ھەبىبۇللا ئابلىمىت يازغان يۇمۇرلار(140-130)

يوللىغۇچى : Hisam يوللىغان ۋاقىت : 2007-09-06 18:09:00

131. بىرسى بىر بىنادىكى ئىشخانىغا ئۇدۇل كىرىپلا : دوختۇر، مېنىڭ ئاشقازىنىم بەك ئاغرىپ كېتىۋاتىدۇ--دەپتۇ. ئىشخانىدىكى كىشى: يەڭگىل تاماق يەڭ، كۆپ خىيال قىلماڭ، ھاراق ئىچمەڭ، ئەڭ مۇھىمى كۆزىڭىزگە...

    131. بىرسى بىر بىنادىكى ئىشخانىغا ئۇدۇل كىرىپلا : دوختۇر، مېنىڭ ئاشقازىنىم بەك ئاغرىپ كېتىۋاتىدۇ--دەپتۇ.
    ئىشخانىدىكى كىشى: يەڭگىل تاماق يەڭ، كۆپ خىيال قىلماڭ، ھاراق ئىچمەڭ، ئەڭ مۇھىمى كۆزىڭىزگە بىر كۆزەينەك تاقىۋېلىڭ--دەپتۇ.
    كېسەل كىشى: مېنىڭ بۇ كېسىلىم بىلەن كۆزەينەكنىڭ نېمە مۇناسىۋىتى بار؟
    ئىشخانىدىكى كىشى: بۇ دوختۇرخانا ئەمەس، مەن ئادۋوكات-دېگۈدەك.

    132. پاتىمە قاتتىق تولغاق يەپتۇ، بۇنى كۆرگەن ئابدۇل دەرھال يېزىدىكى تۇغۇت دوختۇرىنى چاقىرىپ كەپتۇ، دوختۇر پاتىمەنىڭ يېنىغا كىرىپ كېتىپ يېرىم سائەت ئۆتكەندە چىقىپ: ئامبۇر بارمۇ -- دەپ سوراپتۇ.
    ئابدۇل دەرھال ئامبۇرنى تېپىپ ئەكېلىپ بېرىپتۇ.
    ئارىدىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە دوختۇر چىقىپ: ئەتتۋىركە بارمۇ؟-- دەپتۇ.
    ئابدۇل دەرھال ئۇنىمۇ ئەكېلىپ بېرىپتۇ.
    ئابدۇل تاشقىرىقى ئۆيدە ئولتۇرۇپ ئايالىم ساق-سالامەت يەڭگىسە بولاتتى دەپ، تىت-تىت بولۇپ تۇرسا دوختۇر چىقىپتىكەن، دەرھال: دوختۇر ، ئايالىم قانداقراق ،ئايالىم يەڭگىدىمۇ؟-- دېسە.
    دوختۇر: تېخى تەكشۈرگىدەك بولمىدىم، دوختۇرلۇق سومكىنىڭ ئاغزىنى تېخىچە ئاچالمايۋاتىمەن دېگۈدەك.

    133. بىر ئوغرى، سائەت ئوغرىغانلىقى ئۈچۈن بىر يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنىپتۇ، لېكىن ئوغرى ھېچقانداق نارازىلىق بىلدۈرمەپتىكەن، سوتچى: سەن نېمانداق خاتىرجەم تۇرىسەن؟
    ئوغرى: زادى مۇشۇنداق بولىدىغانلىقىنى بىلەتتىم
    سوتچى: بۇ نېمە دېگىنىڭ؟
    ئوغرى: زادى، سائەتنىڭ چۈشەندۈرۈشىدە "بىر يىل گەرەنتى "دەپ يېزىپ قويۇپتىكەن-دەپتۇ.

    134. ۋەتەندە بىرسى گېرمانىيەدە پۇل تېپىش ئۇنداق ئاسانكەن، پۇلنى كوچىدىنلا تېرىۋالىسەنكەن - دەپ ئاڭلاپ مىڭ جاپادا گېرمانىيەگە كەپتۇ. كېلىپ ئايرودرۇمدىن سىرتقا چىقىپلا 50 € نى يولدىن تېپىۋاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن 50 € ئاستا يولغا يەنە قويۇپ-قويۇپ، بولدىلا بۈگۈن كېلىپلا ئىشقا چۈشۈپ كەتمەي-دېگۈدەك.

    135. بىرسى ئادەم ئۆلتۈرۈپتىكەن ئۇنىڭغا ئۆلۈم جازاسى بىرىلىپتۇ. قىشنىڭ قاتتىق سوغۇق كۈنلىرىنىڭ بىرىدە بۇنى دارغا ئېسىش ئۈچۈن 3 گۇندىداي ئەپكېتىپ بارسا جىنايەتچى كۈلۈپ تۇرۇپ: سىلەرگە ئىچىم ئاغرىيدۇ دەپتۇ.
    گۇندىپايلاردىن بىرى: نېمىگە ئىچىڭ ئاغرىيتتى بىزگە، ئۆزۈڭنى بىل -- دەپتۇ.
    جىنايەتچى: مەنغۇ ئەشەدىلا قالىمەن لېكىن سىلەر مۇشۇ سوغاقتا يەنە قايتىپ كېلىسىلەر ئەمەسمۇ --دېگۈدەك.

    136. جىنايەتچىنى دارغا ئېسىش ئالدىدا نېمە تەلىپىڭ بار؟-- دېسە
    جىنايەتچى: چاي ئىچىمەن - دەپتۇ
    گۇندىپاي: چاينى ئەپكېلىپ، قانچىلىك شېكەر سالاي؟
    جىنايەتچى: شېكەر كېسىلىم بار تۇرسا، چايغا شېكەر سېلىپ مېنى ئۆلتۈرەي دەمسەن -- دېگۈدەك.

    137. جىنايەتچىنى دارغا ئاساي دەپ تۇرسا، جىنايەتچى: بوينۇمدا غىدىغىم بار، بېلىمدىن ئېسىڭلار -- دېگۈدەك.
    جىنايەتچىنى ئاسماي ياندۇرۇپ كېلىپ، توك ئورۇندۇققا ئولتۇرغۇزۇپ، توك بىلەن ئۆلتۈرەيلى تۇرسا،
    جىنايەتچى: توك بىلەن ئۆلتۈرسەڭلار بەك قورقۇدىكەنمەن، بولسا بىرىڭلار قولۇمدىن تۇتۇپ تۇرساڭلار -- دېگۈدەك.

    138. بىر پوتبول ھەۋەسكارى ئاپتوبۇسدا ئولتۇرسا بىر بوۋاي چىقىپتۇ، بۇ ھەۋەسكار دەرھال ئورنىنى بوۋايغا ئۆتۈنۈپ بېرىپتىكەن، بوۋاي: ساڭا رەھمەت، سېنى بېقىپ چوڭ قىلغان ئاتا-ئاناڭغا ئاپىرىن--
    توپ ھەۋەسكارى: ياق، ئۇنداق دېمەڭ بوۋا، سىز مەن تۇتقان پوتبول كوماندىسىنى ئەسلەتكەنتىڭىز.
    بوۋاي: بالام بۇ نېمە دېگىنىڭ؟
    توپ ھەۋەسكارى: سىزنىڭ ساقىلىڭىزدىكى ئاق-قارىلار مەن تۇتقان كوماندىنىڭ بايرىقىغا ئوخشايدىكەن- دېگۈدەك.

    139. ئابدۇل بازاردىن بىر شاتۇتىنى سېتىۋېلىپ ئايالىغا بېرىپلا سىرتقا چىقىپ كېتىپتۇ، كەچتە ئۆيگە كەلسە، ئايالى شاتۇتىنى پىشۇرۇپ ئۈستەلگە قويۇپتۇ، بۇنىڭدىن جان-پېنى چىققان ئابدۇل: خوتۇن، بۇ پىشۇرۇپ يەيدىغان توخۇ ئەمەس، گەپ قىلىدىغان ئەتىۋارلىق قۇش ئىدى ...
    پاتىمە: ئەگەر گەپ قىلىدىغان قۇش بولسا مەن بوغۇزلۇغىچە نېمىشقا دەپ گەپ قىلمىدى؟-دېگۈدەك.

    140. ساراڭلار دوختۇرخانىسىنىڭ بىر دوختۇرى ساراڭلارنى تەكشۈرۈپ ساقايغانلىرىنى چىقىرىۋېتەي دەپ ئويلاپ، بىر ساراڭغا: سەن بازارغا بېرىپ بىر مېتىر " ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم" ئەپكېلەمسەن- دەپتۇ
    ساراڭ: ساراڭمۇ سىز دوختۇر، بۇنداق بولۇشى مۇمكىن ئەمەس.
    دوختۇر: تەكشۈرۈش دوكلاتىغا "ساقايدى" دەپ يېزىپ، «ئەمدى دوختۇرخانىدىن چىقساڭ» بولىدۇ دەپتۇ.
    ساراڭ: دوختۇرخانىدىن ئايرىلىش ئالدىدا، دوختۇرنىڭ قۇلىقىغا شىۋىرلاپ، "ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم"نى مېتىرلاپ ساتمايدۇ دوختۇر، بەلكى كىلولاپ ساتىدۇ- دېگۈدەك 

    [qarluq تەستىقلىدى . 2010-2-28 18:33:51]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.