ئورنىڭىز: باش بەت > ماقالە-يازمىلار > ئاپاق خوجىغا ئوچۇق خەت 2

ئاپاق خوجىغا ئوچۇق خەت 2

ئاپتورى: | سەھىپە: ماقالە-يازمىلار | ۋاقتى: 16-01-2011 | خەتكۈشلەر:

  • خوجا ھىدايىتۇللا ئىشان جانابلىرى، ۋاقىت چىقىرىپ خەت يازغانلىقىڭىزغا رەھمەت!
    سىزنىڭ مەن سورىغان 1- سوئالغا بەرگەن بايانلىرىڭىزنى ئوقۇم مۇنداق يەكۈن چىقاردىم.

    ئەينى دەۋردە كىشىلەرنىڭ نادانلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئۇلارنى ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن ئالداپسىز. مۇنداقچە قىلىپ ئېيىتقاندا دىندىن پايدىلىنىپ ئۆزىڭىز شۆھرەت قازىنىپسىز، خەلقىڭىز نادانلىق ئاسارىتىدە قۇلدىنمۇ بەتتەرلىكتە، ئۆزىنىڭ ئۆزىنىڭ كىمگە ئېتىقاد قىلىۋاتقانلىقىنى بىلمەي ياشاشقا مەجبۇر قىپسىز. دېمەك، دىننى خاتا تەدبىقلاپ، ئۆزىڭىزنىڭ خەلقنى ئېزىدىغان، خالىغانچە ئانىي تاپىدىغان قورالى قىلىۋاپسىز.

    دىن توغرىلىق چۈشەنمىگەن يەرلىرىنى سوراش، قورقماي ئۆز كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇش، دىن ئۈستىدە مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىش كېرەك ئىكەن. شەك كەلتۈردى، دىگەن ئاقماس گەپ ئىكەن. بىلمىگەن ئادەم ئاللانىڭ قۇدرىتىگە قانداق شەك كەلتۈرەلەيدۇ؟ ئىشان جانابلىرى، ئۆزلە ئەينى ۋاقىتتا جاۋاب بېرەلمىگەن سوئالغا «شەك كەلتۈرمە» دەپ ئۇلارنىڭ ئاغزىنى ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن ئېتىپتىلا……

    يەنە سوئالىمنى داۋاملاشتۇراي.

    2-سوئال: خەلقنىغۇ ئالداپسىز، سىز ئۇيۇشتۇرغان مەشرەپ قانداق ئىش؟ ئۇنىڭ نېمىگە پايدىسى بار؟ دىۋانىلەر ئەسكى كىيىملەرنى كىيىپ، ساما ئويناشنىڭ ئەينى ۋاقىتتا قانداق رولى بار؟

    جاۋابىڭىزنى كۈتىمەن.

    چوڭ ئېھتىرام بىلەن: كۆلتېگىن

    ئەزىز زاتىل ئەقتاب مۇرىتىم كۆلتېگىن:

    دەسلەپتىكى مەكتۇبتىكى ئىسمىڭىزنى كۆرۈپ، مېنى بىر ئاز قورقۇنۇچ باسقان ئىدى. مەن «ئۇيغۇرلارنىڭ ئوت يۈرەك سەردارى كۆلتېگىن مېنىڭ زامانىمدا بار بولغىيمىدى؟ ھېلىمۇ ئۇنىڭ قىلىچىغا يەم بولماپتىمەن.» دېگەن خىياللاردا بولدۇم، يەنە بىر تۇرۇپ ئويلاپ «ئۇنىمۇ سادىق مۇرىتىم قىلىشقا كۈچۈم يېتەر ئىدى» دەپ ئۆزۈمگە تەسەللىي بەردىم. ئەمدى قارىسام ئۇنداق ئەمەسكەن، ئەسلى سىز مېنىڭ كېيىنكى زاماندىكى سادىق مۇرتىمكەنسىز ئەمەسمۇ؟ ئۇھ… دېدىم.

    مېنى «خوجا ھىدايىتۇللا ئىشان جانابلىرى» دېيىشىڭىزدىن قاتتىق رەنجىدىم. مېنى ئەسلى «پىرىم» دېيىشىڭىز، بۇنىڭىدىن ئۆزگە ناملاردا ئاتىماسلىقىڭىز لازىم ئىدى. بەلكىم «خاننىڭ قامچىسى ئۇزاققا يەتمەس» دەپ ئويلىغانسىز ئوڭ يېنىڭىزغا قاراڭ. ئاۋۇ قارا رەڭلىك كاستۇم-بۇرۇلكا كىيىپ، قېتىپ تۇرغان كىشى مېنىڭ «ھىجايىبۇل غەيىب» لىرىمدىن بىرى، ئۆزىڭىزگە ھېزى بولۇڭ.

    «ئىشان جانابلىرى ئۆزلە ئەينى ۋاقىتتا جاۋاب بېرەلمىگەن سوئالغا شەك كۈلتۈرمە دەپ ئۇلارنىڭ ئاغىزىنى ناھايتى ئۇستىلىق بىلەن ئېتىپتىلا…»

    مەن ئۇ سوئاللارغا جاۋاب بېرەلەيتتىم. لېكىن جاۋابى ئۆزۈمگە پايدىسىز بولغاچقا جاۋاب بەرمىگەن ئىدىم. مېنىڭچە زاتىل ئەقتاب مۇرىتىم بولمىش سىز بۇنىڭ تېگىگە يېتەلەيسىز…

    «2.سوئال: خەلقنىغۇ ئالداپسىز، ئۇنداقتا سىز ئۇيۇشتۇرغان مەشرەپ قانداق ئىش؟ ئۇنىڭ نېمىگە پايدىسى بار؟ دىۋانىلەر ئەسكى كىيىملەرنى كىيىم، ساما ئويناشنىڭ ئەينى ۋاقىتتا قانداق رولى بار؟»

    بىز ئۇ ۋاقىتتا ئۇ پائالىيەتنى «مەشرەپ» دېمەيىتتۇق، «تەلقىن» دەيىتتۇق. تەلقىنگە ئۇيۇشتۇرۇلغان مۇرىتلىرىم ئوڭ-سولغا چۆرگىلەشكە باشلىغاندا، دۇنيادىكى ھەممىنى ئۇنتۇيىتتى. (ئۆزىنى ۋە ئاللاھنىمۇ ئۇنتۇيىتتى) دېيىشكە بولىدۇ. پەقەت ۋە پەقەت مېنىلا مېنىڭ قۇدرىتىمنىلا ھېس قىلاتتى. «قەلبى پاكىز» لىناتتى.

    بۇ تەلقىننىڭ يەنە بىر رولى شۇكى، ئاددىي خەلىق مېنىڭ سۈلۈكۈم «ئىشقىيە» نىڭ سۈر-ھەيۋىتىنى ھېس قىلاتتى. مېنىڭ «جامائەت» ىمگە قېتىلاتتى. تەبىئىي ھالدا مېنىڭ كۈچۈم زورىياتتى. ئەينى ۋاقىتتا سەئىدىيە زىمىنىدا ئىشقىيە سۈلۈك مۇرىتلىرىنىڭ ئاستانە يەكەننى، قەشقەرنى قانداق مالىمان قىلغانلىقىنى ئەسلەپ باقسىڭىز بولىدۇ. شۇ مۇرىتلىرىم بولغاچقا، خەلىقنىڭ بىھۇدە قىرىلىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىگەن «نادان» خان مەن بىلەن سۈلھىي تۈزگەن ئىدى. مەنچە بولسا، نەچچە مىڭ ئادەم ئۆلگەندە سەئىدىيە تەسەررۇپىدا پۇقرا ئازلاپ كېتەمتى؟ مۇشۇ ئويلىرىمنىڭ ئۆز ۋاقتىدا ئاشكارىلىنىپ قالمىغانلىقىغا خۇرسەنمەن.

    خەير، سىزنىڭ «پىر» ئىڭىزگە مەڭگۈ ئەگىشىشىڭىزنى، تېخىمۇ كۆپ مۇرىتلىرىمغا تەرىپىمنى قىلىپ بېرىشىڭىزنى بۇيرۇپ:

    ھەزرىتى سۇلتانۇل مۇھەققىقىندىن دەپ بىلەرسىز.

    无觅相关文章插件


    تەكلىپ: يازما سىزگە يارىدى بولغاي، بۇ يەرنى بېسىپ «ئۇلانما تورى» دا تەۋسىيە قىلىڭ، تېخىمۇ كۆپ كىشى بەھرىلەنسۇن ... يازما ئادرېسى: [يازما مەنبەسى ۋە ئادرېسىنى ئەسكەرتىپ، پايدىلانسىڭىز بولىدۇ.] ئالدىنقى يازما: كېيىنكى يازما:

    باھا يوللاش كۆزنىكى

    *نــامىڭىز:
    *ئـېلخـەت:
    تور بېكەت:
    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif