كىم دىدى

يوللىغۇچى : مۇسلىم يوللىغان ۋاقىت : 2009-01-01 20:43:00

«ماڭا ئەركىنلىك بەر، بولمىسا جېنىمنى ئال!»-دەپتۇ، ئايال مۇئەللىم دەرس ئۆتىۋېتىپ،-ئېيتىڭلارچۇ؟ بۇ مەشھۇر سۆز كىمنىڭ ئاغزىدىن چىققان؟ بىلىدىغانلار قول كۆتۈرۈڭلار! ئارىدىن خېلى ئۆتكەندىن كىيىن...

    «ماڭا ئەركىنلىك بەر، بولمىسا جېنىمنى ئال!»-دەپتۇ، ئايال مۇئەللىم دەرس ئۆتىۋېتىپ،-ئېيتىڭلارچۇ؟ بۇ مەشھۇر سۆز كىمنىڭ ئاغزىدىن چىققان؟ بىلىدىغانلار قول كۆتۈرۈڭلار!
      ئارىدىن خېلى ئۆتكەندىن كىيىن ،ياپۇنىيەلىك ئوقۇغۇچى ياماتو قول كۆتىرىپ ئورنىدىن تۇرۇپتۇ، ئاندىن راۋان ئېنگىلىز تىلىدا جاۋاپ بېرىپتۇ:
      _ پاترىك ھىنرى بۇ سۆزنى 1775-يىلى قىلغان.
      _ ناھايىتى توغرا. ئۇنداقتا «خەلق ئېگىدارچىلىق قىلىشى،خەلق باشقۇرىشى،خەلق بەھىرلىنىشى كېرەك» دىگەن بۇ سۆزنى كىم قىلغان؟
      _ 1863-يىلى ئابراھام لىنكولىن شۇنداق دىگەن.
      _ تامامەن توغرا !دەپتۇ-مۇئەللىم،- بۇ سۇئاللارنىڭ جاۋابىنى ياپۇنىيەلىك ئوقۇغۇچى بەردى، ئامېرىكىدا توغۇلۇپ،ئامرىكىدا چوڭ بولغان ئوقۇغۇچىلاردىن جاۋاپ بېرىدىغانلار چىقمىدى، بۇ تولىمۇ ئەپسۇسلىنىدىغان ئىشتە!
      بۇ ياپۇنىيەلىكنى كۆزدىن يوقىتايلى!-دەپتۇ،كىمدۇر بىرى.
      _ كىم،بۇ گەپنى قىلغان زادى كىم؟-دەپ سوراپتۇ مۇئەللىم.
      _ 1945-يىلى زوڭتۇڭ ترومېن شۇنداق بىر سۆزنى قىلغان،-دەپتۇ ياماتو.
      _ بۇ ئادەمنى غەزەپلەندۈردىغان ئىش بولدىدە،-دەپتۇ يەنە بىرى.
      _بولىدۇ،ئەمدى بۇ گەپنى كىم قىلدى؟-دەپ سوراپتۇ مۇئەللىم ئاچچىقلاپ.
      _1991-يىلى جورجى بوش ياپۇنىيەنىڭ باش ۋەزىرى بىلەن كۆرۈشكەندە ،شۇنداق بىر ئېغىز گەپ  قىلغاندەك قىلغان،-دىدى ياماتۇ جاۋاپ بېرىپ.
      پاھ، تازا بولىدىكەنسەن جومۇ!- دىدى يەنە بىر ئوقۇغۇچى ئۈستەلنى شاپىلاقلاپ.
      1997 -يىلى بىل كىلىنتون لىۋىنىسكىغا شۇنداق دىگەن،-دىدى ياماتو.
      بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغان ئايال ئوقۇتقۇچى غەزەپتىن ھوشىدىن كېتىپتۇ، ساۋاغداشلار ئۇنىڭ ئەتىراپىغا ئولىشىپتۇ.
      _ئۆلگۈر بىز تۈگەشتۇق!-دەپتۇ يەنە بىر ئوقۇغۇچى.
      _ بۇ سۆزنى گىتلىر قىلغان،- دىدى ياماتو جاۋاپ بېرىپ ...

     

    [admin تەستىقلىدى . 2010-2-12 15:13:32]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق