بەگلەرنىڭ بېگى

يوللىغۇچى : yusufahmad يوللىغان ۋاقىت : 2010-02-11 20:19:26

بەگلەرنىڭ بېگى(ئەنگلىيە خەلق چۆچەكلىرى)ئابدۇكېرىم ئىبراھىم تەرجىمىسى بىر كۈنى. بىر قىز باشقىلارغا چاكار بولۇپ ئىشلەش ئۈچۈن شەھەرگە كىرىپتۇ. بىر مۆتىۋەر ئۇنى چاكارلىققا ئېلىپ، ئۆيىگە ئېلىپ كە...

    بەگلەرنىڭ بېگى
    (ئەنگلىيە خەلق چۆچەكلىرى)
    ئابدۇكېرىم ئىبراھىم تەرجىمىسى

      بىر كۈنى. بىر قىز باشقىلارغا چاكار بولۇپ ئىشلەش ئۈچۈن شەھەرگە كىرىپتۇ. بىر مۆتىۋەر ئۇنى چاكارلىققا ئېلىپ، ئۆيىگە ئېلىپ كەپتۇ. ئىشىكتىن كىرىشى بىلەنلا مۆتىۋەر ئۇنىڭغا بەزىبىر ئالاھىدە ئىشلارنى ئۆگەتمەكچى بوپتۇ. چۈنكى ئۇنىڭ ئۆيىدىكى نەرسىلەرنىڭ ئىسمى باشقىلارنىڭكى بىلەن ئوخشىمايدىكەن. ھەممە نەرسىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئالاھىدە ئاتىلىشى بار ئىكەن.
       مۆتىۋەر قىزدىن:
       ـ سەن مېنى نېمە دەپ ئاتىماقچى؟ ـ دەپ سوراپتۇ.
       ـ سىلىنى خوجايىن ياكى ئەپەندى دەپ چاقىراي، قايسىسىنى خالىسىلا شۇنى دەي بېگىم، ـ دەپتۇ قىز.
       ـ توغرا ئەمەس، مېنى «بەگلەرنىڭ بېگى» دەپ ئاتىشىڭ كېرەك، چۈنكى مەن بارلىق بەگلەرنىڭ بېگى، ـ دەپتۇ مۆتىۋەر. ئاندىن كارىۋاتنى كۆرسىتىپتۇ،
       ـ خوش، ئەمدى بۇنى نېمە دەپ ئاتىماقچى سەن؟
       ـ ئۇخلاش ئورنى ياكى كارىۋات دېسەكمۇ بولىدۇ. ئۆزلىرى نېمە دېسىلە شۇ بېگىم.
       ـ توغرا ئەمەس، بۇنى «ئاق غاز» دەپ ئاتايمىز، ھە، ئەمدى بۇنى نېمە دەيمىز؟ ـ مۆتىۋەر ئۆزىنىڭ ئىشتىنىنى كۆرسىتىپتۇ.
       ـ ئىشتان ياكى شىم دېسەكمۇ ئوخشاش، سىلىچە نېمە دېسەم بولىدىكىن؟
       ـ ئۇنى «قوش تۇرۇبا» دېگىن. يەنە سوراپ باقاي، بۇنى نېمە دەپ ئاتىماقچى سەن؟ ـ مۆتىۋەر مۈشۈكنى كۆرسىتىپتۇ.
       ـ مۈشۈك ياكى ئاسلان دېسەكمىكىن، ئۆزلىرى نېمە دېسىلە شۇ بېگىم.
       ـ بۇنىڭدىن كېيىن ئۇنى «بۇرۇت قويۇۋالغان كىچىك مايمۇن» دېيىشىڭ كېرەك. ھە بۇنىچۇ؟ ـ مۆتىۋەر ئوچاقتىكى ئوتنى كۆرسىتىپتۇ.
       ـ يالقۇن ياكى ئۇچقۇندۇ، ئۆزلىرى نېمە دەيلىكىن.
       ـ ئۇنى «قىزىل رەڭلىك كىچىك خوراز»دەپ ئاتىشىڭ كېرەك. ھە، بۇنىچۇ؟ ـ ئۇ سۇنى كۆرسىتىپ.
       ـ سۈزۈك سۇ ياكى پاكىز سۇ دېسەكمۇ بولىدۇ. ئۆزلىرى بېكىتسىلە بېگىم.
       ـ يەنە خاتا دېدىڭ. بۇنى «پاكلىقنىڭ مۇقەددەس بۇلىقى» دەيمىز. ھە مېنىڭ بۇ ئۆيۈمنى نېمە دەپ ئاتايسەن؟
       ـ ئۆي ياكى تۇرالغۇ دېسەك بولار، يەنىلا ئۆزلىرى دېگەنلىرى تۈزۈك.
       ـ ئۇنى «تاغ ئىچىدىكى تاغ» دەپ ئاتىشىڭ كېرەك.
       يېرىم كېچە بولغاندا ئالاقزادە بولغان چاكار ۋارقىراپ ـ جارقىراپ خوجايىنىنى ئويغىتىپتۇ:
       ـ ۋاي، بەگلەرنىڭ بېگى! ئۆزلىرى تېزدىن ئاق غازلىرىدىن چۈشۈپ، قوش تۇرۇبىنى كىيسىلە! قىزىل رەڭلىك كىچىك خوراز بۇرۇت قويغان كىچىك مايمۇننىڭ قۇيرۇقىغا چۈشۈپ كەتتى. تېز بېرىپ پاكلىقنىڭ مۇقەددەس بۇلىقىنى ئېلىپ كەلمىسىلە، قىزىل رەڭلىك كىچىك خوراز سىلىنىڭ تاغ ئىچىدىكى تاغلىرىنى يەۋېتىدىغان بولدى!

                (خەنزۇچە «تەرجىمىلەر»ژۇرنىلىنىڭ 1993 - يىل 1 -سانىدىن)

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر مۆتىۋەر