ئېنىق ئېسىمدە تۇرۇپتۇ: ئاغزىمغا چىشىم چىقىپ، تۇنجى قېتىم زىيارىتىمدە بولغان ئۇيغۇر تور بېكىتى تەكلىماكان تور بېكىتى (http: //www.makanim.com) ئىدى. ئۇ بېكەتنىڭ خەنزۇ يېزىقىدا ئىكەنلىكىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئىقتىدار، يېڭىلىنىش سۈرئىتى… ۋاھاكازالار جەھەتتە ھەقىقەتەن شۇ چاغلاردىكى ئۇيغۇر تور بېكەتلىرى سېپىدە يىگانە ئىدى. بۇ بېكەت ھازىر «ھايات» بولغان بولسا، كېسىپ ئېيتىمەنكى يەنىلا ئۇيغۇر تور بېكەتلىرىنىڭ سەردارلىق ئورنىدا تۇرغان بولاتتى… ھازىر قارىسام، ئۇيغۇر تور بېكەتلىرى شۇنداق كۆپىيىپتۇ- يۇ، ئەمما ماۋۇ «بىز ئۇيغۇرنىڭ» دېگىدەك بىرەر يادرو بېكەت يوق…
2004- يىلى 6- ئايدا نىجات ئەپەندى (تەكلىماكان تور بېكىتىنىڭ قۇرغۇچىسى، ئۇيغۇرلاردىن تۇنجى قېتىم تور بېكەت قۇرغان كىشى) بىلەن توساتتىن توردا كۆرۈشۈپ قالدىم، ئۇ ئادەتتە تورغا كۆپ چىقمايتتى.
- باشقىلار پىشاڭ قويدى- دېدى ئۇ «تەكلىماكان تور بېكىتىنى نېمىشقا تاقىۋەتتىڭىز» دېگەن سۇئالىمغا.
توۋا… دەپ ياقامنى تۇتتۇم.بىر ۋاقىتلاردا باشئەگىم تور بېكىتىنىڭ ئاساسىي باشقۇرغۇچىسى بولغان بىر تونۇشۇمدىنمۇ مۇشۇنداق جاۋابقا ئېرىشكەن ئىدىم.
تورداشلىرىمىز بىلسە كېرەك، 90- يىللاردا ئارىمىزدىكى بىر قىسىم كۆرەلمەسلەرنىڭ كاساپىتى بىلەن «سەندىن مەن ياخشى» دېيىلىپ، «شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسلىك ئورنى بىر نەچچە يىل بىكار تۇرغان ئىدى. ئەمدى بۇ ئىشلارنىڭ «تور دۇنياسى» غا كۆچكەنلىكىگە «توۋا» دېمەي نېمە دەيمەن… «توۋا دەيمەن توۋا»…
«پىشاڭ قويدى»؟!
مەنمۇ ئۇزۇندىن بۇيان تەكلىماكان توربېكىتى ھەققىدە ھىچقانداق ئۇچۇر كۆرمىگەن ئىدىم، ئەسلىدە تۇنجى ئۇيغۇرتوربېكىتى بولۇش سۈپىتىنى (قىممىتى) بىلەن ھازىرزورايسا بولاتتى …ئەپسۇس …ئەپسۇس..
2011/01/13
مەنمۇ شۇ «ماكانىم»نى پات-پات ئەسلەپ قالىمەن،ھەي ئاشۇ چاغلار ،،،
2011/01/21