دادامنى ئەسلەپ قالدىم
ئاپتورى: قىسمەت | سەھىپە: ماقالە-يازمىلار | ۋاقتى: 19-06-2011 | خەتكۈشلەر: دادام
.
بۈگۈننى «ئاتىلار بايرىمى» دېيىشىدىكەن. مەن بۇ بايرامنىڭ مەنىسىگە، قاچان كېلىپ چىققانلىقىغا، تارىخىغا قىزىقمايمەن. چۈنكى، زەپەردەست دادىلىرىمىز ھەركۈنىنى بايرامدەك ئۆتكۈزۈشكە، ھەرقاچان بىزنىڭ قەدىرلىشىمىزگە، ئۆيىمىزنىڭ تۆرىدە كۆڭلىمىزدىن كۈتۈشىمىزگە ھەقلىق. مەلۇم بىر كۈننى بايرام بېكىتىپ، شۇ كۈنى دادىسىنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىپ، باشقا كۈنلىرى «ماقا ئەمسە» دەپ ئۆز ئىشىنى قىلىپ يۈرگەن پەرزەنتلەرنى مەن ياخشى كۆرمەيمەن.
ئاتىلار ھەققىدە يازما يېزىپ تۈگەر باسقۇچىغا كەلگەندە، ئابدۇرېھىم ھاجى ھېيتنىڭ يۇقىرىدىكى ناخشىسىنى ئاڭلاپ قالدىم. دەڭسەپ كۆرسەم، بۇ ناخشىدا ئىلگىرى سۈرۈلگەن پىكىر مېنىڭ يازغانلىرىمنى بېسىپ كېتىپتۇ. ئاقىۋەت يازمامنىڭ ئورنىغا يۇقىرىدىكى ناخشىنى ئالماشتۇرۇۋەتتىم. بۇرادەرلەرمۇ ھەم ئۆزىنى دەڭسەپ باققاي!
تەكلىپ: يازما سىزگە يارىدى بولغاي، بۇ يەرنى بېسىپ «ئۇلانما تورى» دا تەۋسىيە قىلىڭ، تېخىمۇ كۆپ كىشى بەھرىلەنسۇن ... يازما ئادرېسى: [يازما مەنبەسى ۋە ئادرېسىنى ئەسكەرتىپ، پايدىلانسىڭىز بولىدۇ.] ئالدىنقى يازما: مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەغلۇبىيىتى (1)
ۋاقتى: 2011-يىلى 19-ئىيۇن 19:34
دادامنىڭ دائىم دەيدىغان بىر جۈملە گېپى بولىدىغان:«بۇ دۇنيانىڭ ياش تۆككىچىلىكى يوق». راست، ھەممىمىزگە بەردەملىك يار بولغاي!
ۋاقتى: 2011-يىلى 19-ئىيۇن 19:36
بەك ياقتۇرىمەن بۇ ناخشىنى . قىسمەت ئەپەندى ، سىزنىڭمۇ بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن!
ۋاقتى: 2011-يىلى 20-ئىيۇن 08:03
تېمىنى كىچىكىپ كۆرۈپتىمەن،يىراقتىكى شۇ جاپاكەش دادامغا بىر تېلفۇن ئۇرۇپ قۇيۇشقىمۇ يارىماپتىمەن،ھەي ئەقىلسىزلىقىم.