بۇ يەرگە تەۋسىيە يازمىلار قويۇلىدۇ

  • تەشۋىقات كۆزنىكى

    باش بەت > تەرجىمە ئەسەرلەر > يانفون نومۇرى نېمىشقا 11 خانىلىق بولىدۇ؟

    يانفون نومۇرى نېمىشقا 11 خانىلىق بولىدۇ؟

    ئەڭ دەسلەپكى يانفون نومۇرى يەتتە خانىلىق ئىدى. كېيىن GSM تېخنىكىسى (Global System for Mobile Communications نىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ، يەر شارى خاراكتىرلىك كۆچمە ئالاقە سىستېمىسى دېگەن مەنىگە يېقىن كېلىدۇ ) سىفىرلىق يانفون تورىدا 10 خانىلىق بولۇشقا قاراپ تەرەققىي قىلدى. يانفون ئابۇنتلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، نومۇر كۆپەيتىش ئېھتىياجى تۇغۇلدى. ئالاقىدار مۇتەخەسىسلەرنىڭ قارىشىچە، نومۇر كۆپەيتمىگەندە، GSM سىفىرلىق يانفون تورىنىڭ پايدىلىنىلىش ئۈنۈمى تۆۋەنلەپ كېتەتتى. شۇ سەۋەپلەرگە كۆرە، يانفون نومۇرى 11 خانىلىق قىلىپ بېكىتىلدى.

    يانفون نومۇرى نېمىشقا 13 دېگەن ساندىن باشلىنىدۇ؟

    بۇ بىر ئىنچىكە پىلانلانغان ئىش بولۇپ، بۇنى تۆۋەندىكىچە چۈشەندۈرۈش مۇمكىن:
    تېلېگرافقا دائىر مۇلازىمەتلەر 10 دىن باشلىنىدۇ. مەسىلەن، 103 خەلقئارالىق زاكاز قىلىش تېلېفون نومۇرى، 108 خەلقئارالىق قارشى تەرەپ پۇل تۆلەيدىغان مۇلازىمەت تېلېفون نومۇرى، 1000 (ھازىر 10000 غا ئۆزگەرتىلدى) تېلېگراف مۇلازىمەت مەركىزى تېلېفون نومۇرى، 1001 بىرلەشمە خەۋەرلىشىش مۇلازىمەت مەركىزى تېلېفون نومۇرى … ۋاھاكازالار.

    ئالاھىدە ھوقۇققا ئىگە مۇلازىمەتلەر 11 دىن باشلىنىدۇ. مەسىلەن، 110 ساقچىغا مەلۇم قىلىش تېلېفون نومۇرى، 111 تېلېگراف ئىچكى قىسىم سىناش تېلېفون نومۇرى، 112 رېمۇنتنى مەلۇم قىلىش تېلېفون نومۇرى، 113، 115 لەر دۆلەت ئىچى ئۇزۇن يوللۇق زاكاز قىلىش تېلېفون نومۇرى، 114 (118114 كە ئۆزگەرتىلدى) نومۇر سۈرۈش مۇلازىمەتخانىسى تېلېفون نومۇرى، 116 دۆلەت ئىچى ئۇزۇن يولۇق نومۇر سۈرۈشتۈرۈش مۇلازىمەتخانىسى تېلېفون نومۇرى، 117 ۋاقىت مەلۇم قىلىش تېلېفون نومۇرى، 119 ئوت ئۆچۈرۈشنى مەلۇم قىلىش تېلېفون نومۇرى … ۋەھاكازالار.

    ئالاھىدە ھوقۇققا ئىگە خەلق مۇلازىمەتلىرى 12 دىن باشلىنىدۇ. مەسىلەن، 120 دوختۇرخانا جىددىي قۇتقۇزۇش تېلېفون نومۇرى، 121 ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش تېلېفون نومۇرى، 122 قاتناش ھادىسىسىنى مەلۇم قىلىش تېلېفون نومۇرى، 126، 127، 128، 129 قاتارلىقلار چاقىرغۇ ئىستانسىسى تېلېفون نومۇرلىرى … ۋاكازالار.
    يۇقىرىقى سەۋەپلەرگە كۆرە، يانفون بارلىققا كەلگەندە، 13 دىن باشلانغان نومۇرلار تەقسىم قىلىپ بېرىلدى. جۈملىدىن، 130، 131، 132، 133 دىن باشلانغان نومۇرلار بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتىگە، 134، 135، 136، 137، 138، 139 دىن باشلانغان نومۇرلار كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىگە تەقسىم قىلىپ بېرىلدى.

    يانفون نومۇرىدىكى ئالدىنقى ئۈچ خانە تور نومۇرىنى، كېيىنكى ئۈچ خانە رايون نومۇرىنى، ئەڭ كېيىنكى بەش خانە ئابۇنت خاس نومۇرىنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، 13899185634 دېگەن نومۇرنى ئالساق، 138 دېگىنى كۆچمە خەۋەرلىشىش تور نومۇرىنى، 991 دېگىنى رايون نومۇرىنى (قەشقەر ۋىلايىتىنى كۆرسىتىدۇ)، 85634 دېگىنى شۇ ۋىلايەت (ياكى بىۋاستە قاراشلىق شەھەردىكى) 85634 – نومۇرلۇق ئابۇنت دېگەننى كۆرسىتىدۇ.

    يانفون نومۇرىنىڭ ئالدىنقى ئۈچ خانىسى يانفون تور نومۇرىنى كۆرسىتىدۇ، كېيىنكى سەككىز خانىسى (ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى سەككىز خانىلىق مۇقىم تېلېفون نومۇرلىرى ئېسىڭىزدە بولسۇن) مۇقىم تېلېفون نومۇرى بىلەن ئوخشاش.

    توردىن ئۆزلەشتۈرۈلۈپ تەرجىمە قىلىندى.

    تەرجىمان: قىسمەت



  • يازما ئادرېسى: [يازما مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ، پايدىلانسىڭىز بولىدۇ.]
  • ئالدىنقى يازما: كېيىنكى يازما:

    باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    • 1#

      مېنىڭچە كېيىنكى ئۈچ خانە رايۇن نۇمۇرىنى كۆرسىتىدۇ دېگىنى ھازىر توغرا كەلمەي قالامدىكىن؟! چۈنكى مېنىڭ يانفون نۇمۇرۇمنىڭ باشتىكى نۇمۇرى 1360998 ئەمما بۇ نۇمۇر ئۈرۈمچىنىڭ، پۈتكۈل نۇمۇردا ئۈرۈمچىنىڭ رايۇن نۇمۇرىنى تاپقىلى بولمايدۇ، ئەتراپىمىزدىمۇ بۇنداق نۇمۇرلار كۆپ….

      • 2#
        ساتارىم

        ئالدىنقى 3 خانە تېلفۇن تەۋەلىكى ، كېيىنكى تۆت خانە رايون تەۋەلىكى ، كېيىنكى 4 خانە ئابۇنتقا تەۋە ! تۆۋەندىكى ۋە ئۈستىدىكى تورداشلارنىڭ پىكىرى دەل توغرا !

    • 3#

      ھازىر ئالدىنقى 3 خانە تور نومۇرى ، ئوتتۇرىدىكى 4 خانە رايۇن نومۇرى، ئاخىرقى 4 خانە ئابۇنت نومۇرى .

    • 5#
      د.ئا.ئوغلان

      ئاۋۇ رايۇن نومۇرى دىگەن ھازىرقى مۇقىم تېلېفون رايۇن نومۇرى بىلەن پەرىقلىنىدىغان ئوخشايدۇ . :cool:

      • 6#

        ماۋۇ گەپ جىڭ باسىدۇ. ئەسلىدە يانفون نومۇرىدا قوللىنىلىدىغان رايون نومۇرى بىلەن مۇقىم تېلېفوندا قوللىنىلىدىغان رايون نومۇرىنىڭ ئىپادىلەيدىغان مەنىسى پەرقلىنىدۇ. مەسىلەن، 0000000-0991 ئۈرۈمچىنىڭ نومۇرى، 13899100000 قەشقەرنىڭ نومۇرى. بۇ ھەر ئىككى نومۇردا رايون نومۇرى ئوخشاشلا 991 ، لېكىن يانفون ۋە مۇقىم تېلېفوندا ئوخشىمىغان ئىككى رايوننى بىلدۈرۈپ قوللىنىلغان.
        لېكىن ھازىر يانفون نومۇرىنى بىلگىلى بولماسلا بولۇپ كەتتى دېسە …. :!:

        • 7#
          ساتارىم

          قوي ھەلەپ تاتلىق دېسە ، بېرىپ ھەلەپ يىگىلى بولمايدۇ بۇرادەر ! كۆچمە خەۋەرلىشىش ، پوچتىدىن ئايرىلماستىن تارتىپلا ، مۇشۇ خىل ئۇسۇل بىلەن ھېسابلىنىدۇ ! لېكىن ماۋۇ ئۈرۈمچىدە غەلىتە بىر نومۇر دېيىش ئادىتى بار ! ئەسلىدە تېلفۇن نومۇرنى قارشى تەرەپكە دەپ بەرگەندە ، ئاۋۋال 3 خانە ، ئاندىن 4 خانە ، ئاندىن يەنە تۆت خانە دەپ بېرىدىغان ، قەشقەردە شۇنداق قىلىمىز ! لېكىن ئۈرۈمچىدە غەلىتە نومۇرلار جىق بولغاچقا ، غەلىتە ئاتايدۇ !
          توغرىسى :
          ئالدىنقى 3 خانە تېلفۇن تەۋەلىكى ، كېيىنكى تۆت خانە رايون تەۋەلىكى ، كېيىنكى 4 خانە ئابۇنتقا تەۋە ! تۆۋەندىكى ۋە ئۈستىدىكى تورداشلارنىڭ پىكىرى دەل توغرا !

    无觅相关文章插件,快速提升流量