يەتتە يۇمۇر

يوللىغۇچى : aixa يوللىغان ۋاقىت : 2009-04-04 17:54:00

ئۇ يول بەك زېرىكىشلىك ئىكەنقىز دادىسىغا دەپتۇ:_ مەن ئىشقا بارغان - يانغىنىمدا بۇ يولدىكى بىزەڭ ئەرلەرنىڭ ئادەمگە مىقتەك تىكىلىپ قاراشلىرىدىن جاق تويدۇم. دادىسى: ئۇنداق بولسا ماۋۇ ياندىكى يول ...

    ئۇ يول بەك زېرىكىشلىك ئىكەن
     
    قىز دادىسىغا دەپتۇ:
    _ مەن ئىشقا بارغان - يانغىنىمدا بۇ يولدىكى بىزەڭ ئەرلەرنىڭ ئادەمگە مىقتەك تىكىلىپ قاراشلىرىدىن جاق تويدۇم.
    دادىسى: ئۇنداق بولسا ماۋۇ ياندىكى يول بىلەن ماڭساڭ بولمامدۇ؟
    قىزى: ئۇ يولدا ئادەم يوق، بەك زېرىكىشلىك ئىكەن.

    ئەر بولۇپ قالغان بولسام

    ئايال: ئەر بولۇپ قالغان بولسام بەك ياخشى بولاتتى.
    ئېرى: نېمە دەپ ئۇنداق ئويلاپ قالدىڭ؟ ئەر بولغاننىڭ نېمىسى ياخشى؟
    ئايالى: مەن ئەر بولغان بولسام ئايالىم نېمە دېسە شۇنى قىلاتتىم، ئۇ قانداق كىيىم ئېلىپ بەر دېسە شۇنداق كىيىمنى ئېلىپ بېرىپ ئۇنى خۇش قىلاتتىم. ئاسماندىكى ئاينى ئەپ بەر دېسىمۇ ئېلىپ بېرەتتىم، شۇنداق قىلسام ئايالىم بەك خۇش بولغان بولاتتى.
    ئېرى:؟!

    دىئاگنوز

    A:  ھۈسەنجان بۇ يېقىندا دوختۇرخانىدىن چىقالمايدىغان ئوخشايدۇ.
    B: نېمىگە ئاساسەن شۇنداق دەيسەن؟
    A: مەن ئۇنىڭ سەتەڭ بىر سېسترا بىلەن ئىش - پەش تارتىشىپ تۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ قالدىم.
     
    گالستۇك تاقاش

    ئادىل ئايالى گۈلشەنگە خاپا بولۇپ قايناپ كېتىپتۇ:
    _ مۇشۇ كۈندە سەن مېنى كۈندىن - كۈنگە ياخشى كۆرمەيدىغان بولۇپ قېلىۋاتسەن.
    گۈلشەن: نېمە دەيدىغانسىز، ياخشى كۆرگەچكە ھەممە ئىشىڭىزنى قىلىۋاتقاندىمەن، ئۆزىڭىز بىلىسىزغۇ، گالستۇكىڭىزنىمۇ كۈندە مەن تاقاپ قويىۋاتىمەنغۇ.
    ئادىل: بىراق، گالىستۇكنى تاقىشىڭ كۈندىن - كۈنگە چىڭىپ كېتىۋاتىدۇ.

    مىجەزدىكى ئوخشاشلىق
     
    ئايالى: مۇشۇ كۈندە سىزنىڭ مىجەزىڭىز مېنىڭ كىچىك ۋاقتىمدىكىگە ئوخشاپ قېلىۋاتىدۇ.
    ئېرى: مىجەزىمىز ئوخشىسا بەك ياخشى گەپقۇ.
    ئايالى: بىراق، مەن كىچىكىمدە كالۋا - ساراڭ ئىدىم.

    بەلگە

    تونۇشتۇرغۇچى: بىز سىزگە ھەر قېتىم لايىق تونۇشتۇرساق نېمىشقا ئاۋۇ ئاق تېرەكنىڭ تۈۋىگە ئاپىرىپ پاراڭلىشىسىز؟
    قىز: دەرەخنىڭ بىر مېتىر 08سانتىمېتىر كېلىدىغان يېرىدە بىر بەلگە بار، ئەگەر يىگىتىنىڭ  بويى ئۇ يارگە يەتمىسە مەن ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشمايمەن.

    قىزىڭىزمۇ دەۋاتىدۇ

    ئايالى: سۆيۈملۈكۈم، مەن بۇ كىيىمنى كىيسەم، ياشىرىپ قالامدىكەنمەن؟
    ئېرى: بەشمىڭ سوملۇق بۇ كىيىم ھەقىقەتەن سېنى ياشارتىپ مېنى قېرىتىۋەتتى. تۈنۈگۈن سەن  بىلەن كېتىۋاتسام بىر دوستۇم سېنى قىزىڭىزمۇ دەۋاتىدۇ.

    تەڭرىتاغ ژورنىلىدىكى تەرجىمە يۇمۇرلاردىن ئېلىندى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق