بۇ يەرگە تەۋسىيە يازمىلار قويۇلىدۇ

  • تەشۋىقات كۆزنىكى

    باش بەت > چاقماق يازمىلار > غۇلجا شىۋىلىرى

    غۇلجا شىۋىلىرى

    ئۇيغۇر تىلى شىۋە (يەرلىك تىل، دېئالېكت دەپمۇ ئېلىنىدۇ) ئالاھىدىلىكى بىلەن تىل باغچىلىرىدا ئۆزگىچە پۇراقلارنى چېچىپ تۇرىدۇ.

    كەمىنەنىڭ زەئىپەسى غۇلجىدىن بولغاچ، چوڭلار، ئاغا-ئىنى، ھەدە-سىڭىللار بىلەن ئالاقە قىلىش جەريانىدا، بىزدەك جەنۇپتا چوڭ بولغانلار چۈشەنمەيدىغان بەزى سۆز-ئىبارىلەرنى ئىشتىپ تۇرىمەن.

    ھازىرغۇ مەنمۇ غۇلجىنىڭ شىۋىلىرى بىلەن غۇلجا تەلەپپۇزىدا سۆزلەيدىغان بولسام، بەزىلەر «غۇلجىدىنمۇسىز» دەپمۇ قالىدۇ.

    تۆۋەندە مەن دائىم ئاڭلاپ تۇرىدىغان بەزى غۇلجا سۆزلىرى بېرىلدى. قېنى نەزەر سېلىپ بېقىڭ، قايسىلىرىنى چۈشىنىسىزكىن؟

    1. دوقال

    2. كىدىك

    3. ئوختۇچى

    4. كانال

    5. دوپ

    6. زىبىز

    7. رېزەندە

    8. ساي كەلمەك

    9. دارداڭ

    10. سەرىمەس

    11. شۈللە

    12. چىمەلتەك

    13. خامتاسما

    14. ناسكىي

    15. شىمىشكە

    16. مىسلىمىياڭ

    17. يالاندا

    18. دۆشە

    19. تۆڭگە

    20. كۈرەك

    ئەسكەرتىش: بۇ تىل ئادىتى غۇلجىدىكى ھەممە قېرىنداشلىرىمىزدا بولۇشى ناتايىن. ئەمما، بىزنىڭ چوڭ ئۆيدىكىلەر بۇ گەپلەرنى (ناشتىدا ئەتكەنچاينى ئۇنتۇپ قالمىغاندەكلا) زىنھار ئۇنتۇپ قالماي، چوڭ-كىچىل سۆھبەتلىرىمىزدە ئىشلىتىپ تۇرىدۇ.



  • يازما ئادرېسى: [يازما مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ، پايدىلانسىڭىز بولىدۇ.]
  • ئالدىنقى يازما: كېيىنكى يازما:

    باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    • 1#

      ببىرىنىمۇ چۈشەنمىدىم … يۇرتىمىزدىكى ھەرقايسى رايونلارنىڭ شىۋىسى ، بىر-بىرىدىن ئالاھىدىلىكتىكەن.

    • 2#

      كانال دېگىنى تېلېۋۇزۇر قاناللىرى شۇغۇ دەيمەن.
      ئاۋۇ چېمەلتەك دېگىنى بارماقلارنىڭ كىچىكى.
      دوقال دېگىنى ئۇدۇلمۇ ئۇدۇل كەپ قېلىش، توغرا كەپ قېلىش ،
      شىمىشكە دېگىنى گازىر،
      دۆشە دېگىنى گۆش توغراشتا ئاستىغا قويدىغان كۆتەك پارچىسدۇ ؟! :cool:

    • 3#

      كۈرەك دىگىنى تىشاڭ
      ناسكىي دىگىنى پايپاق

      مەنمۇ غۇلجىدىن بولغۇنۇم بىلەن كۆپۈنچە ئاتالغۇلارنى ئانچە چۈشەنمەيمەن .

    • 5#

      ھاھاھا.. مانا مەن غۇلجىدىن :sad:
      ھەقىقەتەن غۇلجىدىمۇ ئۆزگىچە شېۋە بار ، ھەتتا ھەرقايسى يېزىلىرىنىڭمۇ ئۆزىگە خاس شېۋىرىلىرى بار .مەسىلەن مەن ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدىغان يېزىنىڭ بىر كەنتىدە «ناھايىتى» دېگەننى «گەپ» دەپ ئالىدۇ. مەسىلەن : ناھايىتى چىرايلىق دېمەكچى بولسا،گەپ چىرايلىق دەيدۇ…
      ئۇيەردە يەنە «ھاجەتخانا»نى «باغ» دەپ ئاتاپ قويىدۇ . يېڭى خىزمەتكە چىققاندا، بىر كۈنى دەرس ئۆتىۋاتسام ئۈچ ئوقۇغۇچى كېچىكىپ كىرىپ كەلدى، سەۋەبىنى سورىسام باغقا بارغان دەيدۇ ..ئۇ قىش مەزگىلى ئىدى !تازا ئاچچىقىم كەلگەن ئىدى شۇ ۋاقىتتا ،كېيىن يەرلىكلەردىن ئەسلى ئەھۋالنى بىلگەندە تازا كۈلدۇم ..
      ھەرخىل شېۋىلەرمۇ مەدەنىيىتىمىزنىڭ ئۆزگىچە تەملىرى بولسا كېرەك.

    • 6#

      مەنمۇ بىلگىنىمچە دەپ باقاي:
      ‹كىدىك› دىگىنى ئەسلى كىچىك دىگەن سۆز
      ئوختۇچى_ ئوقۇتقۇچى،،
      دوپ-توپ
      زىبىز _ ھەرگىز
      يالاندا _ سوپۇنلارنىڭ(ئەتتىر سوپۇندەك)ئىشلىتىلىپ نېپىزلاپ كەتكەن ھالىتىنى يالاندا دەيدۇ.
      مېنىڭچە بەزى سۆزلەردە ئىستىمال جەريانىدا ئاھاڭ جەھەتتە ئاز تولا ئۆزگۈرۈش بولغان بولغان…شۇڭا مېنىڭچە بۇنداق سۆزلەرنى «شىۋە»قاتارىغا كىرگۈزسەك مۇۋاپىق بولماسمىكىن دەيمەن.

    • 7#

      ئەسسالامۇئەلەيكۇم، قىسمەت ئەپەندىم، بلوگلىرىغا مۇبارەك بولسۇن، مەن سىلى دېگەنلىرىنىڭ ھەممىسىنى چۈشىنىدىكەنمەن، مەنمۇ بىرنى دەپ باقاي:
      غولجىدا گەپ ئاڭلىماس ياكى ھاڭۋاقتى كىشىنى ‹ئاڭقاي› دەيدۇ.
      :|

    • 8#

      ياخشىمۇسىز،ئۇيغۇر تېكىن ئەپەندى!
      ‹ئاڭقاي› ئەسلى قازاقچىدىكى ‹ ئاڭقاۋ› دېگەن سۆزدىن تىلىمىزدا ئۆزلەشكەن سۆز دەپ قارايمەن.
      مەنىسى: ھاڭۋاقتى دىگەنلىك!

    • 9#

      غولجىدا گەپ ئاڭلىماس ياكى ھاڭۋاقتى كىشىنى ‹ئاڭقاي› دەيدۇ.توقسۇدا پاڭقاي دەيدۇ :mrgreen:

    • 11#

      مەن ئاران 4سۆزنى بىلىدىكەنمەن . « ناسكىي»دىگەن ماسكا شۇمۇ ؟

    • 12#

      كاللىسى ئىشلىمەيدىغاننى زادروشكا دەپ قويىمىز …………..

    • 13#

      راستىنلا خىلى كۆپ ئۆزگىچە گەپلىرىمىز بار ئىكەن.
      تىز بار دىگەننى جۇگۇ دەيمىز، بىر قىسما بوپقالغاننى دەلدۈش دەيمىز، چاي چىنىنى ئاپقۇر دەيمىز ، پىيالىنى سىركاي دەيمىز، يىلىمنى شىلىم دەيمىز دىگەندەك :|

    无觅相关文章插件,快速提升流量