ئۈچ يۇمۇر

يوللىغۇچى : asman يوللىغان ۋاقىت : 2009-05-26 23:06:00

1. كېيىنكى پىلان بىر پىخسىق يىگىت تۇنجى قېتىم قىز دوستىنىڭ ئۆيىگە بېرىپتۇ ۋە ئىشىكتىن كىرىپلا شۇنداق دەپتۇ؛ --بۈگۈن مېنى نەس باستى،سىزگە سوۋغا قىلاي دەپ يېڭى بىر سائەت سېتىۋالغانىدىم،ئويلىمى...

    1. كېيىنكى پىلان

           بىر پىخسىق يىگىت تۇنجى قېتىم قىز دوستىنىڭ ئۆيىگە بېرىپتۇ ۋە ئىشىكتىن كىرىپلا شۇنداق دەپتۇ؛ --بۈگۈن مېنى نەس باستى،سىزگە سوۋغا قىلاي دەپ يېڭى بىر سائەت سېتىۋالغانىدىم،ئويلىمىغان يەردىن ئۇنى ئاپتۇبۇستا ئوغرى ئېلىۋالدى!

     --بۇنىڭدىن كېيىن ئېھتىيات قىلىڭ،--دەپتۇ قىز ئىنتايىن ھاياجانلانغان ھالدا.

     --كېلەر قېتېم كەلسەم ،

    --دەپتۇ يىگىت دەرھاللا،--ھېچ نەرسە ئالماي كېلىمەن، ئوغرى نېمېنى ئوغرىلايدىكىن قېنى؟!

     

     2. تۇققاندارچىلىق

     --ھېلىقى ئادەمنى تونۇمسىز؟

    --ئەلۋەتتە تونۇيمەن،ئۇنى تۇققىنىم دېسەممۇ بولىدۇ.

     --سىلەر قانداق تۇغقان؟

    --ناھايىتى غەلىتە تۇققانلاردىن دەڭا، ئۇ مېنىڭ بولغۇسى ئايالىم بىلەن توي قىلغان.

     

     3. مەسئۇلىيەتچان ئايال

     كەسىپتە ئۇتۇق قازىنىپ بېيىغان بىر جۈپ ئەر -ئايال كارۋاتتا ئارام ئېلىۋاتقانىكەن.

     --ھازىر ئۈيىمىزدە ھەممە نەرسە تەل،نېمە دىسەك شۇ بار،

     --دەپتۇ ئېرى،

    --30 يىل ئىلگىرى ھېچ نەرسىمىز يوق ئىدى، بىراق ئۇ چاغدا يېنىمدا ياتقىنى ھەم چىرايلىق ھەم ياش قىز ئىدى...

    --بۇ مەسلىنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسى ئاسان، قەدىرلىكىم،

    --دەپتۇ ئايالى،

    --مەن سىزنى يالاڭتۆشكە ئايلاندۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلاي، سىز يەنە ياش ھەم چىرايلىقنى ئىزدەپ بېقىڭ!...

    تەييارلىغ ۇچى:نامانجان ياسىن ئۆزھال

     مەنبە :  ‹جۇڭگو مىللەتلىرى › ژۇرنىلى 2009-يىل 1-سان.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق