ئاپاق خوجىغا ئوچۇق خەت 3
ئاپتورى: قىسمەت | سەھىپە: ماقالە-يازمىلار | ۋاقتى: 18-01-2011 | خەتكۈشلەر: ئاپاق خوجا
ئەي پىر بۈزرۈك، ئۇقۇپ-ئۇقماي، ئۆتكۈزۈپ سالغان گۇناھىم بولسا كەچۈرۈۋېتىڭ. مەن تۈزىتىمەن. مېنىڭ مۇشۇ ئاغىزىمنىزە خەپ…
مېنى ئويلاندۇرغان سوئاللار كۆپ بولغاچ، سوئالنى ئىلگىرى-كېيىن يوللاۋەردىم، كەچۈرگەيلا…
3-سوئالىم: ئەي پىر بۈزرۇك، سىزنىڭ ئەينى ۋاقىتتا قوللانغان تاكتىكىڭىزنى نېمە ئۈچۈن 300 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن كېيىن كىشىلەر بىلىپ يېتەلىدى؟ شۇنچىلىك ئاددىي سىرنى سىز نېمە بىلەن ئوراپ قويغان بولغىيدىڭىز؟ دۇنيادا يوشۇرۇنغان سىرلارنى تېپىشقا ئۇنچە كۆپ ۋاقىت كەتمىگەنغۇ؟
4-سوئال: سىزنىڭ ھاكىمىيەتنى قولغا ئېلىپ يەتمەكچى بولغان مەقسەد-مۇددىئايىڭىز نېمە ئىدى؟ ئەڭ ئاخىرىدا نېمە نىشانغا يەتمەكچى ئىدىڭىز؟
جاۋابىڭىزنى كۈتۈپ:
چوڭ ئېھتىرام بىلەن: كۆلتېگىن.
بېشىڭىزنى كۆتۈرۈڭ، ئەي زاتىل ئەقتاب مۇرىتىم، مەن سىزنى كەچۈردۈم. سىزنىڭ «پىر» قارغشىغا كېتىپ «دوزىخىي» بولۇپ قېلىشىڭىزنى خالىمايمەن!
3-سوئالىم: ئەي پىر بۈزرۇك، سىزنىڭ ئەينى ۋاقىتتا قوللانغان تاكتىكىڭىزنى نېمە ئۈچۈن 300 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن كېيىن كىشىلەر بىلىپ يېتەلىدى؟ شۇنچىلىك ئاددىي سىرنى سىز نېمە بىلەن ئوراپ قويغان بولغىيدىڭىز؟ دۇنيادا يوشۇرۇنغان سىرلارنى تېپىشقا ئۇنچە كۆپ ۋاقىت كەتمىگەنغۇ؟
ئەمەلىيەتتە تاكتىكامنى سېزىۋالغانلار بولغان، مەسىلەن، شاھ مەشرەپ، ئۇ مېنى مەسخىرە قىلىپ، «قاملاشمىغان» مىسرالارنى توقۇپ، سەئىدىيە تەسەررۇپىدا ئايلىنىپ يۈرمىدىمۇ!؟ يەنە مۇھەممەد ئىمىن خانمۇ سەزگەن. لېكىن، بەك كېچىكىپ، بوغۇزىغا «ھىجايىبۇل غەيىب» لىرىمنىڭ يالتىراپ تۇرغان خەنجەرلىرى ئۇرۇلغاندا سەزگەن ئىدى.
ئالدىنقى قېتىمقى خېتىمدە دېگەندەك، مەلىكە مۆھتىرەم خېنىم ئەڭ بۇرۇن سەزگەنلەرنىڭ بىرى ئىدى. مەن تېخى ئۇنى «ئايال كىشىغۇ» دەپ ئويلاپ كەپتىكەنمەن. ئەپسۇس، تولىمۇ ئەپسۇس… ھاياتىمدا ئۇچراتقان ئەڭ ئەقىللىق،ئەڭ كاتتا دۇشمىنىم ئەسلى شۇ ئىكەن. ئۇ نەچچە يىل مېنىڭ پوستۇمدا تۇخۇملاپ يۈرۈپتۇ. مەن بۇنى بەك كېچىكىپ سېزىپتىمەن. ھاياتىمدىكى ئەنە شۇ خاتالىقىم مېنى ئۆلۈم گىرداۋىغا سۆرەپ كەلدى.
مەن ئۇ سىرلارنى ھېچنىمىگە ئوراپ قويمىغان، بەلكى ئۆزۈمنىڭ «كارامىتى» بىلەن كىشىلەرنىڭ قەلبىنى ئوراپ قويغان. تېخىمۇ توغرىسى، مەن ئوراپ قويمىساممۇ تەييار ئورىلىپ تۇرۇپتىكەن. تارىختا مەن ئۆتمىگەن بولساممۇ يەنە بىر شۇنداق قىلاتتىكەن.
ھازىرقى ئەۋلادلار بۇنى سەزدى، لېكىن سەزمىگەنلەر يەنىلا كۆپ. ئىشەنمىسىڭىز قەشقەردىكى مازىرىمغا بېرىپ قاراپ بېقىڭ. «تاۋابچىلار» نىڭ شۇقەدەر كۆپلۈكىنى كۆرۈپ، ماڭا يەنە بىر قېتىم «ئىمان» كەلتۈرىسىز.
4-سوئال: سىزنىڭ ھاكىمىيەتنى قولغا ئېلىپ يەتمەكچى بولغان مەقسەد-مۇددىئايىڭىز نېمە ئىدى؟ ئەڭ ئاخىرىدا نېمە نىشانغا يەتمەكچى ئىدىڭىز؟
بۇ سوئالىڭىزغا ئۆزىڭىزمۇ جاۋاب تاپالايسىز، زاتىل ئەقتابىم. مېنىڭ مەقسىتىم بەلكىم «پىرئەۋىن» بولۇش ئىدى. ھەممە ياق ماڭا قاراپ تەزىم قىلسا، ھەممە ياق مېنىڭ شەخسىي زىمىنىم بولسا دەر ئىدىم. ئەينى يىللىرى ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن شەرققە يۈرۈش قىلغىنىدەك، مەنمۇ ھەم غەربكە يۈرۈش قىلسام دەر ئىدىم. ئاھ، نېمىدىگەن شېرىن ئارزۇلار ھە!؟ ئاھ، ئاھ، ئاھ …. ئارمانلىرىم!!!
مەن يەنىلا ئۈمىدۋارمەن، مەن بولمىغان بىلەن سىزلەر كەبىي مۇرىتلىرىم بار ئەمەسمۇ!
سىزلەر مېنىڭ نامىمدا ئاۋام ئىچىگە تەرغىبات يۈرگۈزىڭىزلار، ئۇلارنى بۈيۈك ئىشقىيە روھىدا تەربىيەلىڭىزلار. كېسىپ ئېيتىمەنكى، ئىشلار شۇ بويىچىلا ماڭىدىغان بولسا، ئۇزۇن ئۆتمەي سۈلۈكىي ئىشقىيە ھۆكۈمران ئورنىغا چىقىدۇ. سۈلۈكىي ئشقىيە=سۇلتانۇل مۇھەققىقىن، شۇنداق ئەمەسمۇ، ئەزىز زاتىل ئەقتابىم!
خەير، ھەزرىتى سۇلتانۇل مۇھەققىقىندىن دەپ بىلەرسىز.
تەكلىپ: يازما سىزگە يارىدى بولغاي، بۇ يەرنى بېسىپ «ئۇلانما تورى» دا تەۋسىيە قىلىڭ، تېخىمۇ كۆپ كىشى بەھرىلەنسۇن ... يازما ئادرېسى: [يازما مەنبەسى ۋە ئادرېسىنى ئەسكەرتىپ، پايدىلانسىڭىز بولىدۇ.] ئالدىنقى يازما: غۇلجا شىۋىلىرى
ۋاقتى: 2011-يىلى 19-يانۋار 01:17
لەنىتى ئاپپاق خوجىنىڭ ئەشۇ مازىرىغا يەنە نېمە ئۈچۈن يەنىلا شۇنچە كۆپ كىشىلەر تاۋاپ قىلىشقا كېلىدىغانلىقىغا ھەيرانمەن، ئەجابا ئۇلار تاكى ھازىرغىچە ئاپپاق خوجىنىڭ بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىز شۇنچىلىك دەرىجىدە دەپسەندە قىلىپ شۇنچىلىك ئىسىل تارىخى مىراسلىرىمىزنى كۆيدۈرۈپ كۈلگە ئايلاندۇرغانلىقىنى بىلمەمدىغاندۇ؟ ھازىرغىچە شۇنى بىلىپ يەتتىمكىن دىنى تونغا ئورىنىۋالغان بەزىبىر كىشىلىرىمىز ھەقىقەتەنمۇ ئەڭ قورقۇنۇچلىق كىشىلەر ئىكەن، ئۇلار خەلقىمىزنىڭ خۇراپاتلىقىدىن ھازىرغىچە پايدىلىنىپ كېلىۋېتىپتۇ
ۋاقتى: 2011-يىلى 19-يانۋار 10:22
ئاپاق خوجىنى دىنىي تونغا ئورىنىۋالدى دېسەك، ئۇشبۇ لەنىتىنىڭ روھى خۇش بولۇپ كېتەرمىكىن !؟
ۋاقتى: 2011-يىلى 19-يانۋار 22:17
ئىشقىلىپ بۇ لەنىتى ئۇ ئالەمدىمۇ ياخشى كۈن كۆرمەيدۇ، ئىسمىنى ئاڭلىساملا قويقا چېچىم تىك بولۇپ كېتىدۇ دېسە