تارىخنى ئۇنتۇش ھالاكەتنىڭ باشلىنىشى، تېخىمۇ توغرىسى ھالاكەتنىڭ نەق ئۆزىدۇر. چۈنكى، سىز تارىخىڭىزنى ئۇنتۇشقا باشلىغىنىڭىزدا ئاللىقاچان ھالاكەت پاتقىقىغا چوڭقۇر پاتقان بولىسىز، ۋەتىنىڭىز ھەم مۇنقەرزلىكتىن ئېچىنىشلىق ئىڭراۋاتقان بولىدۇ.
ئىرادىنىڭ ئاجىزلىشىشى ھارغىنلىقنى، ھارغىنلىق ھورۇنلۇقنى، ھورۇنلۇق ھالاكەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
تۈنۈگۈنلا ساڭا تەئەللۇق بولغان نەرسە بۈگۈن ئۇنداق بولماي قېلىشى مۇمكىن. چۈنكى سەن، مەن، ئۇ، ھەممىمىز كارۋان. بىلسەڭ، كارۋاننىڭ يولدىن باشقا ھېچنېمىسى بولمايدۇ.
دۇنيادا ئانىنىڭ «ئەللەي ناخشىسى» دىن چىرايلىق ناخشا، باھادىرلارنىڭ «ھۇررا» ساداسىدىن جەسۇر سادا، ئاشىقلارنىڭ مەشۇقىنى سېغىنىپ چەككەن «ئاھ» لىرىدىن ھەسرەتلىك پىغان بولمىسا كېرەك.
تارىخنى قەھرىمانلار يارىتىدۇ، تارىخچىلار يازىدۇ.
ھەرنە كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز كۆڭۈل ئاغرىقلىرى پەقەت ئۆزىمىزنىڭ ئوسال مىجەزىمىز سەۋەبىدىنلا بولىدۇ، خالاس.
كونىلار توغرا ئېيتقان:
«چۈجىنىڭ شۇملۇقىدىن مېكياننىڭ ئەمچىكى يوق.
بېشىمغا ھەر بالا كەلسە، ئۆزۈڭنىڭ شورى دەڭلار.»
كۈندىلىك خاتىرەمدىن ئېلىندى.
ئەسسالامۇئەلەيكۇم، قىسمەت ئەپەندىم!
ھەقىقەتەن ئېسىل دۇردانىلار ئىكەن، ئادەم كىچىك ۋاقتىدا مۇشۇنداق ھىكمەتلىك سۆزلەرنى كۆرگەندە مەنىسى شۇنداق چوڭقۇر بىلىنىدۇ، ئەمما يېشىغا يېتىپ، كەچمىشلەر بىر -بىرلەپ بېشىدىن ئۆتكەندە ئاندىن مەنىسىنى ھەقىقىي چۈشىنىپ يېتىدۇ. سىلىنىڭ كارۋان توغرسىدىكى ئاۋۇ ھىكمەتلىرىنى خاتىرەمگە كۆچۈرۈۋالدىم، شۇنداق ھەممىمىز كارۋان، بىزنىڭ يولدىن باشقا نېمىمىز بولسۇن!
2011/04/01
قىسمەتنىڭ چاقماق يازمىلىرى تېز، لېكىن تورى بار، ئاددىي لېكىن مەزمۇنلۇق، كىشىگە دەرھاللا نەپ بېرەلەيدۇ.
2011/04/02
بۇرۇن مېنىڭمۇ مۇشۇنداق بىرخاتىرەم بۇلىدىغان. ئانچە مۇنچە يېزىپ قۇياتتىم ئىلھامىم تۇتقاندا، يۈتتۈرۈپ قۇيۇپلا ئۇ ئىشلىرىمنى تاشلاپلا قۇيۇپتىمەن. قىسمەتكامنىڭ بۇ يازمىلىرىنى كۆرۈپ كۆڭلۈم بىرخىللا بۇلۇپ قالدى.
2011/04/02
قالتىس يازمىلار بارغۇ بۇيەردە .ھەرقېتىم كەلسەم قۇرۇق كەتمەيمەن.قىسمەتكام قالتىس سېخى بىزئېلىپ كېتىۋېرىمىز،نەگەدەپ سوراپمۇ قويمايدۇ.
2011/04/03
ئىنىمىزگە يارىغانلا بولسا، كەمىنە خاتىرجەم.
بۇ يەردىن كەتسە، نەگە باراتتى؟ بۇرادەرلىرىمىزگە ئەمەسمۇ …
2011/04/03
كۈندىلىك خاتىرەمنى ئانام«مۇسادىرە» قىلىۋالغاندىن بىرى شۇنداق بىر نەرسىلەرنى يازماس بوپ كەتتىم، مىكرو بىلوگۇمغا شۇنداق ئالىجوقا نەرسىلەرنى يازغۇم كىلىدۇ، لىكىن بىرەرسى كۆرۈپ، ساراڭ…دەپ كىتىپ قالامدىكىن دەپ، رەسمىي« ساراڭلىقىمنى »يوشۇرۇپ يۈرىمەن
2011/04/07
«ساراڭلىق» …
ماۋۇ گەپنىڭ تېرەن مەنىسى ھەققىدە ئويلىنىۋاتىمەن …
2011/04/08
ماڭغا بىر بىلوگ لازىمتى ياردەم قىلساڭلار . چ چ 1158002696
2011/04/12
http://www.xjcfan.com گە كىرگەيسىز.
2011/04/13