ھەبىبۇللا ئابلىمىت يازغان يۇمۇرلار (122-130)

يوللىغۇچى : Hisam يوللىغان ۋاقىت : 2007-09-06 18:08:00

122. ئابدۇلدىن فىزىكا مۇئەلىمى: ئېلېكتېر كۈچى بىلەن مېخانىك كۈچنىڭ قانداق پەرقى بار؟-- دەپ سورىسا ئابدۇل: توكنىڭ(ئېلېكتىرنىڭ) داۋاملىق باھاسىنىڭ ئۆرلىگىنىگە قارىغاندا مېخانىك كۈچى بىكارنىڭ ئور...

      122. ئابدۇلدىن فىزىكا مۇئەلىمى: ئېلېكتېر كۈچى بىلەن مېخانىك كۈچنىڭ قانداق پەرقى بار؟-- دەپ سورىسا
    ئابدۇل: توكنىڭ(ئېلېكتىرنىڭ) داۋاملىق باھاسىنىڭ ئۆرلىگىنىگە قارىغاندا مېخانىك كۈچى بىكارنىڭ ئورنىدا -دەپ جاۋاب بەرگۈدەك.

    123. تىل-ئەدەبىيات مۇئەللىمى: ئابدۇل سېنىڭ خېتىڭ بەك سەت، سەن بۇ شېئىرنى چىرايلىق قىلىپ 10 قېتىم ياز-دەپتۇ.
    ئابدۇل ئاران 3 قېتىم يېزىپتىكەن، مۇئەللىمى تېرىكىپ: نېمە ئۈچۈن مەن 10 قېتىم ياز دېسەم سەن ئاران 3 قېتىم يازدىڭ؟
    ئابدۇل: مۇئەللىم، مەن ھېسابتىمۇ بەك ناچار-- دېگۈدەك.

    124. بىر كۈنى مۇئەللىم ئابدۇلنىڭ زېھنىنى سىناپ باقماقچى بولۇپ: نېمە ئۈچۈن دوختۇرلار ئوپېراسىيەنى پەلەي كىيىپ قىلىدۇ؟
    ئابدۇل: ئەگەر بىمار ئۆلۈپ كېتىپ قالسا بارماق ئىزىم قالمىسۇن دەپ-دېگۈدەك.

    125. تىل مۇئەللىم ئابدۇلدىن: „ئەركىن، دوستى سوۋغات قىلغان سائەتنى ئالمىدى" دېگەن جۈملىدىكى „ئەركىن" جۈملىنىڭ نېمىسى بولىدۇ؟
    ئابدۇل: „ئەركىن" بولسا ئۆتۈپ كەتكەن ساراڭ بولىدۇ -دېگۈدەك.

    126. ئابدۇل مانا مۇشۇنداق قىلىپ يۈرۈپ چوڭ بولۇپ، ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھانغا كىرىپتۇ. ئىمتىھاندا توغرا-خاتالىقىنى ئايرىيدىغان سوئاللارغا ،
    يانچۇقىدىن بىر تۆمۈر تەڭگىنى چىقىرىپ ، ئۇنى ئاستا ئېتىپ بېيجىڭ تەرەپ چۈشسە توغرا، تەتۈرىسى چۈشسە خاتا دەپ جاۋاب بېرىشكە باشلاپتۇ. بۇنى كۆرگەن
    مۇئەللىم سەن ھەممىسىگە بۇ تەڭگىنى ئېتىپ جاۋاب بېرىۋاتقىلى خېلى بولدى، تېخىچە تۈگمىدىمۇ دەپتىكەن
    ئابدۇل: يېرىم سائەت بۇرۇن جاۋاب بېرىپ بولغان، ھازىر جاۋابلارنى قايتىدىن يەنە بىر قېتىم تەشۈرۈۋاتىمەن-- دېگۈدەك.

    127. ساراڭلار دوختۇرخانىسىدا بىر ساراڭ ئۆزىنى ئۆينىڭ تورۇسىدىكى لىمغا باغلىۋاپتۇ، دوختۇر بۇنى كۆرۇپ، ئۆيدىكى باسگقا
    ساراڭلاردىن نېمە بولغانلىقىنى سورىسا
    ساراڭ ب: ئۇ ئۆزىنى مەن "چىراغ" دەپ باغلىۋالدى دەپتۇ.
    دوختۇر بۇ ئەھۋالنى ئىنكاس قىلغان ساراڭ ب نى خېلى ساق ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ، ئۇنىڭغا: "ئۇنداق بولسا دەرھال ئۇنى تورۇستىن
    چۈشۈرۈۋېلىڭلار، بولمىسا چۈشۈپ كېتىپ بىر يېرىنى سۇندۇرۋالمىسۇن" دەپتۇ.
    ساراڭ ب: توغرا دەيسىز دوختۇر، سۇنۇپ كەتسە بىزمۇ قاراڭغۇلۇقتا قالىمىز-دېگۈدەك

    128. ئابدۇل ئاغىنىسىگە: ئاداش ئۆتكەندە بىر قىز بىلەن يۈرۈپ، كېيىن ئاپامغا كۆرسەتسەم يارىمىدى، شۇنىڭ بىلەن توي قىلىشىم
    يەنە كېچىكتى.
    ئاغىنىسى: بۇ قېتىمچۇ ئەمدى؟
    ئابدۇل: بۇ قېتىم ئاپامغا ئوخشايدىغان بىر قىز بىلەن يۈرگەنتىم، بىراق دادام ئۇنىمىدى--دېگۈدەك.

    129. ئەنۋەركامنىڭ بىر تۈرك ئاغىنىسى: نېمە ئۈچۈن بۇ ئۇيغۇرلار ساپلا، ئالما-پالما، نان-پان، خوتۇن-پوتۇن.-دەپ گەپ
    قىلىدۇ دەپ سورىسا،
    ئەنۋەركام: ئۇنداق دەيدىغانلارنىڭ ھەممىسى بالا-چاقىلار - دېگۈدەك.

    126. ئابدۇلنىڭ ئاشقازىنى ئاغرىپ دوختۇرغا بېرىپتۇ.
    دوختۇر: ئۇنداقتا ئاشقازاننى ئومۇميۈزلۈك بىر تەكشۈرەيلى دېسە،
    ئابدۇل: سىز ماڭىمۇ ئىشەنمەمسىز؟-- دېگۈدەك.

    130. بىر تۈرك يولدىن بىر يارىغا سۈركەيدىغان ناھايىتى ئاز قالغان بىر سىقما دورىنى تېپىۋېلىپ، ئۇياققا ئۆرۈپ قاراپ،
    بۇياققا ئۆرۈپ قاراپ، تاشلىۋېتىشكە كۆزى قىيماي، ئاخىرى يانچۇقىدىن بىر كىچىك بەكىنى چىقىرىپ قولىنى شارت قىلىپ كېسىپ،
    دورىنى كەسكەن يەرگە سۈركەپ قويۇپ: "يازىق گۇناھ" يەنى-- ئىسراپ بولمىسۇن-دېگۈدەك.

    [qarluq تەستىقلىدى . 2010-2-28 11:58:05][qarluq تەستىقلىدى . 2010-2-28 18:33:21]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.