تۇڭگۇز بازىرىدىكى لەتىپە-1 -2

يوللىغۇچى : parwin يوللىغان ۋاقىت : 2008-06-13 12:55:00

تۇڭگۇز بازىرىدىكى لەتىپە-1 خوتۇن باشقۇرۇش سەنئىتى <پەرۋىن> -يەنە شۇ خوتۇن توغرىسىدا پاراڭدە،مەن سىنى مېھمان قىلسام يەنە مىنى خوتۇنىدىن قورقىدۇ دەۋاتامسەن؟خوتۇندىن قورقمىساڭ ئۆيۈڭگە بىرەر قېت...

         تۇڭگۇز بازىرىدىكى لەتىپە-1 خوتۇن باشقۇرۇش سەنئىتى <پەرۋىن> -يەنە شۇ خوتۇن توغرىسىدا پاراڭدە،مەن سىنى مېھمان قىلسام يەنە مىنى خوتۇنىدىن قورقىدۇ دەۋاتامسەن؟خوتۇندىن قورقمىساڭ ئۆيۈڭگە بىرەر قېتىم چاقىرىپ سوغۇق سۇ چاغلىق نەرسەڭ بىلەن مىھمان قىلالىدىڭمۇ؟ -ما گەپنى سەن دىدىڭ ھە!، -ئوسمان توڭ شۇ گەپنى كۈتكەندەك ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى ھەم پاكار، ۋىجىك بارات تايلاڭغا قاراپ سوزىنى داۋام قىلدى، -بىلەمسەن ؟ مەن دىگەن خوتۇننى «ھىم » بىلەن باشقۇرىمەن،ساراڭ دىدىڭما ؟ ھە ، مەن ساراڭ.نوچى بولساڭ ئالدى بىلەن بىزنىڭ ئۆيگە بارىمىز،ئاندىن سىنىڭ ئۆيىڭگە.كىم نوچى ، كىم سايىم ، شۇ چاغدا بىلىمىز.يەنە بىر گەپ،«ھىم »بىلەن جۇما،«ھىم »دىسەم تاماق كېلىدۇ،«ھىم» دىسەم قورىما ،«ھىم »دىسەم مەي . يەنە بەش يۈز يۇەنلىك مىھماندارچىلىق بار كىم ئۇتتۇرۋەتسە. -ئەكىلە قولۇڭنى . بارات تايلاڭمۇ ئورنىدىن تۇرۇپ قولىنى ئوسمان توڭغا ئۇزاتتى. -ئاداش ما چاقچاق ئېشىپ كەتتى-،دىدىم مەن سۆز قىستۇرۈپ. -ئېشىپ كەتمىدى گاڭلەش .مەن بارغۇ خوتۇننى «ھىم» بىلەن باشقۇرىمەن ،تايلاڭدەك سايىمجان ئەمەس. -ھىلى كۆرىمىز. تۇڭگۇز بازىرىدىكى تۇڭگۇز قوتىنىدەك كىچىك قاۋاقتا يۈز سوم پۇلنىڭ يۈزىگە توپا چېچىپ ئىككى شىشە مەينى قۇرۇقداپ ئۈچىنچى پوتۇلكىسىغا كەلگەندە ،ئاغزىدا شەھەر ئالىدىغان بۇ ئىككى ئاغىنەمنىڭ نوچىلىغىنى كۆرۈڭ.تايلاڭ بىلەن توڭ بىر-بىرىگە گەپ بېرىدىغاندەك ئەمەس.مەستچىلىك قانداق بولاتتى؟ قاۋاقتىن چاچراپ چىقىپ ،بىر تاكسى توسۇپ ئوسمان توڭنىڭ ئۆيىگە يۈرۈپ كەتتۇق.قىزىق ئىش،ئوسمان توڭنىڭ ئۆيىگە باشلىغىنى تېخى بىرىنچى قېتىمغۇ،مەست بولۇپ قالدىمۇ بۇ توڭ. ئوسمان توڭنىڭ ئۆيىگىمۇ كەلدۇق.كىرىسلودىمۇ ئولتۇردۇق،ئەمدى گەپ توڭدا قالغان ئىدى. -ھىم، بىز كۆزىمىزگە ئىشەنمەي قالدۇق.