سىدام قىسمەتلەر (2)
ئاپتورى: قىسمەت | سەھىپە: ماقالە-يازمىلار | ۋاقتى: 22-02-2012 | خەتكۈشلەر: ئۇچتۇرپان ، قىسمەت
يېقىنقى ئىككى ئايدىن بېرى كۆپ ئىشلار بولۇپ كەتتى: ئايالىمنىڭ مىجەزى يوق، ھەممىمىز بىسەرەمجان بولۇپ يۈردۇق. «كۆتۈرەلمىسەڭ ساڭگىلىتىۋال» دېگەندەك، يېڭى يىلنىڭ تۇنجى كۈنى ئۆيىمىزگە ئوت كېتىپ، يەنە خاپىچىلىق بولدى.
كاللا ئارامىدا بولمىغاچ، شىركەتتە كۆپ تۇرالمىدىم، كۆپ ئىشلىرىم چالا قالدى، بىر نەرسە يېزىشقىمۇ رايىم يوق.
بۈگۈن ئىچىمدىكىنى بىر تۆكەي دەپ، سىدام قىسمەتلىرىمنى بىلكانپەدتە داۋاملىق يازدىم.
1989-يىلىنىڭ ئاخىرلىرى
بىر ئىش بىلەن سىرىتقا چىقتىم، ۋەلسپىت مىنىشنى يېڭى ئۆگەنگەن چاغلىرىم بولغاچ، ئۆيدىكىلەردىن يوشۇرۇن ۋەلسپىتنى مىنىۋالدىم. ناھىيە بازىرىنىڭ تۆت كوچا دوقمۇشىغا كەلگەندە ۋەلسپىتلىك بىر ئايال مېنى سوقۇپ، يول يېنىدىكى گۈللۈكنى قورشىغان تىكەن سىمغا يۆلەپ قويدى، سول يوتام سىمغا يۆلەنگەن ھالەتتە ۋەلسپىت 4-5 مېتىر مېڭىپ كەتتى.
ئۆزۈمنى رۇسلاپ، ۋەلسپىتنى مىنىشكە تەمشەلسەم، بىر كىشى «ۋاي بالام، پۇتۇڭ نېمە بولدى» دەپ قالدى.
شۇنداقلا قارىدىم، ھۆكىرىپ يىغلىۋەتتىم. سول تىزىمنىڭ ئۈستى ئىشتىنىم يىرتىلغان، ئاپپاق بىر نېمە ئۆرلەپ چىققىلى تۇرۇپتۇ. يوتامنى تىكەن سىم يىرتىپ ماي چىقىرىۋېتىپتۇ.
نەدىن كەلدىكىن ئاكام پەيدا بولدى. ئاۋۇ مەينەتنى تېپىپ چېتىنى يىرىۋېتىمەن، دەپ چېپىپ كەتتى.
بىردەمدە يېتىپ كەلگەن ئاكا-ئاچىلىرىم مېنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىشتى. دوختۇر «كىچىك بالىنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىگە تەسىر يېتىدۇ» دەپ ناركوزمۇ قىلماي تىككىلى تۇردى. قىيا-چىيا، دوختۇرنىڭ كىملىكىنىمۇ بىلمەي تىللىغىلى تۇرۇپتىمەن، تىكىپ بولغاندا ماسكىسىنى ئېلىۋېدى، ۋاي نە نومۇس، تاغامنىڭ ئايالىكەن ئەمەسمۇ!؟ كېيىن پات-پات «يەنە تىللامسىز؟» دەپ تېرىكتۈرۈپ قويىدىغان بولدى.
1993-يىلى 7-ئاي مەزگىللىرى
تولۇقسىزنى پۈتتۈرۈپ، ئوتتۇرا تېخنىكوم ئىمتىھانىغا قاتنىشىش ئۈچۈن، ئۆيدىكىلەرنىڭ ھەمراھلىقىدا ناھىيىدىن ئاقسۇ شەھىرىگە كىردۇق.
ئۈچ كۈنلۈك ئىمتىھاننى تۈگىتىپ، بىر بولكىۋايغا ئولتۇرۇپ ناھىيىگە قاراپ يول ئالدۇق. ھاۋا ئىسسىق، ماشىنىدىكى ھەممىمىز بىر-بىرىمىزگە يۆلىنىپ ئۇخلاپ كېتىپتىمىز. بىر چاغدا جالاق-جۇلۇق، قىيا-چىيادىن ئويغىنىپ كەتتىم، قارىسام باشقا ئىش يوق، ھەممەيلەن پەسكە چۈشكىلى تۇرۇپتۇ.
نېمە ئىشتۇ دەپ چوڭلارغا ئەگىشىپ پەسكە چۈشتۈم: قارىسام 50 ياشلاردىكى بىر كىشى ۋايجانلاپ ياتىدۇ، يېنىدا قىزى سەكپارە. ئاۋۇ كىشىنىڭ بىر پۇتى بىر قىسما كۆرۈندى. نەق ماۋۇ رەسىمدىكىدەكلا
شوپۇر ماشىنىنىڭ رادىئاتورىنىڭ (水箱) ئېغىزىنى ئوچۇق قويغان ئىكەن، ماتورنىڭ قىزىشى بىلەن رادىئاتوردىكى سۇ قايناپ ھور چىققان گەپ. ماشىنىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغان ئىككى قىز ئۇيقۇچىلىقتا ھورنى ئىس دەپ بىلىپ «ۋاي ئوت كەتتى» دەپ ۋارقىراپتۇ. قىزى بىلەن مۈگدەپ ئولتۇرغان ئاۋۇ كىشى گەپنى ئاڭلاپ، نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى ئاڭقىرا-ئاڭقىرمايلا ماشىنىنىڭ دەرىزىسىدىن سەكرىگەن گەپ. ئۇ كىشىنىڭ كىيىمى ماشىنىغا ئىلىنىپ قېلىپ، پۇتى چاق ئاستىغا كىرىپ كېتىپتۇ، بولغان ئىش شۇ. ئاۋۇ ۋارقىرىغان قىزلار خېلى يىللاردىن كېيىن ناھىيىلىك 1-باشلانغۇچقا ئوقۇتقۇچى بولدى. بەزىدە بىرەر ئىش بىلەن شىركىتىمىزگە كىرگىنىدە «يەنە كىملەرنىڭ پۇتىنى سۇندۇرۇپ يۈرۈۋاتىسىلەر» دەپ چېقىشىپ قويىدىغان بولدۇم.
1997-يىلى 6-ئاي مەزگىللىرى
ئاكامنىڭ بىر دوستىنىڭ ئالامەت بىر موتىسكلىتنى مىنىپ يۈرىدىغان چاغلىرى. دېسەم ئىشەنمەيسىلەر، شۇ يىللاردا 17 مىڭغا ئالدىم دېگەن ئىدى. ھازىر بولسا 50 مىڭنىڭ ئۈستىدە دېگەن گەپ.
بىر كۈنى ئاكام بىلەن ئىككىسى بىر ئىش بىلەن يېزىغا مېڭىشتى، موتىسكلىت بىزنىڭ ئۆيدە قالدى، ئاچقۇچنى ئۆيگە قويۇپ قويسا بولىدۇ.
بۇرنىمىز كۆپۈپ، نەدە جىدەل بار دەپ ئىزدەپ يۈرىدىغان چاغلاردە ئۇ. ئۇلار مېڭىپ بىر ئۇزۇندىن كېيىن، خوشنىمىزنىڭ قولتۇق ھاسا بىلەن ماڭىدىغان (ھەي ياشلىق، ھەي قاراملىق) ئوغلىنى كەينىمگە مىندۈرۈپ، مەغرۇر يۈرۈپ كەتتۇق. ناھىيىنىڭ يېڭى شەھەر رايونىدا ئادەم جىق ئەمەستى. شۇ يەردە موتىسكلىت دېگەندىن بىر چاڭ چىقىرىلى دەپ شۇ ياققا ماڭدۇق. ناھىيىلىك كەسپىي ئوتتۇرىنىڭ ئالدىدا قايرىلىدىغان بىر دوخمۇش بار ئىدى. شۇ يەرگە كەلگەندە مەن ئەخمەق ماي دېگەننى يەنە قۇلاققىچە بېسىپ ماڭغان گەپ.
رولنى جېنىمنىڭ بارىچە ئوڭغا ئۇرىمەن، بويسۇنامدىغان بۇ گۇي. بارغانسىرى يول قىرغىقىغا يېقىنلاپ كېتىۋاتىدۇ. خۇدا بار ئۆزۈڭ بار، بولۇشىغا قويۇۋەتتىم. موتىسكلىت يول چېتىدىكى بىر سېدە دەرىخىگە زەرپ بىلەن ئۇرۇلدى. ئىككىمىز 9-10 مىتىر يەرگە ئۇچۇپ چۈشتۇق. چۈشكەن يېرىمىز يۇمشاق توپىلىقكەن، قاتتىق چۈشمىگەن چېغىمىزۋا، توپىمىزنى قېقىشتۇرۇپ، بىر-بىرىمىزنى يۆلەپ قوپتۇق.
ئۆزىمىز بىلەن كارىمىز يوق، ۋاي موتىسكلىت نېمە بولغاندۇ دەپ شۇ تامان يۈگۈرگەن گەپ. ئالدى چىراق چېقىلىپتۇ، باشقا چوڭ ئىش يوق. ھەي جىڭ مال دېگەن ئەجەپ ھە دېيىشتۇق.
