ھەبىبۇللا ئابلىمىت يازغان يۇمۇرلار (100-110)

يوللىغۇچى : Hisam يوللىغان ۋاقىت : 2007-09-06 18:07:00

ئالدىنقى يۈز يۇمۇر «بىلىۋال بېتىدىكى يۇمۇرلار» دىگەن تېمىدا 101. فىزىكا مۇئەللىمى سوراپتۇ: نۇرنىڭ تېزلىكى يۇقىرىمۇ ياكى ئاۋازنىڭمۇ؟ ئوقۇغۇچى: ئاۋازنىڭ. مۇئالىم: سەۋەبىنى دەپ بەر. ئوقۇغۇچى:مەن تې...

    ئالدىنقى يۈز يۇمۇر «بىلىۋال بېتىدىكى يۇمۇرلار» دىگەن تېمىدا

    101. فىزىكا مۇئەللىمى سوراپتۇ: نۇرنىڭ تېزلىكى يۇقىرىمۇ ياكى ئاۋازنىڭمۇ؟
    ئوقۇغۇچى: ئاۋازنىڭ.
    مۇئالىم: سەۋەبىنى دەپ بەر.
    ئوقۇغۇچى:مەن تېلېۋىزورنى ئاچسام داۋاملىق باشتا ئاۋازى ئاڭلىنىدۇ، ئاندىن كۆرۈنىدۇ-دەپتۇ.

    102. مۇئەللىم قاتتىق ئاچچىقلىنىپ يەنە بىرسىدىن سەن دەپ باقە.
    ئوقۇغۇچى: ئەلۋەتتە، مېنىڭچە نۇرنىڭ تېزلىكى يۇقىرى.
    مۇئەللىم: نېمە ئۈچۈن؟
    ئوقۇغۇچى:مەن داۋاملىق رادىئونى ئاچسام، باشتا چىرىقى يورۇيدۇ، ئاندىن ئاۋازى چىقىدۇ-دېگۈدەك.

    103. چاشقانلارنىڭ ئۇۋىسىنىڭ ئالدىدا بىر مۈشۈك يېتىۋاپتۇ. بۇنىڭدىن قورقۇپ چاشقانلارنىڭ باللىرى تالاغا چىقالماپتۇ. بۇنى كۆرگەن چاشقانلارنىڭ دادىسى تۆشۈكنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئىتنى دوراپ: ۋائۇ ۋائۇ..-دەپ ۋارقىراپتىكەن، مۈشۈك تىكىۋېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن چاشقانلارنىڭ دادىسى باللىرىغا مۇنداق دەپتۇ: كۆردۈڭلارمۇ، باشقا مىللەتنىڭ تىلىنى بىلگەننىڭ پايدىسىنى.

    104. غۇلجىغا پويىز يولى سالىدىغان بوپتىكەن، بۇ پويىز يولى بىر ئۇيغۇر بوۋاينىڭ قوراسىدىن ئۆتىدىغان بوپتۇ، يەرلىك ھۆكۈمەت كادىرلىرى، تۆمۈريول ئىدارىسىنىڭ ئەمەلدارلىرى كېلىپ، ئۇ بوۋايغا قوراسىنى سېتىپ بېرىشنى، ئەگەر بۇ تۆمۈريول كەلسە غۇلجىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا يېتىشەلمەۋاتقان ئەمگەك كۈچى بىلەن تەمىنلىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. لېكىن بوۋاي بۇ تاتلىق گەپلەرنى ئاڭلاپ قەتئىي ھالدا رەت قىلىپ، ئەلمىساقتىن ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئولتۇرۇپ كەلگەن بۇ گۈل-باراقسان قورۇسىدىن ئايرىلمايدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇلار بوۋايغا تۆمۈريولنىڭ خەرىتىسىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، بۇ تۆمۇريولنىڭ قورۇسىدىن ئۆتىدىغان قىسمىنىلا سېتىپ بېرىشنى تەلەپ قىپتىكەن.
    بوۋاي ئاچچىقلاپ مۇنداق دەپتۇ: كۈندە گۈرۈلدەپ ئىچكىرىدىن پويىز كەلسە، دەرۋازامنى ئېچىپ، ئاۋارە بولدىغان ساراڭمۇ مەن -- دېگۈدەك.

    105.بىر ئۇيغۇر چەت ئەلدىن غۇلجىغا كېلىپ بىر باغۋەنىڭ بېغىغا كىرىپ، باغۋەن بوۋايغا ئەقىل ئۆگىتىشكە باشلاپتۇ:
    ئۇيغۇر : ئاكا، سىز بۇ ئالما كۆچەتلىرىڭىزنى ۋاقتىدا سۇغىرىپ، ياخشى چاتاپ، تۈۋىنى ئوبدان ئاغدۇرۇپ، ياخشى ئوغۇتلىسىڭىز، بىر تۈپ ئالما دەرىخىدىن ئاز بولغاندا 20 كگ ئالما ئالالايسىز.--دەپتۇ.
    باغۋەن بوۋاي : بالام! بۇ ئالما كۆچىتى ئەمەس ، شاپتۇل كۆچىتى. --دېگۈدەك.

    106. كىچىك ئابدۇل سىنىپىدىكى ساۋاقداشلىرى بىلەن كىم ئەقىللىق دەپ تالىشىپ قاپتۇ.
    بۇ چاغدا يەنە بىر بالا:"مەن ئەڭ ئەقىللىق، مەن ئاپام تۇغۇپ 3 ئايدىن كېيىن ئۆزۈم قوپۇپلا مېڭىپ كېتىپتىمەن" دەپتۇ.
    ئابدۇل بوش كەلمەي:"سەن ئۆزۈڭنى ئەڭ ئەقىللىق دەپ يۈرەمسەن، مەن ئەڭ ئەقىللىق. چۈنكى مەن 3 ياشقىچە ماڭماي ، ئاپامغا ئۆزۈمنى كۆتۈرگۈزەتتىم" دەپتۇ.

    107.109. ئابدۇلنى دادىسى قۇرئان ئوقۇشنى بولسىمۇ ئۆگەنسۇن دەپ، مەھەللىسىدىكى قارىيغا ئوقۇشقا بېرىپتۇ. كۈندە كەچتە ئابدۇل زورمۇ-زو بۇ قارىنىڭ قىشىغا مەلىدىكى پايلاقچىلار كۆرۇپ قالمىسۇن دەپ يۇشۇرۇن كىرىپ دەرس ئالىدىكەن .
    بىر كۈنى قارىي دەرستە مۇنداق دەپتۇ: ئاللاھ بىزنى تۇپراقتىن ياراتتى، ئاخىرىدا يەنە تۇپراققا ئايلىنىمىز.
    ئابدۇل بۇ سۆزنى ئاڭلاپ ، قارىم ئۇنداقتا بىز كۆپ زىيان تارتمايدىكەنمىز، ئەگەر بىزنى ئالتۇندىن يارىتىپ، تۇپراققا ئايلاندۇرغان بولسا يۈزدە-يۈز زىيان تارتاتتۇقكەن دېگۈدەك.

    110. بىئولوگىيە دەرسىنىڭ ئاناتومىيە قىسمىدا مۇئەلىم ئادەملەرنىڭ چىشى توغرىسىدا دەرس ئۆتۈپ، چىشنىڭ 3 بۆلۈنىدىغانلىقىنى: كەسكۈر چىش، ئۇچلۇق چىش، ئېزىق چىش. بىراق، ئابدۇل بىلەن سەيدۇل ئىككىسى دەرس ئاڭلىماي، گەپ قىلىشىپ ئولتۇرۇپتۇ. بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن مۇئەلىم، سەيدۇلدىن ئورنىدىن تۇرغۇزۇپ "قېنى ئېيتە، ئىنسانلارنىڭ چىشى قانچىگە بۆلۈنىدۇ ؟
    سەيدۇل: 3 كە.
    مۇئەللىم: قايسىلار؟
    سەيدۇل:ساغلام چىش ، قۇرۇت يېگەن چىش، يالغان چىش.
    مۇئەللىم: ھۇي كالۋا ، ئېيتقانلىرىڭنىڭ ھەممىسى خاتا؟ قېنى ئابدۇل سەن دەپ باقە؟
    ئابدۇل: سۆڭەك چىش، سەدەپ چىش ، ئالتۇن چىش.

    [qarluq تەستىقلىدى . 2010-2-28 11:59:19][qarluq تەستىقلىدى . 2010-2-28 18:32:55]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.