت: 1,398 قېتىم

ئوڭ قولۇڭ قىلغان ياخشىلىقنى چەپ قولۇڭ بىلمىسۇن
ئوڭ قولۇڭ قىلغان ياخشىلىقنى چەپ قولۇڭ بىلمىسۇن
ئوڭ قولۇڭ قىلغان ياخشىلىقنى چەپ قولۇڭ بىلمىسۇن

ئۆرىلەي دەپ قالغان نەچچە ئېغىز ئەبجەق ئۆي، توپا ئۆرلەپ تۇرغان كونا كىگىز، چىۋىن گىژىلدىغان قازاندىن باشقا روزغارى يوق شۇ ئاۋارىلەر «رەھمەت» دەپ مىننەتدارلىق ياشلىرىنى تۆكۈپ تېلېۋىزور ئېكرانىدا، گېزىت بەتلىرىدە پەيدا بولغىنىدا، ئۇلارنىڭ كۆزىنىڭ كەينىدە يەنە بىر جۈپ كۆزى باردەك، تۆككەن ياشلىرى مىننەتدارلىق ئۈچۈن ئەمەستەك ھېس قىلىمەن.

نېمە، ئىشەنمەيۋاتامسىز؟ بىزدەك شەھەردە ياشاپ يالغان كۈلۈشكە، يالغان يىغلاشقا ئادەتلىنىپ كەتكەنلەرنىڭ بۇنى سېزىشى تەس. ئىشلارنى پاك دېھقاننىڭ كۆزىدە، جاپاكەش ئىشچىنىڭ كۆزىدە، ئىمانى ئەركەك زىيالىينىڭ كۆزىدە، قىسقىسى بۇلغانمىغان ئەقىل، پەردىلەنمىگەن كۆزدە كۆزىتىپ باقسىڭىز نۇرغۇن ئىشلارنى ھېس قىلىسىز. نەچچە يىل كۆزى تۇتۇلۇپ، جاھاننى كۆرەلمىگەن ئەما كىشىنىڭ تۇيۇقسىز كۆزى ئېچىلىپ، «ۋاھ…» دېگىنىدەك ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشىگە مەن ئىشىنىمەن.

خۇلاسە كالام، ئىنسان ئۈچۈن بىر باك ماي، بىر خالتا گۈرۈچكە قارىغاندا ئىنسانىي غۇرۇر تېخىمۇ مۇھىمراق. باشقىلارغا ياردەم بېرىش بەدىلىگە ئۇلارنىڭ غۇرۇرى، ئىززەت-ھۆرمىتى دەپسەندە قىلىنمىغاي. ياخشى نىيەت بىلەن قىلغان ياردەملىرىمىز ئەكس ئۈنۈم بەرمىگەي، ئاتىلار سۆز بىلەن ئېيتقاندا، «ئوڭ قولۇڭ قىلغان ياخشىلىقنى چەپ قولۇڭ بىلمىگەي» …


ئاپتورى: | سەھىپە: ماقالە-يازمىلار | ۋاقتى: 14-07-2011 | باھا: 3 پارچە | زىيارەت: 1,388 قېتىم

مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەغلۇبىيىتى (خاتىمە)
مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەغلۇبىيىتى (خاتىمە)
مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەغلۇبىيىتى (خاتىمە)

ناۋادا شاھىنشاھ قازا قىلغاندىن كېيىن، پۈتۈن خانىدانلىققا يامرىغان ھوقۇق ۋە مەنپەئەت تورى ۋە تورنى توقۇغۇچى خېشېن مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىنمىسا، جياچىڭخاننىڭ ھوقۇقى ۋە ئىمتىيازىغا بىۋاسىتە تەھدىت چۈشەتتى. چۈنكى، جياچىڭخان ياش ھەم دۆلەت باشقۇرۇش تەجرىبىسى يوق، بىراق خېشېننىڭ ھوقۇق تەسىر كۈچى ۋە ئىنتايىن زور مال-دۇنياسى بار ئەھۋالدا جياچىڭخان مۇرەككەپ ھوقۇق-مەنپەئەت مەسىلىسىنى توغرا بىرتەرەپ قىلمىغاندا، پۈتۈن خانىدانلىق تەۋرىنىش ئىچىدە قېلىشى ھەتتاكى جياچىڭخان پادىشاھلىق ئورنىدىن ئايرىلىپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى. چۈنكى، بۇ ۋاقىتلاردا خېشېننىڭ ھوقۇقى ۋە ئوردىدىكى تەسىرى كۈچى باش ۋەزىردە بولۇشقا تېگىشلىك چەكتىن ئاللاقاچان ئېشىپ كەتكەن ئىدى.


ئاپتورى: | سەھىپە: تارىخ-مەدەنىيەت | ۋاقتى: 09-07-2011 | باھا: 4 پارچە | زىيارەت: 1,600 قېتىم

مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەغلۇبىيىتى (3)
مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەغلۇبىيىتى (3)
مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەغلۇبىيىتى (3)

چيەنلۇڭ زامانىسىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە «بەيلەنجاۋ دىنىدىكىلەرنىڭ توپىلىڭى»، سۇ ئاپىتى، قۇرغاقچىلىق ئاپىتى قاتارلىق ئاپەتلەر ئۈزۈلمەي بولغاچقا، ئوردا خەزىنىسى قۇرۇقدىلىپ قالغان بولۇپ، چيەنلۇڭنىڭ بېشى ئىنتايىن قاتقان. مەبلەغ توپلاشقا ئامالسىز قالغاندا، خېشېن ئويلاپ چىققان «پۇل ئارقىلىق جىنايىتىنى يۇيۇش» تۈزۈمىنى يولغا قويغان. بۇ تۈزۈمنىڭ ماھىيىتى مۇنداق: چىڭ خانىدانلىقى تەۋەسىدىكى ئەمەلدارلار ئۆزىنىڭ كەلگۈسىدە جىنايەت ئۆتكۈزۈپ قويۇش ئېھتىماللىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئوردا مالىيىسىگە ئالدىن پۇل تاپشۇرىدۇ. كىېيىن جىنايەت ئۆتكۈزۈپ قويغان بولسا، جىنايىتىنى ھېلىقى ئالدىن تاپشۇرغان پۇل بىلەن يۇيۇۋېتىدۇ. ئەگەر چيەنلۇڭخان خېشېندا ناھايىتى زور بايلىق بارلىقىنى بىلسە، بۇنداق ئىنتايىن كۈلكىلىك، ئەخمىقانە تۈزۈمنى يولغا قويمىغان بولار ئىدى.


ئاپتورى: | سەھىپە: تارىخ-مەدەنىيەت | ۋاقتى: 04-07-2011 | باھا: 3 پارچە | زىيارەت: 1,563 قېتىم


Powered by WordPress | Theme by Await | Copyright Qismet © 2009-2013 | Entries | Comments | TOP |