بۇ يەرگە تەۋسىيە يازمىلار قويۇلىدۇ

  • تەشۋىقات كۆزنىكى

    باش بەت > تارىخ/مەدەنىيەت > كۇچا، ئاقسۇ، ئۇچتۇرپانلارنىڭ قەدىمكى ناملىرى

    كۇچا، ئاقسۇ، ئۇچتۇرپانلارنىڭ قەدىمكى ناملىرى

    پائۇل پېللىئوت (فرانسىيە)

    قىسمەت ئىلاۋىسى: پائۇل پېللىئوت (Paul Pelliot، 1878-1945) فىرانسىيەنىڭ دۇنياغا داڭلىق خەنزۇشۇناسى، ئېكسپېدىتسىيەچى. پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىنگلىز تىلى ئۆگەنگەن، كېيىن خەنزۇتىلى ئۆگىنىشكە كىرىشىپ، شەرق تىللىرى مەكتىپىگە كىرىپ شەرقنىڭ تىل ۋە مەدەنىيىتىنى ئىچكىرىلەپ تەتقىق قىلغان.

    پائۇل پېللىئوت خەلقئارادا ئاۋرىل ستەيىن، سىۋىن ھىدىن قاتارىدا تىلغا ئېلىنىدىغان ئۇلۇغ ئېكسپېدىتسىيەچىلەرنىڭ بىرى. شۇنداقلا رايونىمىزغا قىلغان ئارخېئولوگىيە بۇلاڭچىلىقى بىلەن «يىپەك يولىدىكى مەدەنىيەت بۇلاڭچىلىقىدىكى ئۈچ كاتتا شەخس» نىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ (قالغان ئىككىسى ئاۋرىل ستەيىن، سىۋىن ھىدىن) .

    ئۇ 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا رايونىمىزغا بىر نەچچە قېتىم كىرىپ ئېكسپېدىتسىيە تەكشۈرۈشىدە بولغان. نەتىجىسى سۈپىتىدە ئۆتمۈشنى ئۇنتۇغان، مەدەنىيەت قارىشى يىمىرىلگەن بىر قىسىم قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يول باشلىشى بىلەن بىباھا مەدەنىيەت بايلىقلىرىمىزنى نومۇسسىزلارچە ئېلىپ چىقىپ كەتكەن.

    بۇ كىشى ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي ئۇچۇرلارغا ئىگە بولماقچى بولسىڭىز، «يىپەك يولىدىكى ئەجنەبىي ئالۋاستىلار» ناملىق كىتابقا مۇراجىئەت قىلىڭ.

    ئاپتورنىڭ بۇ ئەسىرى كەمىنىنىڭ كىندىك قېنى تۆكۈلگەن يۇرتى ھەققىدە بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ يەرگە يوللاندى.

    ________________________________________________________________________

    فون لېكوك (گېرمانىيە ئارخېئولوگى) قىزىل ۋە شورچۇقتىن تاپقان قەدىمكى قوليازمىلار ئارىسىدىن ئاتاقلىق ئالىم لۈدېرس كۇچانىڭ يەرلىك تارىخىغا دائىر ئاتالغۇلارنى بايقىدى(1)، بۇنىڭ ئىچىدە كۇچانىڭ سانسكرىتچە ئاتىلىشى بولغان Kua سۆزى بىرنەچچە ئورۇندا ئۇچرايدۇ، بۇ ئاتالغۇنىڭ ئۇچرىشى كىشىلەرنىڭ ئېسىگە شۈەن زاڭنىڭ ساياھەت خاتىرىسىدىكى چۈجى (屈支‹Kui›) دېگەن ئاتالغۇنى سالىدۇ، بۇ سانسكرىتچە ئاتالغۇنىڭ نەق ئۆزى، خالاس. بۇنى سانسكرىتچە بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشاش دېيىشكە بولمايدۇ، چۈنكى بۇ سانسكرىتلاشمىغان يەرلىك نامدۇر.

    بىز خەن سۇلالىسى دەۋرىدىن تارتىپ كۇچا نامىنىڭ خەنزۇچە مەنبەلەردە ھەر خىل يېزىلىپ كەلگەنلىكىنى بىلىمىز، بۇ خەنزۇچە ناملار ئاساسەن بىرلا خىل كۈسى (Kuci) دېگەن يەرلىك ئاتالغۇنىڭ خەنزۇچە يېزىلىشىدىنلا ئىبارەت، بۇنى ھەرگىزمۇ كۈچى (Kui) نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى دېگىلى بولمايدۇ(2)، لۈدېرس ھازىرقى كۇچا نامىنىڭ قانداق مەنبەدىن كەلگەنلىكىنى ئېنىقلىيالمىغان بولسىمۇ، بۇ ئاتالغۇنىڭ 17-ئەسىرلەرنىڭ باشلىرىدىلا مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بىلگەن، چۈنكى بېنوئىت دېگويېس بۇ نامنى كۇسيا (Cucia) دەپ يازغانىدى. ئەمەلىيەتتە 1330-يىللارنىڭ ئالدى-كەينىدىكى كىلاسسىك ئەسەرلەردە بۇ نام ئاھاڭى شۇنىڭغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان كۇچا(苦叉) دېگەن خەت بىلەن يېزىلغان، بىراق بۇ مەزكۇر ئاتالغۇنىڭ موڭغۇلچە تەرجىمىسى ئەمەس، بىز موڭغۇللارنىڭ بۇ سۆزنى نېمە ئۈچۈن «كۈسەن» دەپ يازغانلىقىنى بىلمىدۇق، مانا بۇ «يۈەن سۇلالىسىنىڭ مەخپىي تارىخى»دىكى كۇچا نامىدۇر. خەنزۇلار مانا بۇنى ئايلاندۇرۇپ چۈشيەن، كۇشيەن دەپ خاتىرىلىگەن. بۇ ئەمەلىيەتتە خوتەن نامىنىڭ يەنە ئۇدۇن دەپ يېزىلغانلىقىغا ئوخشاش ئىش. شۇڭا موڭغۇلچە كۈسەن نامىنىڭ «تارىخى رەشىدى»دە دائىم كۆرۈلۈشى نورمال ئىش، بۇ بەلكىم تىبەتچە «دازاڭ تانجۇر» دېگەن نومدا ئۇچرايدىغان Khusen نىڭ ئۆزى بولۇشى مۇمكىن(3). مەن بۇ يەردە بۇ ھەقتە قىسقىچە توختالماقچىمەن، تەپسىلىي توختىلىش كەلگۈسىگە قالدۇرۇلىدۇ.

    لۈدېرس تەتقىق قىلغان ھۆججەتلەردە كۈسەن خانلىرىدىن ئىككىسىنىڭ نامى ئۇچرايدۇ. بىرىنىڭ ئىسمى ۋاسۇياساس (Vasuyasas)، يەنە بىرىنىڭ ئىسمى ئارتېپ (Artep)، بۇلارنىڭ قايسى زاماندىكى ئادەملەر ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا لۈدېرس س. لېۋى تەتقىق قىلغان Svarnate (Suvarnadeva) دېگەن نامنىڭ تولۇق ئەمەسلىكى، ئۇنىڭ چوقۇم سۋارناتېپ (Svarnatep) دەپ يېزىلىشى كېرەكلىكىنى ئىسپاتلىغان. مەنمۇ ئىلگىرى خەنزۇچە مەنبەلەردە خاتىرىلەنگەن سۇفاديې (苏伐叠)غا ئاساسەن مۇشۇنداق بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلغانىدىم. بۇنى لۈدېرسنىڭ تەتقىقاتىغا بىرلەشتۈرۈپ قارىغاندا، بۇ پەرەزنىڭ خاتا ئەمەس ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

    قەدىمكى كۈسەن تارىم دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى كۈچلۈك بىر بەگلىك ئىدى. بىراق، ئۇ تارىم دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى بىردىنبىر بەگلىك ئەمەس ئىدى. كۈسەننىڭ غەربىدىكى مۇھىمراق بەگلىك خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى مەنبەلەردە خاتىرىلەنگەن 姑墨 بەگلىكىدۇر. شۇەنزاڭنىڭ ساياھەت خاتىرىسىدە بۇ يەر 跋禄迦 (بارۇكا) دەپ يېزىلغانىدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى رىۋاتتېرس (Watter) «بۈيۈك تاڭ دەۋرىدىكى غەربكە ساياھەت خاتىرىسى»دە تىلغا ئېلىنغان يەنجى (بۈگۈنكى قاراشەھەر)نى سانسكرىتچىدىكى ئاگنى (Agni)نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇشى مۇمكىن، بۇ «ئوت» دېگەن مەنىدە بولۇپ، تۈرك تىلىدا ئوت »يانغى» دېيىلىدۇ، ئاگنى سۆزى مانا مۇشۇ سۆزدىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن دېگەنىدى. ئۇ يەنە 跋禄迦 سانسكرىتچىدىكى بالۇكا (ئەسلىدە ۋالۇكا بولۇشى كېرەك) نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ، مەنىسى قۇم دېگەنلىكتۇر، شۇڭا بۇ يەر خەنزۇچە مەنبەلەردە گۇمو (قۇم 姑墨) دەپ يېزىلغان، دەيدۇ. بۇنداق دەلىللەش تەلەپپۇز نۇقتىسىدىن قارىغاندا توغرىدەك قىلىدۇ، ئىلگىرى مەنمۇ مۇشۇنداق قاراشتا بولغان. كۆپچىلىك غەربىي يۇرتنىڭ شىمالىدىكى رايونلارنىڭ ئىلگىرىكى ھەرقانداق دەۋردە تۈركلەرگە تەۋە ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەن بولسا، بۇنداق چۈشەندۈرۈش ناھايىتى تەبىئىي بولغان بولاتتى. بىراق، مىلادىيە 10- ئەسىردىن ئىلگىرىكى پۈتكۈل غەربىي يۇرتتا بىر قىسىم ھىندى-ياۋروپا تىللىرىنىڭ مەۋجۇت بولغانلىقى بايقالغاندىن كېيىن ، بۇ مەسىلە مۇرەككەپ بىر مەسىلىگە ئايلىنىپ قالدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە 姑墨نىڭ قەدىمكى ئوقۇلۇشى قۇم ئەمەس، بەلكى دىماغ تاۋۇشىدىكى ھەرپلەردە «قۇماق» ياكى «قۇماغ» بولۇشى كېرەك. بۇنى تۈركچە يېزىلىشى بويىچە ئەمەس، بەلكى موڭغۇلچە يېزىلىشى بويىچە سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىش كېرەك.

    لۈدېرس ئۆزى تەتقىق قىلىۋاتقان كەمتۈك ۋاراقلار ئىچىدىن بارۇكا (Bharuka) دېگەن دۆلەت نامىنى بايقاپ قالغان ۋە بۇنى خەنزۇچە مەنبەلەردىكى 跋禄迦 دۆلىتىنىڭ نەق ئۆزى دەپ قارىغان(4). ناۋادا ئۇنىڭ تەتقىقاتى خاتا بولمىسا نۇرغۇن قىيىن مەسىلىلەردىن خالىي بولغان بولاتتۇق، بىراق كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەن بۇ مەسىلىنىڭ يەنە ئوتتۇرىغا چىقىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيمەن. بۇ نام نارېندراياساس تەرجىمە قىلغان «يۆساڭ نومى»دا婆楼迦 دەپ يېزىلغان، بۇ نامنىڭ بۇنىڭدىن باشقا يېزىلىشلىرىمۇ بولۇشى مۇمكىن. خۇي لىننىڭ »بارچە نوملارنىڭ شەرھى» دېگەن كىتابىدا بارۇكا دۆلىتىدىن 末禄 مولۇ پاختا رەختى چىقىدۇ، شۇەن زاڭنىڭ «ساياھەت خاتىرىسى»دە خۇددى «يېڭى تاڭنامە»نىڭ «غەربىي يۇرت تەزكىرىسى»دىكىگە ئوخشاش «بارۇكا دۆلىتىدىن نەپىس پاختا رەخت، نەپىس كىگىز چىقىدۇ» دېيىلگەن. بۇ يەردىكى 末禄 نى بارۇكانىڭ باشقىچە يېزىلىشى دېيىشكە بولىدۇ(5). يۇقىرىقىلار سانسكرىتلاشقان بەگلىك ناملىرى، بۇ ناملارنىڭ يەنە يەرلىك ئاتىلىشلىرىمۇ بار. ئۇ بولسىمۇ خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى گۇمو، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى باخۇەن (拔换) لەردۇر.

    گۇمو دېگەن بۇ نام «تاڭنامە.جۇغراپىيە تەزكىرىسى»نىڭ «غەربىي يۇرت» قىسمىدا 21 ئايماق ئىچىدە كەلگەندە خېمو…. دەپ يېزىلغان. بىراق جيا شېننىڭ «يوللار تەزكىرىسى»دە گۇمو دەپ يېزىلغان. بۇلارنىڭ ھەممىسى قەدىمكى ناملارنىڭ يېڭىچە قوللىنىلىشىدىنلا ئىبارەت. چۈنكى بۇ يەر تاڭ دەۋرىدە يەنە داۋاملىق گۇمو دەپ ئاتالغان ئەمەس. بىراق، مەن بۇ نامنى 4- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغىچە ساقلىنىپ كەلگەن دەپ قارايمەن. ئەينى دەۋردە كۇچادا جيەنموۋاڭ (剑慕王)ئىبادەتخانىسى دېگەن بىر ئىبادەتخانا بار ئىدى(6). مەن بۇ يەردە گۇمونىڭ ھەر خىل خەنزۇچە يېزىلىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلماقچى ئەمەسمەن. بىز جيەنمونىڭ قەدىمكى ئوقۇلۇشىنىڭ كاممو (Kammo)، كامبو(Kambo) ئىكەنلىكىنى بىلىشىمىز كېرەك. گۇمو دەل مۇشۇ ئىبادەتخانا جايلاشقان كۇچا بىلەن ۋېنسۇ بەگلىكىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىدى. كامبو بەلكىم گۇمونىڭ ئۆزى بولۇشى مۇمكىن، ياكى ھىندىستاندىكى كامبوجا دېگەن دۆلەتنىڭ نامى خاتا ھالدا بۇنىڭغا باغلاشتۇرۇپ قويۇلغان. بۇ خۇددىKusinagara دىكى Kusi نىڭ قەدىمكى ئوقۇلۇشى كۇچاغا ئىسىم بولۇپ قالغىنىغا ئوخشاش ئىش(7). باخۇەن نامىغا كەلسەك، بۇنىڭدىن خېلى يىللار ئىلگىرى مەن بۇ ئىسىمنى ئىدرىسىنىڭ جۇغراپىيە تەزكىرىسىدىن كۆرگەنلىكىمنى چۈشەندۈرگەنىدىم. بۇ قارىشىمدىن ھازىرمۇ يانمايمەن(8).

    لۈدېرس ئۆزىنىڭ جۇغراپىيە تەتقىقاتىدا مۇنداق بىر كونا كۆز قاراشنى تىلغا ئالمىغان، ئىلگىرى كىشىلەر خاتا ھالدا گۇمونى ئاقسۇ بىلەن كۇچانىڭ ئوتتۇرىسىدا دەپ قارىغان. ئەمەلىيەتتە مۇنداق كۆزقاراشنى دەلىللەشكە ھېچقانداق ئورۇن يوق. چۈنكى گۇمو دېمەك ئاقسۇ دېمەكتۇر. ستەيىن ئۆزىنىڭ «سېرىندىيە» دېگەن كىتابىنىڭ 1297-بېتىدە بۇ جايغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق تەتقىقاتلارنى بىرمۇ بىر كۆرسىتىپ ئۆتكەن. لۈدېرس تەتقىق قىلغان ھۆججەتتە يەنە ئىككى يەر نامى ياكى دۆلەت نامى بار، بۇنىڭ بىرى ھىپپۇكا (Hippuka) بولۇپ ئورنى مەلۇم ئەمەس(9). يەنە بىرى H. yuka(باشتىكى ھەرپ تۇتۇق بولۇپ a بولۇشى مۇمكىن ياكىi,e,o بولۇشىمۇ مۇمكىن، لېكىن ھەرگىز u ئەمەس)، لۈدېرس بۇنى خوچۇكا (Hocyuka)دەپ ئوقۇشقىمۇ بولىدۇ، بۇ تۇرپان ئەتراپىدا بولۇپ، قەدىمكى قۇچۇنىڭ باشقىچە ئاتىلىشى دەپ قارايدۇ. مېنىڭچە مۇنداق دېيىش توغرا بولمىسا كېرەك. 6-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى تەرجىمە قىلىنغان «يۆساڭ نومى»غا كىرگۈزۈلگەن دۆلەتلەردىن بولۇكانىڭ كەينىدە شىجۇجيا 溪周迦 دېگەن دۆلەت نامى بار. لېۋىي بۇنى ھېجۇكا (Hejuka) دەپ ئەسلىگە ياندۇرغان (يىراق شەرق فىرانسىيە مەكتىپىنىڭ ژۇرنىلى، 5-جىلد، 362-بەت). بىراق 周 خېتى قەدىمكى ئوقۇلۇشى بويىچە تىل ئالدى تاۋۇشى بىلەن ھېچۇكا ياكى ھېچيۇكا دەپ ئوقۇلۇشى كېرەك، لۈدېرس كۆرگەن ئەسلى نامنى مۇشۇنداق تۈزىتىشكە بولىدۇ. بىراق، قۇچۇنىڭ باشقىچە ئاتىلىشى دېگەن قاراشنى تەشەببۇس قىلغىلى بولمايدۇ(10).

    ئۇنداقتا ھېچيۇكا زادى قەيەردە؟ بۇ دۆلەت نامى «يۆساڭ نومى»دا بالۇكا دۆلىتى بىلەن بىر قاتاردا تىلغا ئېلىنغان. بالۇكا دۆلىتى دەل ھازىرقى ئاقسۇ. ئاقسۇنىڭ غەربىدىكى جاينىڭ نامى ئۇچتۇرپاندۇر. تۇرپان نامى كېيىنكى يىللاردا قوشۇلۇپ قالغان. قەدىمكى يۇرت نامى بولغان ئۇچ 1330-يىلى 倭赤 دەپ، خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ۋېنسۇ (温宿)دەپ، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە يۈجۇ (于祝) دەپ ئاھاڭ تەرجىمىسى قىلىنغان(11).

    جۇ祝 خېتى قەدىمكى ئوقۇلۇشى بويىچە تىل ئارقا تاۋۇشى بىلەن ئۇچۈك (ucük) دەپ ئوقۇلۇشى كېرەك. مەن سانسكرىتلاشقان ھېچيۇكا، ھېچۇكا دېگەن ناملارنى دەل مۇشۇ 于祝 نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسىدىن ئۆزگىرىپ كەلگەن دەپ قارايمەن (12).

    ئەمدى ۋېنسۇغا كەلسەك، ۋېنسۇدىكى سۇ تىل ئالدى تاۋۇشىغا تەۋە (13). ۋېنسۇ قەدىمكى تەلەپپۇزى بويىچە ئۇرسۈك ياكى ئۇرچۈك دەپ ئوقۇلۇشى كېرەكلىكىنى تەشەببۇس قىلىمەن. بۇمۇ خەنزۇچە يۈجۇ، شىجۇجيالاردىن ئۆزگىرىپ كەلگەن. مانا مۇشۇنىڭدىن قارىغاندا لۈدېرس بايقىغان بىر نەچچە خىل نام ھەققىدىكى تەتقىقات ئاقسۇ، كۇچا، ئۇچتۇرپان ناملىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، ئۇنىڭ كەلگۈسىدە تېخىمۇ زور بايقاشلارنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

    ئىزاھلار:

    (1) 1922-يىلى ئېلان قىلىنغان «پرۇسسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى خاتىرىلىرى»نىڭ 342− 162-بەتلىرىدىكى «غەربىي يۇرتنىڭ تارىخىي يەر ناملىرى ھەققىدە تەتقىقات» دېگەن ماقالىگە قاراڭ.

    (2) 龟 خېتى دائىم 归 دەپ ئوقۇلۇپ قالىدۇ، بۇ يەردە جيۇ鸠 دەپ ئوقۇلۇشى كېرەك. جۇڭگودا يەرلىك تىلدىكى بۇ باش ھەرپنى ئىپادىلەيدىغان تەڭداش يۈنمۇ بولمىسا كېرەك. ئۇنىڭدىكى يۈنمۇ ياكى U ھەرپىدىن بۇ سۆزنىڭ Kuci ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلغىلى بولىدۇ. بىراق بۇ سۆزنىڭ بەزى-بەزىدە 归兹دەيدىغان ئالاھىدە يېزىلىشىمۇ ئۇچراپ قالىدۇ. بىز u ھەرپىنىڭ بىراخما يېزىقىدا yu دەپ، ئۇيغۇر يېزىقىدا ui دەپ ئوقۇلىدىغانلىقىنى بىلىشىمىز كېرەك. كەينىدىكى 兹 خېتىغا كەلسەك جاراڭلىق ئوقۇلىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ تەڭدىشى Kuji (j=zh) بولسا كېرەك. بۇ خىل جاراڭلىق تاۋۇش بىلەن يېزىلىش مەسىلىسىنى 4-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىكى 拘夷 بىلەن باغلاشقا بولىدۇ. مانا بۇ جۈيىنىڭ يەرلىك تىلدا ئوقۇلۇشى كۈجى(Kuji) بولسا كېرەك. جۈيى خېتى ئىلگىرى拘尸那揭罗 (kusinagara) دەپمۇ ئاھاڭ تەرجىمىسى قىلىنغان، بۇ كىشىلەرگە تونۇشلۇق.

    (3) پ. كورديېرنىڭ «تىبەت خاتىرىلىرى» ناملىق ئەسىرىنىڭ 3-جىلد 334-بېتىگە قاراڭ.

    (4) بارۇكا دۆلىتى «بۈيۈك توز نومى»دا بارۇكاچچا(婆卢揭车) نامى بىلەن تەڭ تىلغا ئېلىنغان. لېۋى ئۆزىنىڭ «بۈيۈك توز نومى. يېچا ناملىرى»دا بۆتلىڭنىڭ لۇغىتىدە بارۇكا دېگەن بىر پادىشاھنىڭ نامى بارلىقىنى تىلغا ئالغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ھەقتە ئالاھىدە چۈشەنچە بەرمىگەن.

    (5) «يېڭى تاڭنامە. غەربىي يۇرت تەزكىرىسى»دە «بارۇكا بىر كىچىك بەگلىك» دېيىلگەن بولسا، «تاجىكلار تەزكىرىسى»دە «شەرقتە مولۇ末禄 دېگەن بىر كىچىك بەگلىك بار» دېيىلگەن. «يېڭى تاڭنامە»نى خاتا پايدىلىنىپ قالمىغان بولسام، بۇ ئىككىسىنى ھەرگىز بىر نام دەپ قاراشقا بولمايدۇ.

    (6) 1913-يىلىدىكى «ئاسىيا ئىلمىي ژۇرنىلى»نىڭ 2-توم، 338-بېتىدىكى لېۋىنىڭ ماقالىسىگە قاراڭ.

    (7) مەن مىلادىيە 882-يىلى تەرجىمە قىلىنغان نومدىكى كامبو (剑浮)دۆلىتىنى 姑墨 دۆلىتىنىڭ ئۆزى دەپ قارايمەن.

    (8) «تۇڭباۋ»نىڭ 1907-يىللىق سانىنىڭ 553-بېتىدىن 556-بېتىگىچە بولغان جايلارغا قاراڭ. ستەيىن ئۆزىنىڭ «سېرىندىيە» دېگەن كىتابىدا باخۇەن 拔换 نامىنى تىلغا ئالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنى دەلىللىمىگەن. بىراق بۇ ماقالە 1906-يىلى مەن قەشقەردىكى چاغدا يېزىلغان، شۇڭا ئۇنىڭ نۇرغۇن جايلىرىنى تۈزىتىشكە توغرا كېلىدۇ.

    (9) «يۆساڭ نامى»دا تىلغا ئېلىنغان 25 بەگلىك ئىچىدە 溪浮迦 بەگلىكى دېگەن بىر نام ئۇچرايدۇ. بۇ بەلكىم Hecyuka نىڭ خەنزۇچە ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇشى مۇمكىن. بىراق بۇ بەگلىكنىڭ ئورنى تېخىچە ئېنىقلانمىدى.

    (10) مېنىڭچە «يۇ» يۈنمۇسى بىراخما ۋە تۈرك يېزىقلىرىدا «ئۈ» دەپ تەلەپپۇز قىلىنىشى كېرەك، «قوچۇ» نامىدا مۇنداق ھەرپ يوق. تۇرپاننىڭ قەدىمكى نامى 882-يىلى تەرجىمە قىلىنغان نومدا ئالدى قوش بەگلىكى دەپ ئېلىنغان. بۇ دەل ئىلگىرىكى ئالدى قوش بەگلىكىدۇر. قىسقىسى، بۈگۈنكى تۇرپان بىلەن بېشبالىق ئىككىسى ئوخشاش. ئالدى قوش دۆلىتى ھەققىدە «ئاسىياشۇناسلىق ئىلمىي ژۇرنىلى»نىڭ 1912-يىللىق 1-ساندىكى مېنىڭ 579-بەتتىن 580-بەتكىچە بولغان چۈشەندۈرۈشۈمگە قاراڭ.

    (11) شاۋاننىڭ «غەربىي تۈرك تارىخىغا دائىر ماتېرىياللار» دېگەن كىتابىنىڭ 9-بېتىگە، ستەيىننىڭ «سېرىندىيە» دېگەن كىتابىنىڭ 1299-بېتىگە قاراڭ.

    (12) ھازىرقى خوتەن خەن سۇلالىسى دەۋرىدە يۈتيەن 于阗، يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئۇدۇن (斡端) دەپ يېزىلغان، نېمە ئۈچۈن مۇنداق يېزىلغانلىقى ئېنىق ئەمەس. ھېچيۇكا (溪周迦) دىكى e بىلەن ئۇچ (于祝) تىكى u نى سېلىشتۇرساق، بۇ بەلكىم توخرى تىلىدا دائىم كۆرۈلىدىغان تاۋۇشلارنىڭ نۆۋەتلىشىش قانۇنىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىش بولسا كېرەك. لېۋى «ئاسىياشۇناسلىق ئىلمىي ژۇرنىلى»نىڭ 1913 – يىللىق 2-توم 372- بېتىدە بۇنىڭغا مىسال كەلتۈرگەن.

    (13) 宿 خېتى تىل ئالدى ۋە تىل كەينى تاۋۇشلار بىلەن ئىككى خىل ئوقۇلىدۇ. ۋېنسۇ يەنە جيا شېننىڭ «يوللار تەزكىرىسى»دە 宿肃 دەپمۇ يېزىلغان، بۇ يەردىكى 肃 خېتى تىل كەينى تاۋۇشى بىلەنمۇ ئوقۇلىدۇ.

    1995-يىلى بېيجىڭ سودا نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان «غەربىي يۇرت ۋە جەنۇبى دېڭىزنىڭ تارىخ-جۇغراپىيىسىگە ئائىت تەتقىقاتلار» ناملىق توپلامنىڭ 1-تومىدىن تەرجىمە قىلىندى.
    تەرجىمە قىلغۇچى: ئابلىز ئورخۇن
    تەرجىمە تەھرىرى: دىلمۇرات مۇسا
    مەنبەسى: شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى



  • يازما ئادرېسى: [يازما مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ، پايدىلانسىڭىز بولىدۇ.]
  • ئالدىنقى يازما: كېيىنكى يازما:

    باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    • 1#

      ئىنتايىن قىممەتلىك مەلۇماتلار ئىكەن،لېكىن ئاپتۇرنىڭ كۇچارنىڭ تارىختىكى نامى توغرىسىدىكى مەلۇماتلىرى سەل چۈشۈنىكسىز بۇلۇپ قالغاندەك ھىس قىلىپ قالدىم،ئاقسۇ،ئۈچتۇرپان ناملىرى توغرىسىدا بەرگەن مەلۇماتلىرى چۈشىنىشلىك ئىكەن،ماقالىنى كۈچۈرۈپ ساقلىۋالدىم.

    • 3#

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! :|

    无觅相关文章插件,快速提升流量