كىم جوڭئىل ئەپەندى، ئەلۋىدا !

Zhongyuan

97100fe403b9
كىم جوڭئىل ئەپەندى، ئەلۋىدا !

ماركسىسىزملىق پەلسەپەنى خاتا چۈشىنىۋالغان بۇ ئەقلى كەمتۈكنىڭ ئۆزىنىڭ ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، كىشىلەرنى دىنغا ئېتىقاد قىلىش ھوقوقىدىن مەھرۇم قىلىشقا ئۇرۇنۇشىدىن مەنپەئەتى ئۈچۈن ۋاسىتە تالىمايدىغان قەبىھلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. ئاللاھنىڭ ھەقىقەتەن رەھمىتى كەڭرىكەن، ئۆزىنى ئېتىراپ قىلمايدىغان مۇشۇنداق گۇيلارغا جاھاننىڭ چوڭ ئىشلىرىنى تۇتقۇزۇپ سىنايدىكەن دېسە…

كىم جوڭئىل ئەپەندى، ئەلۋىدا !

چاۋشيەن خەلقى، سىلەرگە ئاسايىشلىق، ئەقلى-ھۇشى جايىدا بىر سىياسىي رەھبەر تىلەيمەن!



ئاپتورى: | سەھىپە: خەلقئارا ۋەزىيەت | ۋاقتى: 19-12-2011 | باھا: 8 پارچە | زىيارەت: 786 قېتىم

تاققا-تۇققۇ پاراڭلار 2

تاققا-تۇققۇ پاراڭلار 2

ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﯩﺪﺍﺭﻩ قىلىش تەرەققىي ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺋﻪﺧﻼﻕ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﯩﺪﺍﺭﻩ قىلىشقا ئايلىنىدۇ، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﮬﺎﻻﻝ ﺑﯧﻴﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﯘﻧﻐﺎ ﺧﯩﻼﭘﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﭼﻮﯓ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﯩﺘﻰ ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ قانۇننىڭ رېئال ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﯩﺘﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﻪﭖ ﻛﯧﺘﯩﭗ، ﺋﺎﺷﺨﺎﻧﯩﺪﺍ ﺗﺎﻣﺎﻗﻨﻰ ﺋﺎﯞﺍﺯ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ يېيىش ﻳﺎﻛﻰ ئاممىۋى ﺳﻮﺭﯗﻧﺪﺍ زۇﯞﺍﻧﻨﻰ بارىچە ﻗوﻳﯘﭖ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺳﯚﺯﻟﻪﺷﻤﯘ ﻗﺎﻧﯘﻧﻐﺎ ﺧﯩﻼﭘﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺭاﯞﻩﺭﻟﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ. ﻛﯜﻧﺪﻩ قورﺳﺎﻕ ﺗﻮﻕ ﻳﯜﺭﺳﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺶ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﻩﻙ، ﺗﺎﻣﺎﻗﻨﻰ ﺋﺎﯞﺍﺯ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ يېدىڭ ﺩﻩﭖ، ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻨﻰ ﺋﻪﺧﻼﻕ ﻧﻮﻗﺘﯩﺴﯩﻐﺎ ﻛﯚﺗﯜﺭﯨﺪﯗ. ﺋﺎچ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﯘﻧﻰ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺋﻮﻳﻼﭖ ﻳﯧﺘﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ…



ئاپتورى: | سەھىپە: ماقالە-يازمىلار | ۋاقتى: 09-12-2011 | باھا: 3 پارچە | زىيارەت: 379 قېتىم

تاققا-تۇققۇ پاراڭلار

تاققا-تۇققۇ پاراڭلار

«ﺋﺎﻗﺴﯘﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﭘﻮﻳﯩﺰ ﺗﯘﺭﭘﺎﻧﺪﺍ 13 ﺑﺎﻝ ﺷﺎﻣﺎﻟﺪﺍ ئۆﺭﯛﻟﯜﭖ كېتىپتۇ» ﺩﻩﭖ ﺗﯧﻤﺎ ﻳﺎﺯﺳﺎ، «ئۆلگەننىڭ ﻗﺎﻧﭽﯩﺴﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ، ﻗﺎﻧﭽﯩﺴﻰ ﺧﻪﻧﺰﯗﻛﻪﻥ؟ ﺋﯘﻧﻰ ﺷﺎﻣﺎﻝ ﺩﯦﻤﻪﻳﻤﯩﺰ، ﺑﻮﺭﺍﻥ ﺩﻩﻳﻤﯩﺰ» ﺩﻩﭖ ﻧﻪﺩﯨﻜﻰ ﻳﻮﻕ ﮔﻪﭘﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯨﺪﯨﻜﻪﻥ. «ﻗﯘﺗﻘﯘﺯﯗﺵ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ بولۇۋېتىپتۇ؟ ﯞﻩﻗﻪﮔﻪ ئۇچرىغان كىشىلەرنىڭ ﺗﯧﻨﯩﮕﻪ ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻚ ﺗﯩﻠﻪﻳﻤﻪﻥ، ﺑﺎﻟﺪﯗﺭ ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﻐﺎﻱ. 13 ﺑﺎﻝ بوﺭﺍﻥ كېتىپ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﭘﻮﻳﯩﺰﻧﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ئەھۋالدا ئۆﺭﯨﯟﯦﺘﻪﻟﻪﻳﺪﯗ؟ ﮬﺎﯞﺍﺭﺍﻳﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻟﺪﯨﻦ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺕ ﺑﻪﺭگىلى ﺑﻮﻻﻣﺪﯗ؟ ﺷﯘ ۋاقىتتا ﭘﻮﻳﯩﺰﻧﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﺶ ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﺯﺍﺩﻯ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ؟» ﺩﻩﭖ ﺗﻪﮬﻠﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻪﻙ ﺋﺎﺯ. ﺗﻪﮬﻠﯩﻞ ﻗﯩﻠﻤﯩﺴﯩﻤﯘ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﭙﻪﺭﯞﻩﺭﻟﯩﻚ نۇقتىسىدىن ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﯧﻐﯩﺰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺗﯩﻠﻪﻛﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﺴﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﯘ؟!



ئاپتورى: | سەھىپە: ماقالە-يازمىلار | ۋاقتى: 08-11-2011 | باھا: 8 پارچە | زىيارەت: 656 قېتىم

يازغۇچىلارنىڭ دەردى بارمۇ؟

يازغۇچىلارنىڭ دەردى بارمۇ؟

توۋا! يېقىندىن بېرى يازغۇچىلىرىمىز يازغان نەرسىلەر زەھەر پۇرايدىكىن دېسەم، ئىچى ئەلەمدىن سېسىپ كېتىپتۇ. ئۇلارنىڭ ئىجادىيىتى ھۆرمەتكە شۇنداقلا نەپكە ئېرىشتۈرسە، تۇرمۇشتىن خاتىرجەم بولسا، ئازادە مۇھىت، ھەر خىل ئىدىيە، دۇنيا قاراشلىرىنى بەخىرامان ئىپادىلىيەلىسە ئاندىن كېيىن ئىلھام دېگەننىڭ كېلىۋېتىشىنى كۆرۈڭ ، ھاي-ھاي… كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان، بىراق بىۋاسىتە ھېس تۇيغۇسىنى چەكلەپ تۇرىدىغان تاشقى بېسىمدىن قۇتۇلمىسا، يازغۇچىنىڭ قەلەم تۇلپارى چاپماي تۇرۇۋالىدىكەن، يۈگىنى تارتىلغان تۇلپارنىڭ ئۇچقاندەك چاپقىنىنى كىم كۆرۈپتۇ؟



ئاپتورى: | سەھىپە: ماقالە-يازمىلار | ۋاقتى: 13-10-2011 | باھا: 3 پارچە | زىيارەت: 457 قېتىم

ﭘﯘﻝ ﻧﻪﮔﻪ ﻛﻪﺗﺘﻰ؟

ﭘﯘﻝ ﻧﻪﮔﻪ ﻛﻪﺗﺘﻰ؟

ﭘﯘﻟﻨﯩﯔ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺶ ﻳﯚﻧﯩﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ، رايونىمىزنىڭ سانائىتىنى ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﻯ ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﻛﯚﭖ ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﺍ بولۇپ، رايونىمىزدىكى ﺳﺎناﺋﻪﺕ كارخانىلىرى ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﯩﻨﻰ ﻗﺎﻣﺪﯨﻴﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺷﯘﯕﺎ رايونىمىزدىكى ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ئۆﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﯩﻨﻰ ﻗﺎﻣﺪﺍﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﻯ ﺋﯚﻟﻜﯩﺪﻩ ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﮬﺴﯘﻻﺗﻼﺭﻧﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﯩﺪﯗ، ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ رايونىمىزدىكى ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ قوﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﯘﻝ تەبىئىي ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﻯ ﺋﯚﻟﻜﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﺎﻗﯩﺪﯗ. ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن رايونىمىزغا ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﯧﻘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﭘﯘﻝ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺩﯦﮭﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﻣﻪﮬﺴﯘﻻﺗﻠﯩﺮﻯ ﻳﻪﻧﻰ ﭘﺎﺧﺘﺎ، ﻣﯩﯟﻩ-ﭼﯩﯟﻩ، ﺳﺎﻳﺎﮬﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﻪﮬﺴﯘﻻﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﯧﺘﯩﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﭘﯘللاﺭ. ﺩﯦﻤﻪﻙ رايونىمىزدىن ﻛﯚﭘﻠﻪﭖ ﭘﯘﻝ ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﺎﻗﯩﺪﯗ، ﺑﯘ ﺗﻪﺭﻩققىياﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺯﯨﭻ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ. رايون ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺶ ﻳﯚﻧﯩﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺑﯩﺮﻗﻪﺩﻩﺭ ﻧﺎﻣﺮﺍﺕ رايونلاردىكى ﭘﯘﻟﻼﺭ ﺑﯩﺮﻗﻪﺩﻩﺭ تەرەققىي ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﯧﻘﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. ﻧﺎﻣﺮﺍﺕ رايونلارنىڭ ﻣﻪﮬﺴﯘﻻﺗﻘﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﯗﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﺭ تەرەققىي ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺗﻮﭖ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﺶ ئوﺭﯗﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻣﺎﻝ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﭖ، ﺋﯚﺯ رايونلىرىدا ﭘﺎﺭﭼﻪ ﺳﯧﺘﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﯘﻟﻨﯩﯔ ﻛﯚﭖ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﺭ تەرەققىي ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ رايونلاردا ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ.



ئاپتورى: | سەھىپە: ئىقتىساد، ئىجتىمائىيەت | ۋاقتى: 26-08-2011 | باھا: 4 پارچە | زىيارەت: 1,446 قېتىم

بوۋاققا سۇنغان قارا قولۇڭنى تارت

بوۋاققا سۇنغان قارا قولۇڭنى تارت

سەھىيە تارماقلىرىدىكى سامان قورساق ئەپەندىلەر، خانىم-قىزلار تىنچ -ئامان تۇرۇشتۇقمۇ؟ ئىش چىقمىسا سىلەرنى تېلېۋىزوردا كۆرگىلى بولمايدۇ. ئىش چىقسا زۇۋۇك تالىشىپ شالىڭلارنى چاچرىتىپ سۆزلەپ، « %80 مەھسۇلات يەنىلا ئىشەنچلىك» دېگەندە نېمىشقا يۈزۈڭلار قىزارمايدۇ؟ بوۋاقلارنىڭ يېمەك-ئىچمىكىگە قۇيۇلغان تەلەپنىڭ %100 ئىكەنلىكىنى بىلمەمسىلەر؟ قايسىڭ بېرىشتىڭ ئاۋۇ «دۆلەت سۈپەت تەكشۈرۈشنى كەچۈرۈم قىلغان مەھسۇلات» دېگەن كىنىشكىنى؟



ئاپتورى: | سەھىپە: ئىقتىساد، ئىجتىمائىيەت | ۋاقتى: 08-08-2011 | باھا: 7 پارچە | زىيارەت: 8,892 قېتىم

مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەغلۇبىيىتى (خاتىمە)

مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەغلۇبىيىتى (خاتىمە)

ناۋادا شاھىنشاھ قازا قىلغاندىن كېيىن، پۈتۈن خانىدانلىققا يامرىغان ھوقۇق ۋە مەنپەئەت تورى ۋە تورنى توقۇغۇچى خېشېن مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىنمىسا، جياچىڭخاننىڭ ھوقۇقى ۋە ئىمتىيازىغا بىۋاسىتە تەھدىت چۈشەتتى. چۈنكى، جياچىڭخان ياش ھەم دۆلەت باشقۇرۇش تەجرىبىسى يوق، بىراق خېشېننىڭ ھوقۇق تەسىر كۈچى ۋە ئىنتايىن زور مال-دۇنياسى بار ئەھۋالدا جياچىڭخان مۇرەككەپ ھوقۇق-مەنپەئەت مەسىلىسىنى توغرا بىرتەرەپ قىلمىغاندا، پۈتۈن خانىدانلىق تەۋرىنىش ئىچىدە قېلىشى ھەتتاكى جياچىڭخان پادىشاھلىق ئورنىدىن ئايرىلىپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى. چۈنكى، بۇ ۋاقىتلاردا خېشېننىڭ ھوقۇقى ۋە ئوردىدىكى تەسىرى كۈچى باش ۋەزىردە بولۇشقا تېگىشلىك چەكتىن ئاللاقاچان ئېشىپ كەتكەن ئىدى.



ئاپتورى: | سەھىپە: تارىخ-مەدەنىيەت | ۋاقتى: 09-07-2011 | باھا: 3 پارچە | زىيارەت: 855 قېتىم

مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەغلۇبىيىتى (3)

مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەغلۇبىيىتى (3)

چيەنلۇڭ زامانىسىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە «بەيلەنجاۋ دىنىدىكىلەرنىڭ توپىلىڭى»، سۇ ئاپىتى، قۇرغاقچىلىق ئاپىتى قاتارلىق ئاپەتلەر ئۈزۈلمەي بولغاچقا، ئوردا خەزىنىسى قۇرۇقدىلىپ قالغان بولۇپ، چيەنلۇڭنىڭ بېشى ئىنتايىن قاتقان. مەبلەغ توپلاشقا ئامالسىز قالغاندا، خېشېن ئويلاپ چىققان «پۇل ئارقىلىق جىنايىتىنى يۇيۇش» تۈزۈمىنى يولغا قويغان. بۇ تۈزۈمنىڭ ماھىيىتى مۇنداق: چىڭ خانىدانلىقى تەۋەسىدىكى ئەمەلدارلار ئۆزىنىڭ كەلگۈسىدە جىنايەت ئۆتكۈزۈپ قويۇش ئېھتىماللىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئوردا مالىيىسىگە ئالدىن پۇل تاپشۇرىدۇ. كىېيىن جىنايەت ئۆتكۈزۈپ قويغان بولسا، جىنايىتىنى ھېلىقى ئالدىن تاپشۇرغان پۇل بىلەن يۇيۇۋېتىدۇ. ئەگەر چيەنلۇڭخان خېشېندا ناھايىتى زور بايلىق بارلىقىنى بىلسە، بۇنداق ئىنتايىن كۈلكىلىك، ئەخمىقانە تۈزۈمنى يولغا قويمىغان بولار ئىدى.



ئاپتورى: | سەھىپە: تارىخ-مەدەنىيەت | ۋاقتى: 04-07-2011 | باھا: 2 پارچە | زىيارەت: 809 قېتىم

مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەغلۇبىيىتى (2)

مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەغلۇبىيىتى (2)

خېشېن 32 ياشقا كىرگۈچە بولغان ئالتە يىل جەريانىدا، ھازىرقى ئەمەل ناملىرى بىلەن سۆزلىگەندە «دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى، كادىرلار مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مىنىستىرى، مالىيە مىنىستىرى، دىپلوماتىيە مىنىستىرى، مىللىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى، جوڭياڭ بەنگۇڭتىڭىنىڭ ئىشخانا مۇدىرى» قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالىدۇ، قوشۇمچە «تۆت خەزىنە، بەش قامۇس»نى تۈزۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى بولىدۇ. خېشېن 32 ياشقا كىرگەندە ئۆسمۈر چاغلىرىدىكى ئارزۇ-ئارمانلىرى تولۇق ئەمەلگە ئاشىدۇ ۋە ئۆزىگە كەلگەن كىچىككىنە پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي چىڭ تۇتۇپ، زور مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدۇ.



ئاپتورى: | سەھىپە: تارىخ-مەدەنىيەت | ۋاقتى: 23-06-2011 | باھا: 2 پارچە | زىيارەت: 855 قېتىم

مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەغلۇبىيىتى (1)

مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەغلۇبىيىتى (1)

جۇڭگونىڭ ئىككى مىڭ يىللىق فېئودالىزملىق پادىشاھلىق تۈزۈمىنى يولغا قويۇش تارىخىدا، پۈتۈن ھاياتى سىرغا تولغان، ھايات سەرگۈزەشتىسى كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدىغان بىر داڭلىق شەخس ياشاپ ئۆتكەن. ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش جەريانى كىشىنى ھەيران قالدۇرسا، مەغلۇبىيىتى كىشىنى چوڭقۇر ئويلاندۇرىدۇ. گەرچە بۇ تارىخىي شەخسنىڭ ھاياتى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، ئۇ ھايات مۇساپىسىدا قازانغان مۇۋەپپەقىيىتىنىڭ سىرى ۋە ئەڭ ئاخىرىدا مەغلۇپ بولۇش سىرى كىشىنى بىلىشكە قىزىقتۇرىدۇ. تارىختا سەلبىي ئوبرازنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە خاتىرە قالدۇرۇلغان بۇ تارىخىي شەخس بىزلەرگە نۇرغۇنلىغان «ئەڭ»لەرنى قالدۇرۇپ كەتكەن.



ئاپتورى: | سەھىپە: تارىخ-مەدەنىيەت | ۋاقتى: 15-06-2011 | باھا: 5 پارچە | زىيارەت: 1,053 قېتىم

كۆڭلۈمدىكى گەپلەر

كۆڭلۈمدىكى گەپلەر

ﻣﯘﺷﯘ ﭘﯩﮋﻏﯩﺮﯨﻢ ئىسسىقتا لىۋىيەلىكلەر، ﻟﯩﯟﺍﻧﻠﯩﻘﻼﺭ، ﺋﯩﺮﺍﻗﻠﯩﻘﻼﺭ ﻛﯜﻧﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯۈﯞﺍﺗﻘﺎﻧﺪﯗ؟ ﺳﻪﻱ-ﻛﯚﻛﺘﺎﺕ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﺎﺯﺍﺭﻏﺎ ﺑﺎﺭﺳﺎ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺭﺗﻼﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﭘﺎﺭﭼﻪ بولۇپ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻜﻪﻥ، ﺋﺎﺧﺸﯩﻤﻰ ﺑﻮﻣﺒﺎﺭﺩﯨﻤﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﻗﻮﺭﻗﯘﭖ ﻳﻪﺭ ﺋﺎﺳﺘﻰ ئۆيگە كىرىۋالغانغا ﻗﻮﻳﻤﺎﻱ ﭘﺎﺭﺗﻠﯩﺘﯩﭗ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭۈﯞﯦﺘﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. ﭘﺎﺷﯩﻨﯩﯔ ﻏﯩﯖﺸﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﯞﺍﺯﯨﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﺋﯘﺧﻠﯩﻴﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﻣﻪﻧﺪﻩﻙ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺑﻮﻣﺒﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﯞﺍﺯﯨﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﺋﯘﺧﻠﯩﻴﺎﻟﯩﺸﯩﻢ مۇﻣﻜﯩﻨﻤﯘ؟ ئاۋۇ دۆلەتلەردىكىدەك ﻛﯜﻟﭙﻪﺗﻠﯩﻚ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﺘﺎ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻥ ﺗﯘﺭﺳﺎﻡ ﺳﺎﺭﺍﯓ بولۇپ ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﻢ، ﮬﯩﭻ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﻢ مۇﻣﻜﯩﻦ… ﺋﯘﻻﺭ نېمىدېگەن ﺩﻩﮬﺸﻪﺗﻠﯩﻚ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﻧﻰ كۆرۈۋاتىدۇ-ﮬﻪ. ﺑﯘنى ﺗﯩﺮﯨﻚ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺩﻭﺯﺍﻕ ﺋﺎﺯﺍﺑﯩﻨﻰ كۆرۈش دېسىمۇ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﻛﻪﺗﻤﯩﮕﯜﺩﻩﻙ.



ئاپتورى: | سەھىپە: خەلقئارا ۋەزىيەت | ۋاقتى: 10-06-2011 | باھا: 7 پارچە | زىيارەت: 1,031 قېتىم

ئىچىملىك سۇ توغرىسىدا

ئىچىملىك سۇ توغرىسىدا

ﻟﻮﭘﻨﯘﺭ كۆﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻣﭽﻪ ﺳﯘ 1972-ﻳﯩﻠﻰ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺳﯩﯖﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﭘﺎﺭﻏﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ بولۇشى مۇﻣﻜﯩﻦ. ﺷﯘ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺑﯩﺰ ﺋﯘﻧﻰ ﻟﻮﭘﻨﯘﺭ ﻗﯘﺭﯗﻕ ﻛﯚﻟﻰ دېسەك ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﻛﯚﻟﺪﻩ ﺳﯘ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺋﯘﻧﻰ ﻛﯚﻝ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﺷﻤﯘ ﺑﯩﻤﻪﻧﯩﻠﯩﻚ.

ﻟﻮﭘﻨﯘﺭ كۆﻟﯩﻨﯩﯔ ﻗﯘﺭﯗﭖ كېتىش ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﻨﻰ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯗ، ﺑﯩﻠﯩﺸﻜﻪ ﻗﯩﺰﯨﻘﻤﺎﻳﺪﯗ ﮬﻪﻡ ﺧﺎﻟﯩﻤﺎﻳﺪﯗ.

ئەمەلىيەتتە ﻟﻮﭘﻨﯘﺭ كۆﻟﯩﻨﯩﯔ ﻗﯘﺭﯗﭖ كېتىشى ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺋﯧﭽﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻖ ﭘﺎﺟﯩﺌﻪ!

ﺗﺎﺭﯨﻢ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﺯﯗﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺋﯘﺯﯗﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﺴﻘﯩﺮﺍﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯗ، ﺑﯩﻠﯩﺸﻜﻪ ﻗﯩﺰﯨﻘﻤﺎﻳﺪﯗ ﯞﻩ ﺧﺎﻟﯩﻤﺎﻳﺪﯗ.

ﺗﺎﺭﯨﻢ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﻗﯩﺴﻘﯩﺮﺍﭖ كېتىشى ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺋﯧﭽﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻖ ﭘﺎﺟﯩﺌﻪ! (80km ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ قىسقىراپ كەتتى)



ئاپتورى: | سەھىپە: ئىقتىساد، ئىجتىمائىيەت | ۋاقتى: 28-05-2011 | باھا: 2 پارچە | زىيارەت: 883 قېتىم

  • سىز ھازىر1-بەتتە | جەمئىي بەت سانى: 2
  • 1
  • 2
  • >