يەنە بىر بەش يۇمۇر

يوللىغۇچى : Hisam يوللىغان ۋاقىت : 2007-06-24 23:52:00

ئېغىر كۈنلەرنىڭ بىرىدە ھىسامكام مەسچىتنىڭ ۋەخپە ئۆيلىرىدىن بىرىدە ۋاقىتلىق ئولتۇرۇپتۇ ۋە نەچچە كۈن ئۆتمەيلا ۋەخپە باشقۇرىدىغان مۆتىۋەللىنىڭ يېنىغا بېرىپ‏: -تەقسىر ، بىز تۇرغان ئۆي چاتاق ئ...

     

        ئېغىر كۈنلەرنىڭ بىرىدە ھىسامكام مەسچىتنىڭ ۋەخپە ئۆيلىرىدىن بىرىدە ۋاقىتلىق ئولتۇرۇپتۇ ۋە نەچچە كۈن ئۆتمەيلا ۋەخپە باشقۇرىدىغان مۆتىۋەللىنىڭ يېنىغا بېرىپ‏:
    -تەقسىر ، بىز تۇرغان ئۆي چاتاق ئىكەن، تۇرۇسىغا ياپقان قومۇشلار ئېچىلىپ كېتىپتىكەن، شامالدا شىلدىرلاپ كېچىچە ئۇخلاتمايدۇ، يامغۇر ياغسا تېخى يامان...دەپ بولغۇچە ھىسامنىڭ گەپدانلىقىنى بىلىدىغان مۆتىۋەللى چاقچاق قىلىپ -:
    قورقما ھىسامكا، شىلدىرلىغىنى تەسبىھ ئېيتقىنى، يامغۇر ئۆتكىنى ئېرىپ ياش تۆككىنى، مەسچىتنىڭ ئۆيى دىگەن شۇ:ـ دەپتۇ.
    ـ ئۆينىڭ دەرۋىش سۈپەتلىكىدىن گۇمانىم يوق :ـ دەپتۇ ھىسامكاممۇ:ـ بىراق زىكرىگە چۈشكەندە بېشى قېيىپ بىھۇش بولۇپ يىقىلىپ چۈشسە، ئۇششاق بالىلار بىلەن مېنىڭ ھالىم خاراپتە!
    ----------------------------------------------
        ھىسامكامنىڭ ئۈرۈمچىدىن غۇلجىغا قايتماقچى بولغانلىقىنى ئاڭلىغان، ئۈرۈمچىدە ئىشى ئاقماي غۇلجىدىن ئۇنى-بۇنى ماڭدۇرۇپ بېرىڭلار دەپ ئۆگىنىپ قالغان بىرسى ھىسامكامنى ئىزدەپ كەپتۇ ۋە:
    ـ ھىسامكا، ئۆيۈمدىكىلەرگە ئېيتقىن، مېنى بېشى چىڭقىلىپ ئاغرىيدۇ،  نەپىسى سىقىلىدۇ، قوللىرى قاتقان، پۇتلىرى دەرمانسىز، كۆزلىرى چەكچەيگەن، پېيى تارتىشقان، بېلى ئاغرىيدۇ، مەيدىسى تاشتەك قاتقان، يۈرىكى سوقمايدۇ...
    دەپ بولغۇچە ھىسامكام گەپنى ئۈزۈپتۇ:
    ـ ئۇكا، مەن قېرىپ قالدىم، بۇنداق جىق گەپنى يادىمدا تۇتۇپ بولالمايمەنكە...ئەڭ ياخشىسى سېنى ئۆلۈپتۇ دەپلا قويايچۇ...
    ----------------------------------------------
        بىر كۈنى ھىسامكام تاشلەپكىدە قاتتىق ئىچىۋېلىپ بازارنى بېشىغا كىيىپ ئالا-تاغىل توۋلاپتۇ:
    ـ ھىچقايسىڭدىن قورقمايمەن، نوچى بولساڭ كەل، قاندىقىڭ كەلسەڭ مىجىقىڭنى چىقىرىمەن بۈگۈن... قاراقچى بولساڭما كەل، لۈكچەك بولساڭما كەل، ساقچى بولساڭما كەل ھەممەڭنى قوشۇپ دەسسەيمەن...
    دەل شۇ چاغدا بىرى ھىسامكامنىڭ مۈرىسىگە قولىنى قويۇپتۇ:
    ـ ھە نىمىش قىلىۋاتىسىلە بۇ يەردە!
    ھىسامكام بۇرۇلۇپ قارىسا بازارلىق ساقچىخانىدىكى ئۇيغۇرچە بىلىدىغان جاۋ جىڭسا دىگەن بىرى ئىكەن.
    چۆچۈپ كەتكەن ھىسامكامنىڭ ئاغزىغا دەرھال شۇ گەپ كەپتۇ:
    ـ ئا دۈيبۇچى، دۈيبۇچى، خوتۇن بازارغا قاراچايغا ئەۋەتكەنتى...
    -------------------------------------------------
        ھىسامكام ساتراچخانىغا كىرىپ چاچ ئالدۇرۇپتۇ، ئەمما ساتىراچنىڭ ئۇستىرىسى بەك گال بولغاچقا بېشى ئاغرىپ كېتىپتۇ دە لېكىن چىداپ چىشلىرىنى مەھكەم چىشلەپ كۆزىنى يۇمۇپ ئولتۇرۇپتۇ.
    ساتراش چاچنى ئېلىپ بولۇپ پەخىرلىنىپتۇ:
    ـ يا ئاللا ھىسامكا، خوشيېقىپ ئۇخلاپلا كەتتىڭغۇ، زادى بۇ ئۇستىرا بەك ئىتتىكچۇ...
    ـ بۇنى بىر دىمە ئۇكاـ: دەپتۇ ھىسامكام:ـ ئۇخلاپ چۈش كۆرۈپتىمەن، چۈشۈمدە بېشىم بىر توڭ كاۋىغا ئايلىنىپتۇدەك، بىر ئېشەك كېلىپ بۇ توڭ كاۋىنى غاجىلاۋاتقۇدەك، ئېشەكنى مىنىپ سەن كېلىۋاتقۇدەكسەن، ئەمدى قارىسام شۇ ئېشەك دەل مۇشۇ ئىتتىك ئۇستراڭ ئىكەن ئەمەسمۇ....
    ------------------------------------------------
        ھىسامكام قاسساپتىن ئۇستىخان ئېلىۋاتسا بىر دوستى كېلىپ چاقچاق قىلىپتۇ:
    ـ ھە ھىسامكا، قېرىپ ئاغزىڭدا چىش قالمىغاندا ئۇستىخان ئېلىۋاپسە، قانداق غاجايسەن؟
    - ھەي ئۇكا، دەپتۇ ھىسامكام:ـ بۈگۈنكى زاماننىڭ قاسساپلىرى غاجىغۇدەك گۆش قويامدۇ دەيسەن، ھەممىنى قىرىۋالىدۇ، بۇنىڭغا چىشنىڭ ھاجىتى يوق، قاينىتىپ، يالاپ تاشلىۋېتىمىز....غاجاش سەندەكلەرگە قالىدۇ...
     
    -----------------------------------
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ھىسام