توڭنىڭ ئايالى پەتنۇستا ئىسسىق چۆچۈرىنى بىزنىڭ ئالدىمىزغا ھەش-پەش دىگۈچە ھازىرلىدى. -ھىم، توڭنىڭ ئايالى چىرايىدا كۈلكە تەبەسسۇم بىلەن ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ كەتتى. -چۆمۈچ يەيدىغان بولدۇڭ توڭ-دىدىم چاقچاق قىلىپ. -چۆمۈچنى تايلاڭ يەپ قالمىسىلا بولاتتىغۇ؟ توڭ تايلاڭغا قاراپ مەسخىرىلىك كۈلدى. غەلىتە ئىش،توڭنىڭ <ھىم >پەرمانى بىلەن قورىما ،ھاراقمۇ تەييار بولدى.بىر جىڭ مەينى تۈگۈتۈپ ئىككىنچى كۆرۈنۈش ئۇيۇننى كۆرۈش ئۈچۈن تايلاڭنىڭ ئۆيىگە مەس-ئەلەس يۈرۈپ كەتتۇق. باراتنىڭ كەسپى ئۆزگىچە. بىر ئىتنى 10 مىڭ يۈەنگە بەرمەيدۇ،ئاتىسىغا بەرمىگەن گۆش بىلەن ئىت باقىدۇ.ئېشەكتەك-ئېشەكتەك ئىت باراتنىڭ قولىدىن چىقىدۇ،قىش كەلدىمۇ،ئىت بۇغۇشتۇرمەن دەپ يۇرتنى تاشلاپ چىقىپ كېتىدۇ.گاھىدا ئاڭلاپ قالىمىز : «تايلاڭ قارا ئىتىنى 20 مىڭ يۇەنگە بەرمەپتۇ،خوتەنلىكنىڭ ئەڭ يامان ئىتىنى يېڭىپ ، جىق-جىق پۇل ئۇتۇۋېپتۇ . ......» - سايىمجان،- توڭنىڭ چاقچىغى يەنە باشلاندى،-مىنى كورگەنسەن.ئۆيىڭگىمۇ كېلىپ قالدۇق،يۈزىمىزنى چۈشۈرمە -ھە. تايلاڭ توڭنىڭ چاقچىغىغا پەرۋامۇ قىلماستىن بىزنى مىھمانخانىسىغا باشلىدى ھەم خوتۇنىغا قاراپ سۆز باشلىدى. -خوتۇن، ھىم. -نىمە؟ -ھىم دىۋاتىمەن خوتۇن،ھىم. بىز بىر-بىرىمىزگە قارىشىپ قالدۇق،تايلاڭنىڭ ئايالى ئېرىگە قاراپ ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قالغان ئىدى. تايلاڭ ئۈچۈنچى قېتىم خوتۇنىغا ئاۋازىنى ئۈنلۈك چىقىرىپ ۋارقىردى. -ھىم دىۋاتىمەن،ساراڭ خوتۇن! ھىم، -نىمە بولدى باراتقا ئەيسا؟ ھىم دەيدۇ، ھىم دىگىنى نىمە ئۇ ؟ سىلەر گەپ قىلمامسىلەر؟ باراتنىڭ ئايالى نىمە قىلىشنى بىلىپ بولغۇچە بارات تايلاڭنىڭ شاپىلىقى ئايالىنىڭ يۈزىگە تۇيۇقسىز تەگدى. ئىككى كۈندىن كىيىن بىلدۇقكى- ئوسمان توڭ بارات تايلاڭنىڭ سېسىق گىپىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئايالىغا بىلەيزۈك ئېلىپ بېرىش بەدىلىگە بۇ ئويۇننى قۇراشتۇرۇپ چىققان ئىكەن. بىچارە تايلاڭ ئىككى شاپىلاق بەدىلىگە خوتۇندىن ئايرىلىپ بويتاق قالدى. تۇڭگۇز بازىرىدىكى لەتىپە-2 تۆت پۇت چوققا بېشىغا بىردىن ئىچمىسە ھاڭگىرمايدىغان بۇ قاۋانلار ،ئۆزىنى،يەنە تۇڭگۇز بازىرىدىكى مارى مەرگەننىڭ تۇڭگۇز قوتىنىدەك ئايرىمخانىسى بار قىزىل مىلەڭزىلىك<مەرتلەر ئارامگاھىدا >كۈرۈشتى. <مەرتلەر ئارامگاھىنىڭ>خوجايىنى مارى مەرگەن،بىر كۆزى سەل كىچىك ،بويى شۇنداق ئىگىز،بەستى شۇنداق سىمىز چوكانكى،مەنە مەن دەيدىغان ئەرنى بېسىۋالسا قوپالمايتى.ئىگىزلىگى،سىمىزلىگى،قىسماقلىغىغا نىمىمۇ دەي،قايسى زابوي قويدى مەرگەن دىگەن لەقەمنى،گاھىدا لەقىمى ئالمىشىپ مارى<رامبو>بوپ قالىدۇ تېغى.دۇتتارغا شۇنداق ئۇستا بۇ كاساپەت،دۇتتارنى سايراتسا ئىڭەك تۇتۇپ ئولتۇرۇپ قالىسەن.ئالتە سورۇننىڭ ھارىغىنى ئىچىپ،سەككىز مەستنى پالازنى چۆرۈگەندەك سىرتقا چۆرۈپ تاشلاپ كۆك چاي ئىچكەندەك بويىغا ياراشمىغان يالغان كۈلكىسى بىلەن دۇتتارنىڭ قۇلۇغىنى بۇراپ ناخشىسىنى باشلايدۇ.قىرقىپ قويغاندەك كىچىك-كىچىل قىزلار،ئۇ ئايرىمخانىدىن ،بۇ ئايرىمخانىغا قوغۇنلۇقنىڭ يولىدا ماڭغاندەك كاسسىسىنى تولغاپ قاتراپلا يۈرۈيدۇ.پۇلۇڭ بولسا يېنىڭدا،بولمىسا،ھۆشۈيۈپ ئاچچىق ھاراقتا ئۆزەڭنى بەزلەيدىغان گەپ. _ماڭا ھاراق ئېپ بەرمەمسەن ئوسمانجان. تال چىۋىقتەك بۇ تومۇچۇق ئۈسۈپ كىرىپ،ئۇرۇندۇقتا ئولتۇرغاندەك ئوسمان توڭنىڭ يوتىسىغا ئۆزىنى تاشلىدى. _ھەي،ھەي... _ئوسمان توڭ دوستلىرىدىن خىجىل بولدىمۇ قانداق،بۇ تۇمۇچۇق قىزنى چوجىنى قاماللىغان بۈركۈتتەك،ئىككى قولى بىلەن بىلىگىدىن قامانلاپ كوتۈرۈپ يانغا ئالدى،ھەم ساغرىسىغا ئۇرۇپ تۇرۇپ_قارا بىزگە،ئۆزەڭگە،ھاڭگا قانچە،چىشىچۇ،تۆتىمىزگە تېتىيمەن دەمسىيا،ئۇبۇل تەلەپ مۇئاش ئالدى،سەندەك چىرايلىق دوستلىرىڭ بارغۇ ،ھىلىقى كۈنى ئولتۇرغان،كىمتى...ھە،ئاسىي دەمسەن،دىلبەر دەمسەن،ھېبىش دەمسەن،پاتە دەمسەن،ھەممىسىنى چاقىر،بۈگۈن تۈزۈكلا سۇرۇن تۈزەيمىز.دىدى. كۈندە ئاز دىگەندە ئۈچ قىزغا تەلەپ قويىدىغان،ئۇبۇل تەلەپمۇ ئوسمان توڭنىڭ دېپىنى چالدى. _تۆتىمىز ساڭا قاراپ ئولتۇرسۇن دەمسەن. چاقىرە پۇل مەندىن. _تۆت بوپ كىرسەك ئەدەپ دەپلا قاچالا _قېچىپ كەتسەم ئۆزەمنى تاشلاپ قۇيۇپ قاچىمەن-دە،ھا...ھا... ئايرىمخانىدا بۇ تۆت قاۋان بىلەن ئاسماندىن چۈشكەندەك پەيدا بولغان تۆت تۇمۇچۇق قىز ،ئاچ قالغان چۆجىدەك چوقۇرشۇپ قاۋاقنى بېشىغا كەيدى. يېقىملىق يانفۇن مۇزىكىسىنىڭ سايرىشى سۇرۇننىڭ قىيا-چىياسىغا سوغاق سۇ سەپتى ئوسمان توڭ يانفۇنىغا قاراپ گۈل قەقەلىرى ئېچىلىپ كەتتى ھەم كۆزىنى مايمۇندەك ئۆينۇتۇپ ،كوپچىلىككە مۇراجەت قىلدى. _خوپشۈك... خەپشۈك،بارات تايلاڭدىن كېپتۇ،ئالدىم-ھە_ ئوسمان توڭ ئۆزىنى توختۇتۇپ يانفۇننى ئالدى._باراتما؟ نەدە، مىنى دەمسەن،تۆت پەرى بىلەن سىنىڭ ئۆيىڭگە بارىلى دەپ تۇرغان،ئۇبۇل تەلەپ،موسا داڭگالمۇ بار،ھىلىقى بەش يۈز يۇئەن يادىڭدىن چىقىپ كەتمىگەندۇر-ھە،ئاشكارلاپ قويايمۇ -يا،ھا،ھا...،بىز ھازىر سەككىز،تۆتى ھاڭگا،تۆتى چىشى،ساڭا بىرنى تېپىپ-ھە،ھە،...چاتاق يوق،چاندۇرۇپ يۈرمە-ھە بىزنى،بولمىسا ئاشكارلاپ تشلايمەن جۇمۇ. بارات تايلاڭنىڭ تېلىفۇنى بۇ نوچىلارنىڭ ئۆزىدىن بەكلە كىچىك قىزلارغا يالۋۇرۇشقا سەۋەپ بولدى.ئۇنى دەپ،بۇنى دەپ،ھەر بىرسىگە 50 كوي پۇل بېرىدىغان بۇلۇشۇپ،مىڭ تەستە قىزلارنى بارات تايلاڭنىڭ ئۆيىگە بېرىشقا ماقۇل قىلدى.گەپ ئەمدى مارى مارگەندە قالغان ئىدى.ئۇنىڭ ماقۇللىغى بولمىسا بۇ قىزلار بۇ قاۋاقتىن بىر قەدەم نېرىغا چىقالمايتى.مارى مەرگەنمۇ 50 كوي پۇل لىپتىگىگە تىقىلغاندا،ئىككى سائەت ئىچىدە قىزلارنى ئەكىلىپ قويدىغان بۇلۇشۇپ كېلىشتى. ئافرىل ئېيى.ئاچچىق-ئاچچىق تىترىتىدىغان كۈنلەر كەتسىمۇ ،ھاۋا خېلىلا سوغاق ئىدى. <ھىم>بىلەن خوتۇنىدىن ئايرىلىپ قالغان بارات تايلاڭ،گىرادۇسى خېلىلا تەڭشەلگەن بۇ ئاغىنىلىرىنى ھەم قىزلارنى ئۆيىگە باشلىدى.سىر ئاشكارلىنىپ قېلىشتىن قورقتىمۇ،سۇرۇننى خېلىلا ھاشامەتلىك تەييارلىغان ئىدى.ئوسمان توڭ بېلىق كۆزى قۇيۇلغان قەدەھنى قولىغا ئېلىپ ،بارات تايلاڭنى قىزلارغا تونۇشتۇردى: _ھە،خان قىزلار . بۇياق باراتجان بولىدۇ.سىلىدەك بويتاق،ئۈچ كغن ئاۋال 20 مىڭ كويغا بىر ئىت ساتقان نوچى.كۈلمەڭلەر،بۇ راست گەپ.تېغى يىگىرمە كۈن بولغان كۇچۇكنىمۇ 2000كويغا بەرمىدى.ئۆزى سەت بولسىمۇ پۇلدار گاڭلەش بۇ.-ئوسمان توڭ قاقاقلاپ بىر كۈلۈۋېتىپ سوزىنى يەنە داۋام قىلدى._بۇياققا قارا،بۇ دىلبەر،بۇ ھېبىبە،بۇ ،بۇ پاتىمە،بۇ ئاسىگۈل، بۇ زوھرا جانىم سەن ئۈچۈن زاكاس قىلغان-ھە. سورۇن داۋام قىلماقتا ئىدى.كەچلىك تاماقنى يىمەي كەلگەن بۇ ئاچ قوساق مىھمانلار ،بىرە سائەت ئوتمەي شىرەگە تىزىلغان تەخسىلەرنى قۇپ-قۇرۇق قىلىپ تاشلىدى.ھاراق ئەمدى قىز-يىگىت دىمەي نوۋىتى بويىچە ئايلانماقتا ئىدى.سەزگۈر تايلاڭ بىر ئىشارىت بىلەن توڭنى سىرتقا چاقىردى. _ئاداش ،مەن بېرىپلا زاكوشكا ئەكىرەي،سەن قىزلارنى تۇتۇپ تۇر.قىزلار قانچە جىق ئىچسە شۇنچە ياخشى،قىزلارنى قاچۇرۇپ قويساڭ سەندىن ھىساپ ئالىمەن جۇمۇ. بارات كۆزىنى ئۆينۇتۇپ توڭغا بىر ھازا كاپشىپ دەلدەڭشىگەن پېتى موتوسىكىلىتنى ئوت ئالدۇرۇپ تۈن قوينىغا غايىپ بولدى. سورۇن قىيا-چىيا بىلەن داۋام قىلماقتا ئىدى.بىر چاغدا ئەدەپ دەپ چىقىپ كەتكەن ئۇبۇل تەلەپ،بىر سېۋەت گوشنى كوتۇرۈپ،ھىجايخان پېتى پەيدا بولدى. _كۆردۈڭمۇ توڭ،ما گوشنى،ھا...ھە...، ئۇبۇل تەلەپ بىر تەرەپتىن كۈلۈپ بىر تەرەپتىن سېۋەتتىكى گوشنى كوپچىلىككە كورسەتتى ھەم سوزلەپلا كەتتى: _يامان تايلاڭ جۇمۇ ئۇ،زاكوشكا ئەكىرەي دەپ يۇقاپ كەتكىنىگە بىر سائەتتىن ئاشتى.بىر سېۋەت گوشنى بىزدىن يۇشۇرۇپ،ھەي،تايلاڭ،ھەي تايلاڭ. ئىككى ياشلىق بالىنىڭ شاپىلىغىدەك كىچىك-كىچىك توغرالغان گوش سېۋەتتە بېزىرىپ تۇراتتى. سورۇندىكىلەر گوشنى كۈرۈپ،قېنىغا-قان،جېنىغا -جان قۇشۇلدى.خام يېۋەتەي دىسە ئەسلى.ھەش-پەش دىگۈچە گوش قازانغىمۇ كىرىپ يېرىم-ياتا پىشىپ ،ئاچ پاقىدەك بۇلۇشۇپ كەتكەن سورۇن ئەھلىنىڭ ئاشقازىنىغىمۇ كىرىپ بولدى. بارات تايلاڭ يەردىن ئۈنگەندەك تۇيۇقسىز پەيدا بولدى.ئۇ دىر-دىر تىترەپ تۇراتتى. _يولدا بۇ جىن ئالغۇر بۇزۇلۇپ قېلىپ..-باراتنىڭ ئاغزى گەپكىمۇ كەلمەيتى._مىڭ تەستە ئوت ئالدۇرۇپ كەلدىم. باراتنىڭ بۇ تۇرقىقا سورۇن ئەھلى قاقاقلاپ كۈلۈشۈپ كەتتى. _مۇنداق دە، _دىدى ئوسمان تاماكىسىنى قاتتىق بىر شۆراپ ،_سەن بولمىساڭمۇ ئۆزىمىزنىڭ ئۆيىدە ئولتۇرغاندەك،گوش-پۆش يەپ... _نىمە گوش؟. بارات ئوسماننىڭ سوزىنى بۈلۈۋەتتى. _نىمە گوش بولاتتى،سەن تىقىپ قويغان گوش بولمامدۇ؟ مەن نەدە گوش تىقىپ قويغان؟ _چاقچاق دىگەنگە بەك ئۇستا جۇمۇ سەن تايلاڭ. سورۇندىكىلەر تايلاڭنى مەسغىرە قىلىپ كۈلۈشۈپ كەتتى. سېۋەتتىكى گوش بولمامدۇ،تايلاڭ قارى،_دىدى ئۇبۇلمۇ سوز قىستۇرۇپ بۇ...بۇ...،نىمە ئىش بوپ كەتتى ئەمدى. بارات تايلاڭ نىمە قىلىشنى بىلەلمەي ئۆز -ئۆزىگە پىچىرلىدى. _نىمە ؟،نىمە؟، باراتجان. _تۇققانلىرىم ،بۇ گوشنى يىگۈلى بولمايتى ،نىمە ئىش بۇ ھە،ئاپلا ،قانداق قىلغۇلۇق ئەمدى. سورۇندا باراتتىن باشقىلار ئاساسەن دىگۈدەك مەست بوپ كەتكەن ئىدى.باراتنىڭ ئاغزىدىن مۇنۇ سوزنىڭ چىقىپ كەتكىنىنى ئۇبۇلدىن باشقىلار سېزەلمىدى. _نىمە بولاتتى،ئۇ دىگەن ئىشەك گوشى.كۇچۇك يەيدىغان. ... ... كىم دىدى،نەدىن تارقىدى،ئەتىسىلا ئوسمان توڭنىڭ< توڭ >لەقىمى،ئۇبۇل تەلەپنىڭ< تەلەپ >لەقىمى،موسا داڭگالنىڭ <داڭگال>لەقىمى،كېرەم سېتەڭنىڭ <سېتەڭ> لەقىمى تۆت پۇتقا ئۆزگۈرۈپ قالدى.ئوسمان تۆت پۇتنىڭ ئايالىمۇ بۇ ئاھانەتكە چىدىماي<ئېشەك گوشى يىگەن ئادەم بىلەن بىر ئۆيدە تۇرمايمەن>دەپ ئانىسىنىڭ ئۆيىگە يامانلىققا كەتكەن پېتى كەلمىدى .
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق