Zhongyuan

97100fe403b9
ئادەمدىن ھايا كەتسە، ئورنىغا بالا كېلۇر
ئادەمدىن ھايا كەتسە، ئورنىغا بالا كېلۇر
ئادەمدىن ھايا كەتسە، ئورنىغا بالا كېلۇر

ئاللاھقا شۈكرى، دىيانەتلىك قەۋمنىڭ ئەۋلادى بىز، بىزدە مۇنداق ئەھۋاللار يوقتۇر، بار بولسىمۇ، خاتالىقلىرىغا تەۋبە قىلىۋاتقانلار باردۇر، دېگەن ئوينى قىلىپ ئولتۇرۇپتىمىز. قادىر ئاللاھ ئويىمىزنى خاتاغا چىقارمىغاي! «شاھ بولىدىغان ئوغۇللىرىمىز قۇل بولمىغاي، خانىش بولىدىغان قىزلىرىمىز دېدەك بولمىغاي!»، نىجاتچىمىز ئاللاھ! بىزنى ھەرنېمىدىن ئايرىساڭ ئايرىغىن، دىيانەتتىن، ھايادىن ئايرىمىغىن! پاكىز كەلدۇق، پاكىز قايتىشقا نېسىپ قىلغىن!


ئاپتورى: | سەھىپە: ئىقتىساد، ئىجتىمائىيەت | ۋاقتى: 30-06-2011 | باھا: 7 پارچە | زىيارەت: 2,197 قېتىم

ئادىل تۇنىياز نېمە يادلاۋاتقاندۇ؟
ئادىل تۇنىياز نېمە يادلاۋاتقاندۇ؟
ئادىل تۇنىياز نېمە يادلاۋاتقاندۇ؟

ئادىل تۇنىياز بىلەن ئىككى يىلدەك بىر مەھەللىدە ئولتۇرۇپتىمەن. ئۇ كىشىنى ھەر كۈنى دېگۈدەك ئۇچرىتىپ كەلدىم. سەھەردە ئىشقا ماڭىمەن، ئۇ كىشى قولتۇقىغا كىتاب قىستۇرۇپ، بىر نەرسىلەرنى يادلىغاچ يۈگۈرۈپ كېلىۋاتقان ھالەتتە ئۇچرايدۇ. بېشىمىزنى لىڭشىتىپ سالاملىشىمىز، ئۆتۈپ كېتىمىز.

مۇشۇ تەرىقىدە ئىككى يىلنى ئۆتكۈزدۈق. شائىرنىڭ بۇ ئادىتى ئۆزگىرىپ باقمىدى.

يېڭى ئۆيۈمگە كۆچكىلى بىر ئايدىن ئاشتى. بۇ جەرياندا يەنە ئوخشاشلا ئىشقا بېرىپ-كېلىپ ياشاۋاتىمەن. لېكىن، يولۇمدا بىر نەرسە كەم. نېمە كەمدۇ؟


ئاپتورى: | سەھىپە: ماقالە-يازمىلار | ۋاقتى: 27-06-2011 | باھا: 10 پارچە | زىيارەت: 2,960 قېتىم

مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەغلۇبىيىتى (2)
مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەغلۇبىيىتى (2)
مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەغلۇبىيىتى (2)

خېشېن 32 ياشقا كىرگۈچە بولغان ئالتە يىل جەريانىدا، ھازىرقى ئەمەل ناملىرى بىلەن سۆزلىگەندە «دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى، كادىرلار مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مىنىستىرى، مالىيە مىنىستىرى، دىپلوماتىيە مىنىستىرى، مىللىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى، جوڭياڭ بەنگۇڭتىڭىنىڭ ئىشخانا مۇدىرى» قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالىدۇ، قوشۇمچە «تۆت خەزىنە، بەش قامۇس»نى تۈزۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى بولىدۇ. خېشېن 32 ياشقا كىرگەندە ئۆسمۈر چاغلىرىدىكى ئارزۇ-ئارمانلىرى تولۇق ئەمەلگە ئاشىدۇ ۋە ئۆزىگە كەلگەن كىچىككىنە پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي چىڭ تۇتۇپ، زور مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدۇ.


ئاپتورى: | سەھىپە: تارىخ-مەدەنىيەت | ۋاقتى: 23-06-2011 | باھا: 4 پارچە | زىيارەت: 1,542 قېتىم

دادامنى ئەسلەپ قالدىم

بۈگۈننى «ئاتىلار بايرىمى» دېيىشىدىكەن. مەن بۇ بايرامنىڭ مەنىسىگە، قاچان كېلىپ چىققانلىقىغا، تارىخىغا قىزىقمايمەن. چۈنكى، زەپەردەست دادىلىرىمىز ھەركۈنىنى بايرامدەك ئۆتكۈزۈشكە، ھەرقاچان بىزنىڭ قەدىرلىشىمىزگە، ئۆيىمىزنىڭ تۆرىدە كۆڭلىمىزدىن كۈتۈشىمىزگە ھەقلىق. مەلۇم بىر كۈننى بايرام بېكىتىپ، شۇ كۈنى دادىسىنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىپ، باشقا كۈنلىرى «ماقا ئەمسە» دەپ ئۆز ئىشىنى قىلىپ يۈرگەن پەرزەنتلەرنى مەن ياخشى كۆرمەيمەن.


ئاپتورى: | سەھىپە: ماقالە-يازمىلار | ۋاقتى: 19-06-2011 | باھا: 3 پارچە | زىيارەت: 1,221 قېتىم

مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەغلۇبىيىتى (1)
مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەغلۇبىيىتى (1)
مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەغلۇبىيىتى (1)

جۇڭگونىڭ ئىككى مىڭ يىللىق فېئودالىزملىق پادىشاھلىق تۈزۈمىنى يولغا قويۇش تارىخىدا، پۈتۈن ھاياتى سىرغا تولغان، ھايات سەرگۈزەشتىسى كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدىغان بىر داڭلىق شەخس ياشاپ ئۆتكەن. ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش جەريانى كىشىنى ھەيران قالدۇرسا، مەغلۇبىيىتى كىشىنى چوڭقۇر ئويلاندۇرىدۇ. گەرچە بۇ تارىخىي شەخسنىڭ ھاياتى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، ئۇ ھايات مۇساپىسىدا قازانغان مۇۋەپپەقىيىتىنىڭ سىرى ۋە ئەڭ ئاخىرىدا مەغلۇپ بولۇش سىرى كىشىنى بىلىشكە قىزىقتۇرىدۇ. تارىختا سەلبىي ئوبرازنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە خاتىرە قالدۇرۇلغان بۇ تارىخىي شەخس بىزلەرگە نۇرغۇنلىغان «ئەڭ»لەرنى قالدۇرۇپ كەتكەن.


ئاپتورى: | سەھىپە: تارىخ-مەدەنىيەت | ۋاقتى: 15-06-2011 | باھا: 5 پارچە | زىيارەت: 2,459 قېتىم

كۆڭلۈمدىكى گەپلەر
كۆڭلۈمدىكى گەپلەر
كۆڭلۈمدىكى گەپلەر

ﻣﯘﺷﯘ ﭘﯩﮋﻏﯩﺮﯨﻢ ئىسسىقتا لىۋىيەلىكلەر، ﻟﯩﯟﺍﻧﻠﯩﻘﻼﺭ، ﺋﯩﺮﺍﻗﻠﯩﻘﻼﺭ ﻛﯜﻧﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯۈﯞﺍﺗﻘﺎﻧﺪﯗ؟ ﺳﻪﻱ-ﻛﯚﻛﺘﺎﺕ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﺎﺯﺍﺭﻏﺎ ﺑﺎﺭﺳﺎ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺭﺗﻼﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﭘﺎﺭﭼﻪ بولۇپ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻜﻪﻥ، ﺋﺎﺧﺸﯩﻤﻰ ﺑﻮﻣﺒﺎﺭﺩﯨﻤﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﻗﻮﺭﻗﯘﭖ ﻳﻪﺭ ﺋﺎﺳﺘﻰ ئۆيگە كىرىۋالغانغا ﻗﻮﻳﻤﺎﻱ ﭘﺎﺭﺗﻠﯩﺘﯩﭗ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭۈﯞﯦﺘﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. ﭘﺎﺷﯩﻨﯩﯔ ﻏﯩﯖﺸﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﯞﺍﺯﯨﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﺋﯘﺧﻠﯩﻴﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﻣﻪﻧﺪﻩﻙ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺑﻮﻣﺒﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﯞﺍﺯﯨﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﺋﯘﺧﻠﯩﻴﺎﻟﯩﺸﯩﻢ مۇﻣﻜﯩﻨﻤﯘ؟ ئاۋۇ دۆلەتلەردىكىدەك ﻛﯜﻟﭙﻪﺗﻠﯩﻚ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﺘﺎ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻥ ﺗﯘﺭﺳﺎﻡ ﺳﺎﺭﺍﯓ بولۇپ ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﻢ، ﮬﯩﭻ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﻢ مۇﻣﻜﯩﻦ… ﺋﯘﻻﺭ نېمىدېگەن ﺩﻩﮬﺸﻪﺗﻠﯩﻚ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﻧﻰ كۆرۈۋاتىدۇ-ﮬﻪ. ﺑﯘنى ﺗﯩﺮﯨﻚ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺩﻭﺯﺍﻕ ﺋﺎﺯﺍﺑﯩﻨﻰ كۆرۈش دېسىمۇ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﻛﻪﺗﻤﯩﮕﯜﺩﻩﻙ.


ئاپتورى: | سەھىپە: خەلقئارا ۋەزىيەت | ۋاقتى: 10-06-2011 | باھا: 7 پارچە | زىيارەت: 1,757 قېتىم

چاقنى بۇزغان تانىسى، قىزنى بۇزغان ئانىسى
چاقنى بۇزغان تانىسى، قىزنى بۇزغان ئانىسى
چاقنى بۇزغان تانىسى، قىزنى بۇزغان ئانىسى

دۇنيا ئىپپەت دەپ يىغلاۋاتىدۇ، دۇنيا ئەدەپ، ئەخلاق نەگە كەتتى دەپ ئازابلىق چۇقان سېلىۋاتىدۇ…

جاھان سورىغان ئەزىمەتلەرنى، ياۋ يۈرىكىگە ئىپپەت خەنجىرىنى سانجىغان پەرىلەرنى ئاپىرىدە قىلغان ئۇلۇغ ئانىلار، قېنى سىلەر؟

ئۇلۇغ ئانىلار، قېنى سىلەر؟ كەمىنە قىسمەت سىلەرنى ئەخلاق دوقمۇشىدا ساقلاۋاتىدۇ…

ھېچكىم مەن بار دېمەيدىغۇ؟ ئەجەبا جاھاندا ئۇلۇغ ئانىلار قالمىغان بولسا-ھە؟!


ئاپتورى: | سەھىپە: ئىقتىساد، ئىجتىمائىيەت | ۋاقتى: 05-06-2011 | باھا: 11 پارچە | زىيارەت: 2,497 قېتىم

ئۇنتۇلغان چولپان-جۈرئەت ئوبۇلقاسىم
ئۇنتۇلغان چولپان-جۈرئەت ئوبۇلقاسىم
ئۇنتۇلغان چولپان-جۈرئەت ئوبۇلقاسىم

جۈرئەت ئوبۇلقاسىم بۇ جەرياندا ئاتا-ئانىسىنىڭ مېھرىبانلىقىغا، جۇڭگودىكى ھەر مىللەت خەلقلىرىنىڭ قىزغىن ياردىمىگە ئېرىشتى. ئەپسۇس، ئۇ جىننېس رېكورتىنى ياراتقان كۈنى يېنىدا تىيىن پۇل يوق ھالەتتە سىرتتا تۈنىدى. ئايالىغا تېلېفون قىلىپ، مۇھەببەتلىك بىر-ئىككى ئېغىز گەپكە ئېرىشەلمىدى.

جىننېس رېكورتىغا ئاتلىنىشتىن بۇرۇنقى بويى 180 سانتىمېتىر، ئېغىرلىقى 76 كىلوگرام كېلىدىغان، يۈز مىڭ يۈەنلەپ پۇل تاپقان بۇ يىگىت رېكورت يارىتىلغان كۈنى 54 كىلوگرام كېلىدىغان، جاپادىن مۈكچەيگەن، نەچچە يۈز مىڭ يۈەننى گەدىنىگە ئارتىۋالغان 29 ياشلىق جاپاكەشكە ئايلىنىپ قالدى.


ئاپتورى: | سەھىپە: ماقالە-يازمىلار | ۋاقتى: 01-06-2011 | باھا: 13 پارچە | زىيارەت: 2,990 قېتىم


Powered by WordPress | Theme by Await | Copyright Qismet © 2009-2013 | Entries | Comments | TOP |