ئۇيغۇرلاردا ئىستاتا ئېلىش ھۆكۈمەتنىڭ پاتېنتى بولۇشتىن تېخى قالغىنى يوق. ئەمەلىيەتتە شەخسىي ئىستاتا ئورۇنلىرى بارلىققا كېلىشى جەمئىيەت تەكشۈرۈشنىڭ ئەڭ ياخشى، ناھايىتى نورمال ئۇسۇللىرىدىن بىرسى ئىدى. ھۆكۈمەتمۇ قىزىقكەن. توختىماي «ھۆكۈمەتنى نازارەت قىلىشىڭىزلارنى قارشى ئالىمىز» دەيدۇ. نازارەت قىلىش ئۈچۈن پاكىت بولۇشى كېرەكتە. سىز شەخسىي ئىستاتا ئورۇنلىرىنى قۇرۇشقا يول قويمىسىڭىز، بىز پاكىتنى، ئەلرايىنى نەدىن تاپىمىز دەيمەن.
شۇنداق، تاغدىن-باغدىن سۆزلەپ يۈرۈپ، تۆت كوچىدىكى كونا ئالا-بالداقنىڭ ئىزىدا بىردەم پاراڭ سوقۇپ تۇرۇپ قالدۇق. تەبىئىيلا «قانچىلىك ئۇيغۇر تورغا چىقىدۇ» دېگەن گەپ چىقىپ قالدى.
مەن ئېيتتىم: «ھېچبولمىسا بىر پىرسەنت ئۇيغۇر تورغا چىقار، يەنى پۈتۈن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئون تۈمەن ئۇيغۇر تورغا چىقار» دىدىم.
ئاغىينەم: «ياق، مېنىڭچە پۈتۈن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئون پىرسەنت ئۇيغۇر تورغا چىقىشى مۇمكىن» دېدى. ھوي، ئۆزلەچە يۈز تۈمەن ئۇيغۇر تورغا چىقارمۇ؟ بۇ گەپ بىزە پو بولۇپ قالامدۇ-قانداق؟
ئاغىنەمنىڭ دېيىشىچە، بۇ پو ئاتقانلىق ئەمەسكەن. ئەمما، بۇ ئون پىرسەنت ئۇيغۇرنىڭ خېلى كۆپى پەقەت كىنو كۆرۈش ئۈچۈن ۋە باشقا تور ئويۇنلىرىنى ئويناش ئۈچۈن تورغا چىقارمىش. ئەمدى نوقۇل باغداش تورىغا كىرىپ باققان ياكى كىرىدىغان ئۇيغۇرلارنى ساناپ كەلسەك، بىر پىرسەنت ئۇيغۇر باغداش تورىغا كىرىشى مۇمكىن.
ئۆتكەندە كۆكنۇر شىركىتى ئۇيۇشتۇرغان پەخىرلىك فىزىكا ئالىمىمىز ساھىبجامال دۆلەت ئاچىمىزنىڭ ئۇتۇقلىرىنى قۇتلۇقلاش پائالىيىتىگە قاتناشقىنىمدا، ئۇيغۇر ئالىملىرى قاتارىدا كومپيۇتېر مۇتەخەسسىسلىرىمۇ ئىلمىي لېكىسىيەلەردە بولۇپ ئۆتتى. ئاشۇ چاغدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى بۇ مۇتەخەسىسلىرىمىز دەل مەخسۇس ئۇيغۇر تورلىرىنىڭ بىخەتەرلىك قۇرۇلۇشىنى ئىشلەۋېتىپتىكەن. ئەگەر شۇ چاغدا سوئال سوراش بولغان بولسا، مەن چوقۇم «ئۇيغۇرلاردا قانچىلىك ئادەم تورغا چىقىدۇ، ئۇيغۇرلاردا يەنە قانچىلىك ئادەم بىرلا ۋاقىتتا تورغا چىقىدۇ» دېگەندەك سوئاللارنى سورىۋالاركەنمەن.
مىنىڭچە تورغا چىقىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرچە كۈنلىك PV كۆرسەتكۈچى 500 مىڭ، IP كۆرسەتكۈچى 80 مىڭ ئەتراپىدا بۇلىشى مۈمكىن دەپ قارايمەن.
2013/04/23
بىر پىرسەنت چىقىشىمۇ تەس جۇمۇ
2013/04/28
1.شىنجاڭ داشۆ — شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى .
2.ئەگەر بىر پىرسەنت ئۇيغۇرلار تورغا چىقسا ئۇنىڭ توققۇز ئۈلۈشى چۇقۇم ئۇيۇن ئويناپ ، كىنو كۆرۈپ ، مۇڭداشقۇلاردا ئاخىرى چىقماس پاراڭلارنى سېلىپ ئولتۇرغان بۇلىدۇ .
2013/04/29
شىنجاڭ داشۆ — شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى .
رەھمەت، تۈزىتىپ قويدۇق.
2013/04/29
مەنچە بولسا بۇنى مەلۇم ۋاقىت بويىچە سىتاستىكىلاپ قارىسا بولىدۇ. مەسلەن بىر ھەپتە، بىر ئاي… دېگەندەك. سانىمۇ كۈنسىرى كۆپىيىۋاتىدۇ. بەزى يېزا رايۇنلاردا كومپىيۇتېر سانى ئاشسىمۇ تور سىمى يوقتەك نۇرغۇن توسالغۇلار مەۋجۇت.
2013/04/29
كىم دەيدۇ يېزىدا تور سىمى يوق دەپ؟بىز ئاللىقاچان سىمسىز توردا چىقىمىز
بۇرۇنقى سىملىق لېنىيىلىرىمىزنىڭ ھەممىسىنى نۇركابىلغا ئالماشتۇرۇپ بېرىمىز،-دەپ بۇرنىمىزغا نوختا سېلىپ،ھازىر سىملىق تور سىملىرىنىڭ ھەممىسى يىغىۋىلىنغىلى نەۋاق،بەيدۇنى ئاچساق يېرىم سائەت ساقلايمىز تور سۈرئىتىنىڭ«تىز»لىقىدا،تىلگىرافنىڭ ھارام-تاماقلىرى پۇل تېپىشنىڭ ئېپىنى بىلدى،ئېقىمنى سائەت بويىچە ھېسابلاپ ھازىر…
2013/05/05