موتىسكلىتنى يۆلەپ تۇرغۇزۇۋېتىپ، يەنە شۇ سول پۇتۇم ئاغرىغاندەك قىلدى. قارىسام ھېلىقى تىككەن يەرنىڭ ئۈستى سىزىلىپ كېتىپتۇ.
ئاۋۇ بالا مۈرەم ئاغرىۋاتىدۇ دېدى، چاپىنىنى سالدۇرۇپ قارىساق، سىرتىدىكى چاپان ساق، ئىچىدىكى كۆينەكنىڭ مۈرىسى يىرتىلىپ، قان تامچىپ قاپتۇ.
شۇ ئاۋارىچىلىقتا موتىسكلىتنى يەنە مىنىپ، رېمۇنتخانىغا باردۇق. چىراق سېلىشقا، رول تەڭشەشكە 500 كوي ئالىمەن دېمەمدا، بىزدىكى نەدىكى 500 كوي، يانچۇقلىرىمىزنىڭ تەتۈر ئۆرۈپ ئاران 100 كويغا يېقىن بىر نېمە تاپتۇق. رېمۇنتچى ئۇستام ئاكامنى تونۇيدىغان چېغى. «سەن ئەركىننىڭ ئىنىسىما؟» دەپ سوراپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن ئاكامنىڭ يۈزىنى سېتىپ، 300 كويگە ئوڭشىتىدىغان، 100 كوينى نەق، قالغان 200 كوينى بىر ئايغىچە بېرىدىغان بولۇپ، موتۇتىسكىلىتنى ئوڭشاتتۇق.
ئاكامغا رېمونتچى دەپ قويدىمۇ ياكى موتىسكلىت بىر قىسما تۇيۇلۇپ بىلىپ قالدىمۇ «قانداقراق سوقۇلدۇڭلار؟» دەپ سۆزلەپ كەتكەن.
2004-يىلى قىش مەزگىللىرى
بىر ئىش بىلەن ئۈرۈمچىگە كەلدىم. نەچچە كۈن ئۆتۈپ بۇلاقبېشى كوچىسىدا تاماق يەپ، پىيادىلەر يېشىل چىرىقى يانغاندا يولدىن ئۆتتۈم، ئۆتۈۋېتىپ سەل خىيالغا چۆكۈپ قاپتىمەن. بىرسى قارا دېگەندەك قىلدى، سول تەرەپتىن بىر كىچىك ماشىنا ئۇچقاندەك كېلىۋاتمامدا، چوڭراق بىر قەدەم ئالغىنىمنى بىلىمەن، ئاۋۇ ماشىنا ئوڭ تەرىپىمدىكى قىزىل چىراقتا توختىغان ماشىنىغا سوقۇلدى. ئىش بۇلا ئەمەس، سول پۇتۇمدىكى ئاياقنىڭ بوغقۇچى ئاۋۇ ماشىنىنىڭ ئالدىنى ئىلىنىشىپ قاپتۇ، ئاستا تارتىپ چىقىرىپ كېتىۋالدىم، ساقچى ماشىنىسىنىڭ غۇيۇلدىشى كەينىمدە قالدى.
2004-يىلى 2-ئاي ھېيت مەزگىلى
ئىككى دوستۇم بىلەن بىر تونۇشىمىزنىڭ ئۆيىگە ھېيتلاپ ماڭدۇق. 20-30 كىلومېتىرلىق سۈرئەتتە ئاستا ماڭدۇق. ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئالدىغا كەلگەندە ماشىنىغا ئوڭ تەرەپتىن بىر نەرسە قاتتىق ئۇرۇلدى. ھەممىمىز ۋاي دېيىشىپ كەتتۇق.
ھەممىمىز ئارقىدا ئولتۇرغان، ئىككى دوستۇم ئوڭدا، مەن سولدا.
ئوڭدا ئولتۇرغان دوستىمىزنىڭ بىكار تۇرماي ئاياغ سۈرتىدىغان مىجەزى بار ئىدى. نەق مۇشۇ دەقىقىدە ئۇ ئېڭىشىپ ئايىقىنى سۈرتۈپ ئولتۇرسا بولىدۇ. ماشىنىنىڭ ئەينىكى چېقىلىپ ئوتتۇرىدا ئولتۇرغان دوستىمىزنىڭ ئوڭ يۈزىگە تۈكۈچتەك سانچىلىپ كېتىپتۇ. مېنىڭ سول قولۇمنىڭ ئۈستىگە بىر تال ئەينەك پارچىسى سانچىلىپ قاپتۇ.
ئاڭغىچە سىرتنى ۋاراڭ-چۇرۇڭ قاپلاپ كەتتى، بىز ئىنجىقلىشىپ ماشىنىدىن چۈشتۇق.
