توخسۇن ھەققىدە يۇمۇر

يوللىغۇچى : Hisam يوللىغان ۋاقىت : 2009-01-23 11:21:00

قەيەردىن چىققانتىڭىز؟ توخسۇنلۇقلارنىڭ جۇغراپىيىلىك تۇيغۇسى بەك يۇقىرى بولسا كېرەك --- ئۇلاردا كۈنچىقىش (شەرق)، كۈنئولتۇرۇش (غەرپ)، يۇقاينى (شىمال)، تۆۋەينى (جەنۇپ) ئۇقۇملىرى ناھايىتى كۆپ ئىشلىت...

    قەيەردىن چىققانتىڭىز؟
       توخسۇنلۇقلارنىڭ جۇغراپىيىلىك تۇيغۇسى بەك يۇقىرى بولسا كېرەك --- ئۇلاردا كۈنچىقىش (شەرق)، كۈنئولتۇرۇش (غەرپ)، يۇقاينى (شىمال)، تۆۋەينى (جەنۇپ) ئۇقۇملىرى ناھايىتى كۆپ ئىشلىتىلىدۇ. مەن ھەيرانلىق ئىچىدە ئۈرۈمچىلىكلەرنىڭ بۇ خىل يۈنۈلۈشلەرنى پەقەتلا پەرق ئەتمەي ئۆتىدىغانلىقىنى سەزدىم.
        پالانى بىنانىڭ ئوڭ تەرىپى، پۇستانى كوچىنىڭ سول تەرىپى دىگەنگە ئوخشاش ئېنىق مەنىگە ئىگە بولمىغان سۆزلەر بولسا ئۈرۈمچىدە دائىم ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ. "يۇقاينى"، "تۆۋەينى" دىگەن تەرەپ ئاتالغۇلىرى ئەسلىدە "يۇقىرى"، "تۆۋەن" دىگەن سۆزلەردىن كەلگەن بولۇپ، بۇلارغا توخسۇننىڭ جۇغراپىيىلىك ئالاھىدىلىكى سىڭدۈرۈلگەن: توخسۇن خۇددى قازانغا ئوخشاش يەر تۈزۈلۈشىگە ئىگە بولغان تۇرپان ئويمانلىقىنىڭ غەربىي شىمال تەرىپىگە جايلاشقان بولۇپ، ئۈرۈمچى بولسا ئەشۇ قازاننىڭ گىرۋىكىگە تۇرىدۇ. 20- ئەسر 90- يىللاردا ئۈرۈمچىدە ئوقۇۋاتقان ئىنىمنىڭ بىر ساۋاقدىشى ئۈرۈمچىگە ئوينىغىلى چىقىپتۇ. ئۇ ئۈچتاشتىن ئاپتوبۇسقا چىقىپ تاكى چۈشىدىغان بېكىتى نەنمىنغا كەلگەندە ئاندىن بېلەت ئېلىش يادىغا كېلىپ، بېلەت ساتقۇچى قىزغا پۇل سۇنۇپتۇ. بېلەتچى قىزنىڭ سەل خاپىلىق ئىچىدە سورىغان "نەدىن چىققانتىڭىز؟" دىگەن سۇئالىغا ئالاقزادە بولغان يىگىتتىن جاۋاپ قايتىپتۇ: "توخسۇندىن چىققان!" توخسۇنلۇقلار "ئۈرۈمچىگە باردىم" دىگەننى "ئۈرۈمچىگە چىقتىم" دەيدۇ. چۈنكى ئۈرۈمچىنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى توخسۇندىن جىق ئىگىز. ئەلۋەتتە، قايتىپ كېتىشنى بولسا "توخسۇنغا چۈشتۈم" دەيدۇ.

     ------------------------------------------------------------------------------

       توخسۇن خەلقى گەرچە "يول ئۈستى"دە ياشاۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن كۈچلۈك ئاپتاپ بىر تەرەپتىن دىخانچىلىققا مولھوسۇل ئاتا قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن توخسۇن خەلقىدە ئاسانلىقچە "ھەرىكەت" قىلمايدىغان بىر خىل پسىخىكىنى شەكىللەندۈرگەچكە، توخسۇن خەلقى ئاساسەن يۇرتتىن ئايرىلماي، كىچىك دائىرە ئىچىدە ساددا ماھىيەت بىلەن ياشاپ كەلگەن. ئەشۇنداق بىر زامانلاردا بىر چوڭئاتام ئۈرۈمچىگە چىقىپ، ئۆزى ئاڭلىۋالغىنى بويىچە ئىنىسىنىڭ ئۆيىنى ئىزدەپ تاپماقچى بوپتۇ. ئۇ مېڭىپ مەيدانغا كەلگەندە كېيىنكى قەدەمنى قايسى يۈنۈلۈشكە قاراپ تاشلاشنى بىلەلمەي، ئۇچرىغان بىر يىگىتتىن سوراپتۇ: "ئابدۇرۇپنىڭ ئۆيىگە قانداق بارغىلى بولىدۇ؟" كۈلۈشكە ئالدىراپ كەتمەڭ! ئۈرۈمچىمۇ ھەقىقەتەن كىچىك شەھەر ئىكەن.
     سورالغان يىگىت دەل مېنىڭ بىر نەۋرە ئاكام بولۇپ چىقىپ، ئۇنى مەنزىلگە يېتىلەپ ئاپىرىپ قويۇپتۇ.

    ---------------------------------------------------------

    ئابدۇرۇپنىڭ ئۆيىنى ئىزدەيدىغانلار تېخى تۈگىمىدى. يەنە بىر كىشى بەلكىم يولدىلا قىزىقچىلىق ئىزدەپ ماڭغان بولسا كېرەك، ئۇ ئاپتوبۇستا بېلەتچىنىڭ "نەگە بارىسىز؟" دىگەن سۇئالىغا "ئابدۇرۇپنىڭ ئۆيىگە!" دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ بۇ كىشى ئابدۇرۇپ چوڭئاتامنىڭ ئۆيىگە كىرگەندىن كېيىن يولدىكى ھىكايىسىنى سۆزلەپتۇ: "ئابدۇرۇپ سەن ئاپتوبۇستىكى بېلەت ساتقۇچى بىلەن سوقۇشۇپ قالغانمىدىڭ؟!" "نىمىشقا ئۇنداق دەيسەن؟" "بايا ئۇنىڭغا سېنىڭ ئۆيىڭگە كېلىدىغىنىمنى دىسەم مېنى بىرنەرسىلەر دەپ تىللاپلا كەتتىغۇ؟!"

     ----------------------------------------------------------

    ئابدۇرۇپ چوڭئاتامنىڭ ئۆيى ئاپتونوم رايونلۇق ھاۋارايى ئىدارىسى ئىچىدە ئىدى. بىر تۇغقىنىمىز ھاۋارايى ئىدارىسى بار مەھەللىگە كەلگەندىن كېيىن، ئاپتوبۇستىن چۈشۈپلا بىر خەنزۇدىن يول سورىماقچى بوپتۇ. بىراق ئۇ "ھاۋارايى ئىدارىسى" دىگەننى خەنزۇچە نىمە دىيىشنى بىلمەيدىكەن:
    "那个说一会儿下雨,一会儿不下雨,然后嗡嗡刮风的单位在哪儿?"
    (ھېلىقى بىردەم يامغۇر ياغىدىغان، بىردەم ياغمايدىغان، ئاندىن غۇڭۇلداپ بوران چىقىدۇ دەيدىغان ئىدارە قەيەردە؟)

    ----------------------------------------------------------

     يەنە بىر يىگىت ئۈرۈمچىگە يېتىپ كېلىپ، كوچا ئاپتوبۇسى بىلەن ئىنىسى مەمەتجاننىڭ ئۆيى تامان يۈرۈپتۇ، ھەمدە يول بويى جاكارلىنىپ تۇرغان "پالانى يەرگە كەلدۇق " دىگەنلەرنى ئاڭلاپ، كۆڭلىدە "ئىنىمنىڭ ئۆيىگىمۇ ئاز قالدۇق، مېنىمۇ توۋلايدۇ" دەپ ھىساپلاپ ئولتۇرۇپتۇ. بىر ۋاقىتتا ئاپتوبۇس مەمەتخان دەپ بەرگەن بەلگىلەرنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقۇدەك "哎,同志,为什么不停车,买买提江到了!" (ھەي يولداش، نىمىشقا توختىمايسەن، مەمەتجانغا كەلدۇق!).

    ----- ئاپتاپ بىلوگىدىن ئېلىندى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق