Zhongyuan

97100fe403b9
سىيىت نوچى زامانىمىزدا
سىيىت نوچى زامانىمىزدا
سىيىت نوچى زامانىمىزدا

20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى قەشقەردە ئوتتۇرا ئاسىياغىچە نامى تارالغان سىيىت نوچى ئىسىملىك بىر زات ئۆتكەن. تارىخچىلار ئىزچىل تارىخنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇپ كېلىۋاتقان، زامانىمىزدىكى بەزىلەرنىڭ نەزىرىدە دۆتلۈكنىڭ، ساۋاتسىزلىقنىڭ سىمۋولىغا ئايلىنىپ قالغان نوچى ئەينى دەۋردىكى خەلق نەزىرىدە رىۋايەت كەبى ئوبرازى، توغرا سۆزلۈكى، ھەقتىن يانماسلىقى بىلەن خاراكتېرلىنىپ تۇراتتى.

مېنىڭ ھەممىدىن بەكرەك ئويغا سالىدىغىنى – نوچىنىڭ پاجىئەلىك تەقدىرى، ئۆلۈم ئالدىدىكى پوزىتسىيەسى ئىدى. ئۇ قېچىپ كېتىش پۇرسىتى تۇرۇپمۇ ئۆزىنى ئۆلۈمگە تۇتۇش بېرىش ئارقىلىق، نېمىنىدۇر ئىسپاتلىماقچى بولغاندەك قىلاتتى.


ئاپتورى: | سەھىپە: ماقالە-يازمىلار | ۋاقتى: 31-08-2011 | باھا: 9 پارچە | زىيارەت: 2,528 قېتىم

پۇل نەگە كەتتى؟
پۇل نەگە كەتتى؟
پۇل نەگە كەتتى؟

ﭘﯘﻟﻨﯩﯔ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺶ ﻳﯚﻧﯩﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ، رايونىمىزنىڭ سانائىتىنى ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﻯ ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﻛﯚﭖ ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﺍ بولۇپ، رايونىمىزدىكى ﺳﺎناﺋﻪﺕ كارخانىلىرى ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﯩﻨﻰ ﻗﺎﻣﺪﯨﻴﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺷﯘﯕﺎ رايونىمىزدىكى ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ئۆﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﯩﻨﻰ ﻗﺎﻣﺪﺍﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﻯ ﺋﯚﻟﻜﯩﺪﻩ ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﮬﺴﯘﻻﺗﻼﺭﻧﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﯩﺪﯗ، ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ رايونىمىزدىكى ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ قوﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﯘﻝ تەبىئىي ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﻯ ﺋﯚﻟﻜﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﺎﻗﯩﺪﯗ. ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن رايونىمىزغا ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﯧﻘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﭘﯘﻝ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺩﯦﮭﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﻣﻪﮬﺴﯘﻻﺗﻠﯩﺮﻯ ﻳﻪﻧﻰ ﭘﺎﺧﺘﺎ، ﻣﯩﯟﻩ-ﭼﯩﯟﻩ، ﺳﺎﻳﺎﮬﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﻪﮬﺴﯘﻻﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﯧﺘﯩﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﭘﯘللاﺭ. ﺩﯦﻤﻪﻙ رايونىمىزدىن ﻛﯚﭘﻠﻪﭖ ﭘﯘﻝ ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﺎﻗﯩﺪﯗ، ﺑﯘ ﺗﻪﺭﻩققىياﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺯﯨﭻ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ. رايون ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺶ ﻳﯚﻧﯩﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺑﯩﺮﻗﻪﺩﻩﺭ ﻧﺎﻣﺮﺍﺕ رايونلاردىكى ﭘﯘﻟﻼﺭ ﺑﯩﺮﻗﻪﺩﻩﺭ تەرەققىي ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﯧﻘﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. ﻧﺎﻣﺮﺍﺕ رايونلارنىڭ ﻣﻪﮬﺴﯘﻻﺗﻘﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﯗﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﺭ تەرەققىي ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺗﻮﭖ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﺶ ئوﺭﯗﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻣﺎﻝ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﭖ، ﺋﯚﺯ رايونلىرىدا ﭘﺎﺭﭼﻪ ﺳﯧﺘﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﯘﻟﻨﯩﯔ ﻛﯚﭖ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﺭ تەرەققىي ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ رايونلاردا ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ.


ئاپتورى: | سەھىپە: ئىقتىساد، ئىجتىمائىيەت | ۋاقتى: 26-08-2011 | باھا: 4 پارچە | زىيارەت: 1,990 قېتىم

كۇچا، ئاقسۇ، ئۇچتۇرپانلارنىڭ قەدىمكى ناملىرى
كۇچا، ئاقسۇ، ئۇچتۇرپانلارنىڭ قەدىمكى ناملىرى
كۇچا، ئاقسۇ، ئۇچتۇرپانلارنىڭ قەدىمكى ناملىرى

پائۇل پېللىئوت (Paul Pelliot، 1878-1945) فىرانسىيەنىڭ دۇنياغا داڭلىق خەنزۇشۇناسى، ئېكسپېدىتسىيەچى. پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىنگلىز تىلى ئۆگەنگەن، كېيىن خەنزۇتىلى ئۆگىنىشكە كىرىشىپ، شەرق تىللىرى مەكتىپىگە كىرىپ شەرقنىڭ تىل ۋە مەدەنىيىتىنى ئىچكىرىلەپ تەتقىق قىلغان.

پائۇل پېللىئوت خەلقئارادا ئاۋرىل ستەيىن، سىۋىن ھىدىن قاتارىدا تىلغا ئېلىنىدىغان ئۇلۇغ ئېكسپېدىتسىيەچىلەرنىڭ بىرى. شۇنداقلا رايونىمىزغا قىلغان ئارخېئولوگىيە بۇلاڭچىلىقى بىلەن «يىپەك يولىدىكى مەدەنىيەت بۇلاڭچىلىقىدىكى ئۈچ كاتتا شەخس» نىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ (قالغان ئىككىسى ئاۋرىل ستەيىن، سىۋىن ھىدىن) .

ئۇ 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا رايونىمىزغا بىر نەچچە قېتىم كىرىپ ئېكسپېدىتسىيە تەكشۈرۈشىدە بولغان. نەتىجىسى سۈپىتىدە ئۆتمۈشنى ئۇنتۇغان، مەدەنىيەت قارىشى يىمىرىلگەن بىر قىسىم قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يول باشلىشى بىلەن بىباھا مەدەنىيەت بايلىقلىرىمىزنى نومۇسسىزلارچە ئېلىپ چىقىپ كەتكەن.


ئاپتورى: | سەھىپە: تارىخ-مەدەنىيەت | ۋاقتى: 21-08-2011 | باھا: 3 پارچە | زىيارەت: 1,393 قېتىم

سۈرەت سۆزلىسۇن، سىزمۇ ھەم
سۈرەت سۆزلىسۇن، سىزمۇ ھەم
سۈرەت سۆزلىسۇن، سىزمۇ ھەم

بۈگۈن كۆچمە دىسكامنى رەتلەۋېتىپ بۇ سۈرەتلەرنى ئۇچرىتىپ قالدىم. قارىسام ھەربىرى بىر يازمىغا خۇرۇچ بولغىدەك سۈرەتلەركەن. ئايرىم يازمىنى كېيىنگە قويۇپ، سۈرەتلەرنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇم. «ھەر كاللىدا ھەر خىيال» دېگەندەك، مەن ئويلىغان بەلكىم سىلەرنىڭكى بىلەن بىر يەردىن چىقماس.

خوش، نېمە ئويلىدىڭىزكىن؟


ئاپتورى: | سەھىپە: چاقماق يازمىلار | ۋاقتى: 16-08-2011 | باھا: 4 پارچە | زىيارەت: 1,402 قېتىم

بوۋاققا سۇنغان قارا قولۇڭنى تارت
بوۋاققا سۇنغان قارا قولۇڭنى تارت
بوۋاققا سۇنغان قارا قولۇڭنى تارت

سەھىيە تارماقلىرىدىكى سامان قورساق ئەپەندىلەر، خانىم-قىزلار تىنچ -ئامان تۇرۇشتۇقمۇ؟ ئىش چىقمىسا سىلەرنى تېلېۋىزوردا كۆرگىلى بولمايدۇ. ئىش چىقسا زۇۋۇك تالىشىپ شالىڭلارنى چاچرىتىپ سۆزلەپ، « %80 مەھسۇلات يەنىلا ئىشەنچلىك» دېگەندە نېمىشقا يۈزۈڭلار قىزارمايدۇ؟ بوۋاقلارنىڭ يېمەك-ئىچمىكىگە قۇيۇلغان تەلەپنىڭ %100 ئىكەنلىكىنى بىلمەمسىلەر؟ قايسىڭ بېرىشتىڭ ئاۋۇ «دۆلەت سۈپەت تەكشۈرۈشنى كەچۈرۈم قىلغان مەھسۇلات» دېگەن كىنىشكىنى؟


ئاپتورى: | سەھىپە: ئىقتىساد، ئىجتىمائىيەت | ۋاقتى: 08-08-2011 | باھا: 7 پارچە | زىيارەت: 9,685 قېتىم

تايىنى يوق شېئىر-دېھقان بولماق تەس
تايىنى يوق شېئىر-دېھقان بولماق تەس
تايىنى يوق شېئىر-دېھقان بولماق تەس

خوش، دېھقاننى ئۇلۇغلايسىزۇ، ئۇنىڭ كۆكتاتلىرىنى بىۋاسىتە سېتىۋالمايسىز. ئۇنىڭغا ئىئانە ئورنىدا بەرگەن كونا كىيىملىرىڭىز بىلەن شۇ غۇبارسىز دېھقاننىڭ غۇرۇرىغا تېگىشكە پېتىنىسىزۇ، ئۇنىڭ بىلەن نەچچە يۈەنلىك سودا قىلىپ، كەچتە ئۆيىدىكى ئۇششاقۇ-چوڭلىرى بىلەن بىرەر پارچىدىن گۆش يېيىشىنى خالىمايسىز.

بۇ قىلغىنىڭىز بۇ شېئىرنىڭ، توغرىسى سىزنىڭ تايىنى يوق ئىكەنلىكىڭىزنىڭ ئىسپاتى بولماي نېمە؟


ئاپتورى: | سەھىپە: ماقالە-يازمىلار | ۋاقتى: 01-08-2011 | باھا: 31 پارچە | زىيارەت: 8,936 قېتىم


Powered by WordPress | Theme by Await | Copyright Qismet © 2009-2013 | Entries | Comments | TOP |