بىزگە سوقۇلغىنى موتىسكلىت ئىكەن. سوقۇلۇپ 20 مىتىرچە يىراقلىققا ئۇچۇپ كېتىپتۇ. بىرسى سۆزلەيدۇ: ئەجەپ ئۇچتا ئاۋۇ بالا، شياڭگاڭ كىنونىلىرىدىمۇ بۇنچىلىك ئۇچمايتتى.
يۈگرەپ دېگۈدەك موتىسكلىتنىڭ يېنىغا باردۇق.
قارىساق سېمىز بىرسى يېتىپتۇ. ئۇ بالا مېنىڭ تولۇقسىزدىكى ساۋاقدىشىمنىڭ ئىنىسى بولۇپ چىقسا بولىدۇ. ئۆزىمىز بىر يەرلەردە قېلىپ، ئۇ بالىنى يامان تەستە ماشىنغا بېسىپ دوختۇرخانىغا ئاپاردۇق. دوختۇر ئۇنىڭ-بۇنىڭغا سېلىپ تەكشۈرۈپ كۆرۈپ: «ئوخرەك سۆڭىكى سۇنۇپتۇ، ھوشۇقىنى يىرتىلىپ كېتىپتۇ» دېدى. ئاڭغىچە ئاتا-ئانىسى كەلدى. بىز ئۇنى ئاتا-ئانىسىغا تاپشۇرۇپ، ئۆزىمىزنى تەكشۈرتۈپ، تاڭدۇرۇپ يېنىپ كەلدۇق.
خېلى مەزگىلىگىچە قاتناش ساقچىسىغا گۇۋاھلىق بېرىمىز دەپ يۈردۇق.
2005-يىلى 12-ئاينىڭ بېشى
ئۆتۈم ئاغرىپ بىر مەزگىل يېتىپ قالدىم. شۇ كۈنلەرنى بىرىدە تېلېفون كەلدى: «توختى تۈگەپ كېتىپتۇ».
بۇ ساۋاقدىشىمىز 9-ئايلاردا توي قىلغان ئىدى. تويىنى قىزىتىپ يېنىپ كەلگەن ئىدۇق.
ئۈچ كۈن ئاۋۋال ئۇ ماڭا تېلېفون قىلىپ، ئونسۇ ناھىيىسىگە ئايالىنىڭ يېنىغا (ئۇ بىزنىڭ ناھىيىدە، ئايالى ئونسۇدا ئىشلەيتتى) بارماقچى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ماشىنامنى سورىدى، بەردىم.
ئالدىنقى كۈنى كەچتە ئۇ خىزمەتداشلىرى بىلەن ئولتۇرۇپ سەل جىق ئىچىپ ساپتۇ. شۇ كەيپچىلىكتە ئايالىمنىڭ يېنىغا بارىمەن دەپ، يەنە بىر تونۇشىنى ئېلىپ ماشىنىنى ھەيدەپ، كېچىدە ئونسۇغا مېڭىپتۇ.
ئونسۇ ئارال يېزىسىغا ئازا قالغاندا ماشىنا ھاڭغا چۈشۈپ كېتىپتۇ. ئۇ شۇ يەردە قازا قىلىپتۇ، تونۇشى ئېغىر يارىلىنپتۇ…
ئۇنىڭ ئۆيىگە نامازغا باردۇق، ئاتا-ئانىسى «ئۇنى سىز ئىتتىرىۋەتمىدىڭىز، ئاللاھ ئامانەتنى ئالدى، كەتتى» دېگەن بولسىمۇ ئۆزۈم خېلى بىر زامان ۋىجدان ئازابى تارتىپ يۈردۈم.
ھازىرمۇ رولغا چىقسام قولۇم تىترەيدۇ.
تەكلىپ: يازما سىزگە يارىدى بولغاي، بۇ يەرنى بېسىپ «ئۇلانما تورى» دا تەۋسىيە قىلىڭ، تېخىمۇ كۆپ كىشى بەھرىلەنسۇن ... يازما ئادرېسى: [يازما مەنبەسى ۋە ئادرېسىنى ئەسكەرتىپ، پايدىلانسىڭىز بولىدۇ.] ئالدىنقى يازما: قىسمەتنىڭ 2011-يىلى
ۋاقتى: 2012-يىلى 9-مارت 20:22
قىسمەتكامنى نېمىگە جىمىپ كەتتىكىن دېسەم ئەسلى بىر مۇنچە كۆڭۈلسىز ئائىلە ئىشى يۈر بېرىپتۇ ئەمەسمۇ. خەير، بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ…
ۋاقتى: 2012-يىلى 20-مارت 20:55
ئاپتاپسىنىپ ئاڭلايدىغان قىزىق پاراڭكەن بۇ