كومپيوتېرنى بۇزۇش ئۇسۇلى

يوللىغۇچى : Hechkim يوللىغان ۋاقىت : 2010-11-29 22:30:45

كومپيوتېرنى قۇياش نۇرى بىۋاسىتە چۈشىدىغان يەردە ئىشلىتىڭ. پار، مەش... دېگەندەك ئىسسىتىش ئۈسكۈنىلىرىگە يېقىن يەردە ئىشلەتسىڭىز تېخىمۇ ياخشى. ئەڭ ياخشىسى ئەتراپنىڭ ئازراق ھۆل، نەم بولۇشىنى قولغ...



    كومپيوتېرنى قۇياش نۇرى بىۋاسىتە چۈشىدىغان يەردە ئىشلىتىڭ. پار، مەش... دېگەندەك ئىسسىتىش ئۈسكۈنىلىرىگە يېقىن يەردە ئىشلەتسىڭىز تېخىمۇ ياخشى. ئەڭ ياخشىسى ئەتراپنىڭ ئازراق ھۆل، نەم بولۇشىنى قولغا كەلتۈرۈڭ.


    كومپيوتېرىڭىزنى ئەتكەندە، ئاۋارە بولۇپ "باشلاش" تىزىملىكىدىن "كومپيوتېرنى ئۆچۈرۈش" نى تاللاپ ئۆچۈرۈپ يۈرمەڭ، بىۋاسىتە Power كونۇپكىسىنى بېسىپلا ئۆچۈرۈڭ. ئۆچۈرۈپ بولۇپلا، دەرھال قايتا كومپيوتېرىڭىزنى قوزغىتىڭ.

     
    كومپيوتېرىڭىزنى ئىشلىتىۋاتقاندا توك كەتسە، كومپيوتېرنى ئېتىپ يۈرمەڭ، توك كەلگەندە ئېلىكتىر بېسىمىنىڭ ئۆزگىرىشلىرىدىن كېلىپ چىقىدىغان ئېكراندىكى غەلىتە رەسىملەر، ئانا تاختىدىن چىققان غەلىتە ئاۋازلار بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن، "ئەجەب قىزىقكەن" دەپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ.


    كومپيوتېرنى قويغان ئۈستىلىڭىز مۇستەھكەم بولۇپ كەتمىسۇن. بۇنداق بولغاندا ھەر قېتىم كونۇپكا باسقىنىڭىزدا لەپەڭشىپ، چىڭراق باسىسىز، نىشانغىمۇ بالدۇر يېتىسىز.


    ئانا تاختىنى تامغا يېقىن، ھاۋا ئالماشتۇرۇش تۆشۈكچىلىرىنى تام توسۇۋالغۇدەك دەرىجىدە يېقىن ئورۇنلاشتۇرۇڭ، بۇنداق بولغاندا كومپيوتېرنى ئىشلىتىش جەريانىدا ھاسىل بولغان ئىسسىقلىق، ۋە كېرەكسىز ئىسلارنىڭ ئىسراپ بولۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، كومپيوتېرىڭىزنىڭ ئىللىق ھالىتىنى ساقلىيالايسىز. 

     
    ئېكرانىڭىزدا بىر رەسىمنى چىقىرىۋېلىپ، نەچچە سائەتكىچە ئۆزگەرتمەڭ، (رەسىم قانچە رەڭلىك بولسا شۇنچە ياخشى) بۇنداق بولغاندا ئېكرانىڭىزنىڭ رەڭ كۆرسىتىش ئۈنۈمى يۇقىرىلاپ، سىز كومپيوتېرنى ئېتىۋەتكەندىمۇ شۇ رەسىمنى كۆرەلەيدىغان بولىسىز.

      
    كومپيوتېرىڭىزنىڭ توك سىملىرىنى ئۇلىغاندا يەر سىمى ئىشلەتمەڭ. باشقا ئېلىكتىر ئۈسكۈنىلىرى بىلەن بىرلىكتە يەر سىمىسىز بىر توك مەنبەسىگە چېتىپ ئىشلەتسىڭىز ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.


    كىچىك ئىنى-سىڭىللىرىڭىز، ياكى بالىلىرىڭىز بولسا، كومپيوتېرىڭىز بار ئۆينىڭ ئىشىكىنى ئادەتتە ئوچۇق قويۇڭ. كومپيوتېرىڭىزنىڭ ئەتراپىغا پارچە-پۇرات پۇل، ئويۇنچۇق بىرنەرسىلەرنى قويۇپ قويسىڭىز تېخىمۇ ياخشى.

      
    كومپيوتېرىڭىزنىڭ تور كارتىسى، ئاۋاز كارتىسى... دېگەندەك ئانا تاختىنىڭ ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان كارتىلارنى پات-پات چىقىرىپ، "ھاۋالاندۇرۇپ" تۇرۇڭ. ئەلۋەتتە، تۆت قىرلىق ئەتۋىركە تاپماق دائىم ئاسان ئەمەس، شۇڭا خالىسىڭىز ئانا تاختىڭىزنى ئوچۇق قويۇڭ. بۇنداقتا بەك قولايلىق بولىدۇ. بولسا ئانىڭىزغا تاپىلاپ قويۇڭ، شىرەلەرنى، ئوچاق بېشىلىرىنى سۈرتكەندە كومپيوتېرىڭىزدىنمۇ بىر خەۋەر ئېلىپ قويسۇن.

      
    ئەگەر بۇ ئۇسۇللارنىڭ ھەممىنى سىنىسىڭىزمۇ كومپيوتېرىڭىز يەنە جاھىللىق بىلەن ئىشلەۋەرسە، ئامال يوق، ئەڭ ئاخىرقى ۋە ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلنى قوللىنىڭ: كومپيوتېرىڭىزنى كۆتىرىپ دېرىزىدىن تاشلاپلىۋېتىڭ.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.