بۇ يەرگە تەۋسىيە يازمىلار قويۇلىدۇ

  • تەشۋىقات كۆزنىكى

    باش بەت > بىلوگ بىلدۈرگىسى > قىسمەت داڭلىق شەخسمۇ؟

    قىسمەت داڭلىق شەخسمۇ؟

    يېقىندىن بېرى تېلېفون، E-mail لاردا (ھازىر QQ نى كۆپ ئىشلەتمەيمەن) مەن بىلەن ئەسرالىشىشنى، پاراڭلىشىشنى ئىستىگەن بىر نەچچە بۇرادەرلەر بىلەن دىدارى-مۇلاقاتتا بولدۇم. بىر ۋاق تاماق يېيىشكەچ، ئۇ يەر-بۇ يەرنىڭ پارىڭىنى قىلىشىپ مۇڭداشقانمۇ بولدۇم. بۈگۈن ئىككى بۇرادەر يەنە شۇ خۇسۇسىدا تېلېفون قىلىپتۇ. بۇرادەرلەرنىڭ مېنى يېقىن كۆرۈپ مۇڭداشماق بولغانلىقىغا خۇرسەن بولدۇم-يۇ، ئويلىنىپ قالدىم. كىشىلەر نېمە سەۋەبتىن مەن بىلەن كۆرۈشمەكچى بولىدۇ؟ مەندىن قانداقمۇ ئۇلارغا تەسىر كۆرسىتەلىگۈدەك ياخشى پىكىرلەر چىقسۇن؟

    قىسمەت داڭلىق شەخسمۇ؟

    بۇ سوئالنى مەندىن سورىسا، ئىككىلەنمەي تۇرۇپ: «ياق، ئۇنداق ئەمەس، ئۇ بىر ئائىلىنى ئاران بېقىپ كېتىۋاتقان كىشى، نەرى داڭلىق بولسۇن؟» دەپ جاۋاب بەرگەن بولاتتىم.

    بىراق، 10 نەچچە يىللىق كومپيۇتېر ھاياتى، شىنجاڭدىكى نامى چىقىشقا باشلىغان گۇرۇپپا شىنجاڭ كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى (xjcfan) گۇرۇپپىسىنى قۇرۇپ چىقىش، بىر نەچچە تور بېكەت ۋە بلوگنىڭ قۇرغۇچىسى، مەسئۇلى بولۇش، كىشىگە تۈزۈك نەپ بەرمەيدىغان نەچچە يۈرۈش كومپيۇتېر ئۆگىتىش يۇمشاق دېتالىنى تۈزۈش، بىر نەچچە قېتىم تېلېۋىزىيە، رادىئولاردا زىيارەت قىلىنىش، ژۇرنال ۋە تور مەتبۇئاتىدا بىر نەچچە پارچە ماقالە (ئەمەلىيەتتە ماقالە دېگۈچىلىكى يوق) ئېلان قىلىش بىلەن، بەزى بۇرادەرلەرنىڭ نەزىرىدە داڭلىق شەخسكە ئايلىنىپ قالغاندەك تۇرىمەن.

    ئەمەلىيەتتىچۇ؟ ئەمەلىيەتتىكى قىسمەت ئۇنىڭ ئەكسىچە، بۇرادەرلەر ئويلىمىغان دەرىجىدە ئاددىي ئىنسان.

    قىسمەت ئارام ئېلىشنى بىلمەيدۇ.

    قىسمەت ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن جەم بولۇش ئۈچۈن ناھايىتى تەستە ۋاقىت چىقىرىدۇ.

    قىسمەت سەل تېرىككەك.

    قىسمەت زىيادە ئەستايىدىل بولغانلىقى سەۋەبلىك، ئىشنى ياخشى، تولۇق قىلىمەن دەپ بەزى ئارتۇقچە ئاۋارىچىلىقلارغا قالىدۇ.

    قىسمەت زىيادە كۆڭۈلچەك بولغانلىقى ئۈچۈن، باشقىلارنى، بولۇپمۇ ئايالىنى ئاسان رەنجىتىدۇ.

    قىسمەتنىڭ تۇرمۇش ئىشى ناھايىتى كۆپ ئەگرى-توقايلىقتىن كېيىن، ئاندىن بۈگۈنكى خاتىرجەملىككە ئېرىشكەن.

    قىسمەت ئىچكىرى ئۆلكىلەردە بىر مەزگىل سەرسانلىق تۇرمۇشىنى باشتىن كەچۈرگەن.

    قىسمەتنىڭ تۇرمۇشىدا غەلىبىدىن مەغلۇبىيەت كۆپرەك كۆرۈلگەن.

    قىسمەت 10 نەچچە يىللىق كومپيۇتېر خادىمى بولغان بىلەن، رايونىمىزدا كەڭ قوللىنىلىدىغان بىرەر تۈرنى ئىشلەپ چىققان ئەمەس.

    قىسمەتنىڭ 2011-يىلى كىرگەندىن بۇيانقى تېلېۋىزىيە، رادىئولاردىكى زىيارەت قىلىنىشى پەقەت تەلىيى ئوڭدىن كەلگەنلىكى، 2011-يىلىنىڭ قىسمەتكە ياراشقانلىقىدىن بولغان.

    قىسمەت ئەنە شۇنداق ئىنسان. دېمەكچىكى، قىسمەتكە قىلىنغان ھۆرمەت قىسمەتنىڭ ئەمگىكىدىن ئېشىپ كەتكەن. شۇ سەۋەب قىسمەت كۆپچىلىككە ئادەمگەرچىلىككە قەرز بولۇپ قالغان.

    خۇلاسە، كەمىنە قىسمەت داڭلىق شەخس ئەمەس، شەخسىي غېمىدىن ئېشىنىپ بولالمىغان، ئەلگە ھېچقانداق خىزمەت كۆرسىتەلمىگەن، قىسقىسى ئۇ دەرىجىدىكى ھۆرمەتكە، قارشى ئېلىنىشقا لايىق ئەمەس ئاددىي ئىنسان. ھالبۇكى نىشانىم داڭلىق شەخس بولۇش ئىدى…



  • يازما ئادرېسى: [يازما مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ، پايدىلانسىڭىز بولىدۇ.]
  • ئالدىنقى يازما: كېيىنكى يازما:

    باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    • 1#

      ھە ئەسلى مۇنداقكەندە. مەن تېخى تېلېفۇن قىلاي دەپ تۇراتتىم :sad:

    • 2#

      قىسمەتنىڭ -قىسمەتلىرى ئەسلى مۇنداقكەندە ؟ بۇنىڭدىن كېيىنكى قىسمەتلىرىڭىزنىڭ ياخشى بۇلۇپ كېتىشىنى تىلەيمەن .

    • 3#

      بىز يەنە كۆرۈشەلمەيدىغان بولدۇقتە…

    • 4#
      ياشنا

      ئەتراپىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەردىن، كىشىلەرنىڭ سۆز – ھەرىكەتلىرىدىن سۆيۈنۈشنى بىلىش ئاقىلنىڭ ئىشى. شۇ دەقىقىدە، ئۆزىنىڭ باشقىلاردەك ھوسۇللۇق بولالمىغانلىقى، بولۇپمۇ مىللەت، ئەل ئۈچۈن قەرزداردەك ھېس قىلىپ قالغانلىقى شۇ كىشىنىڭ مۇنەۋۋەر خادىملىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئالىم، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ سۆيۈملۈك يېرى: – بىلىم قانچىكى موللاشقانسېرى، ئۇلار شۇنچە كىچىك پىئېل، شۇنچە كەمتەر بولۇپ كېتىدىغانلىقىدا. مانا بۇ ئاددىيلىقتىكى ئۇلۇغلۇق، ئۇلۇغلۇقتىكى ئاددىيلىق!
      قىسمەت ئەپەندىنىڭ قىسمەتلىرىدە تاۋلىنىپ، ئەل ئىشقىدا كۆيىۋاتقانلىقىدىن پەخىرلىك ھېسلارغا چۆمىۋاتىمىز. ئارزۇ يۈكسەكلا بولىدىكەن، يۈكسەكلىكتىن پارلاق كېلەچەكنى ئاپىرىدە قىلغىلى بولىدۇ.
      باسقان يولىلرىڭىز، كۆرگەن چۈشلىرىڭىز گۈل بولسۇن!

    • 5#

      دىگەنلىرىڭىز ، باشتىن كەچۈرگەنلىرىڭىز بىر قىسمەتكەن ،
      تورداشلارنىڭ سىزنى ياقتۇرۇپ قېلىشىمۇ بىر قىسمەت . ئېتراپ قىلىڭ ئەمدى …. :|

    • 6#

      قىسمەت زىيادە كۆڭۈلچەك بولغانلىقى ئۈچۈن، باشقىلارنى، بولۇپمۇ ئايالىنى ئاسان رەنجىتىدۇ.
      _________________________________________________________
      كۆڭۈلچەك دېگەن كۆڭۈل ئايايدىغان دېگەن مەنىدە ئەمەسما :mrgreen:

    • 9#

      قىسمەتنىڭ يېڭى قىسمەتلىرى ۋۇجۇدقا كېلىشكە باشلاپتۇردە!
      قىسمەت بەكلا كىچىك پىئىل بولۇپ كېتىپتۇ ئەمدى. قىسمەتنىڭ ئائىلە ئىشلىرى بىلەن چاتىقىمىز يوق :evil: ، ماۋۇ توردىكى قىسمەت تورداشلار تەرىپىدىن تۇنۇلغان قىسمەتتۇر. كۆڭۈلچەكلىك قىلدىم دەپ يەڭگىمىزنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتىپ قويمايلى :mrgreen: يەڭگىمىز ئاۋۇ بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالمىسا تېخى بولمايدۇ، ئەمدى ماۋۇ قىسمەت يەڭگىمىزنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتىپ يېڭىچە قىسمەتلەرگە دۇچ كېلەي دەپ قاپتۇدە ئەمدى :sad:

    • 10#
      سۇبات

      بىزنىڭ غۇلجىغا بارغاندا بىر كۆرىۋالغان سىزنى .ھى ھى ھى.

    • 11#

      ئاغىنە قانداق ئەھۋالىڭلا، ئۆي ئىچى تىچلىقما؟
      چ چنى ئىشلەتكەندە خېلى مۇڭدىشاتتۇق، مانا ئەمدى خىيال كىلىشمۇ تەس كىلىۋاتىدۇ،ئىككىمىز تاماق يىيىشكە ، گۆشتىن ئىككى پارچە بېسىپ پولو يىيىشكە پۈتۈشكەن، قىسمىتىڭلىنى بىلمەيىتتىم، ئەمدى يېنىۋالايمۇ نىمە؟ سىلە مىنى تەكلىپ قىلساڭلا ئويلىشىپ چىقسام بولغۇدەك :sad: ھە،ئىشلىرىڭلىغا ئۇتۇق، ئائىلەڭلىگە ئامانلىق، خاتىرجەملىك تىلەيمەن، دوسلار دىگەندەك داڭدار بۇلۇشقا تىرىشىشىڭلىنى ئۈمىد قىلىمەن

      • 12#

        ئوبدان تۇرۇپتىمەن، سىزگىمۇ ئاللاھنىڭ سالامى بولسۇن!
        بولىدۇ، مېھمان قىلىشتا چاتاق يوق، ھەرقاچان خىزمىتىڭىزگە تەييارمەن!

    • 13#

      بلوگىڭىزغا قىسمەت دەپ نامنى بىكار قويماپتىكەنسىزدە…
      لېكىن شۇ قىسمەتلەردىن كىيىن مانا ھازىر ئادەم ھەۋەس قىلغۇدەك كۈن ئېلىۋاتىسىز(ئاللاھقا شۈكرى)، بۇنىڭدىن بىز ھەممىمىز خۇشال!…

    无觅相关文章插件,快速提升流量