ھەبىبۇللا ئابلىمىت يازغان يۇمۇرلار (80-70)

يوللىغۇچى : Hisam يوللىغان ۋاقىت : 2007-07-25 19:59:00

71. بىر تازنىڭ بېشىدا ئاران ئۈچ تاللا چېچى بار ئىكەن، بۇ چېچىنى تارغاق بىلەن ئاستا تاراپتىكەن بىرتېلى چۈشۈپ كېتىپتۇ، يەنە ئاستا تارىسا يەنە بىر تال چۈشۈپ كېتىپ بىر تاللا قاپتۇ، تاز بۇ ئەھۋال...

    71. بىر تازنىڭ بېشىدا ئاران ئۈچ تاللا چېچى بار ئىكەن، بۇ چېچىنى تارغاق بىلەن ئاستا تاراپتىكەن بىرتېلى چۈشۈپ كېتىپتۇ، يەنە ئاستا تارىسا يەنە بىر تال چۈشۈپ كېتىپ بىر تاللا قاپتۇ، تاز بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ: «بۇ چاچنى تاراپ يۈرگىچە، ساتىراشقا بېرىپ چۈشۈرۈپلاۋېتەي» دېگۈدەك.

    72.پاتىمە يولدىشى ئابدۇلدىن: «سەن مېنى قانچىلىك ياخشى كۆرىسەن ؟»
    ئابدۇل: «سەن مېنى قانچىلىك ياخشى كۆرسەڭ، مەنمۇ سېنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرىمەن».
    پاتىمە: «خۇدايىم سېنىڭ جاجاڭنى بەرسۇن!» دېگىدەك.

    73. غۇلجىدىن بىر ئايال ئالمۇتاغا چىقىپ ئالتۇن چىش سالدۇرغاچ چىشلىرىنى داۋالىتىپتۇ، چىش دوختۇرى ناھايىتى ئوچۇق ئادەم ئىكەن، بىردەم پاراڭ بولسۇن دەپ ئويلاپ: «سىلەرنىڭ غۇلجىدا چىش دوختۇرى يوقمۇ؟» دەپ سورىسا ، غۇلجىلىق ئايالمۇ قىزىقچىلىق قىلىپ: «ئۇ يەردە ئېغىزنى ئاچقىلى بولمايدۇ» دېگىدەك.

    74. ئابدۇل بىلەن ئەخمەت پاراڭلىشىپتۇ
    -- ئاداش، ئاڭلىسام ئوساما بىن لادىننىڭ بارماق ئىزىنى تېپىۋاپتۇ دەيدۇ.
    -- نەدىن تېپىپتۇ؟
    -- ئاقساراينىڭ ئىچىدىن.

    75. پاتىمە بازاردا كېتىۋاتسا دوستى ئۇچراپ قېلىپ:«ئاڭلىسام ئاداش، يولدىشىڭ تۈگەپ قاپتۇ، نېمە ئىش بولدى زادى؟»
    پاتىمە:« ئۆيدە قورۇما قورىۋاتاتىم، قارىسام شوخلا يوق ئىكەن. بازارغا شوخلىغا ئەۋەتسەم يولدا ماشىنا ئۇرىۋېتىپتۇ»
    دوستى:«ئاندىن قانداق قىلدىڭ؟»
    پاتىمە:« قانداق قىلاتتىم، قورۇمىغا پەمىدۇر سالمايلا قورۇدۇم».

    76. پاتىمە ئوغلىنى ناندىن ئۈچنى ئېلىشقا بۇيرۇپتۇ، ئىشىكتىن ئوغلى چىقىشىغا ، يولدىشىنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى تېلېفون ئارقىلىق ئاڭلاپ، دېرىزىدىن بېشىنى چىقىرىپ ۋاقىراپ تۇرۇپ:«ئوغلۇم، ناندىن ئىككىنىلا ئالساڭ يېتىدۇ» دەپتۇ.

    77. مۇئەللىم:«تۈلكە تۇخۇمنى باسۇرۇپ بالا چىقىرامدۇ، ياكى كۈچۈكلەمدۇ؟»
    ئوقۇغۇچى بىردەم ئويلانغاندىن كېيىن:«تۈلكە دېگەن ھىيلىگەر نەرسە، ئۇنىڭ قولىدىن ھەر ئىككىلىسى كېلىدۇ » دېگىدەك.

    78. پاتىمە:«قانداق ئەر-ئاياللار ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە بەختلىك ئۆتىدىغاندۇ؟» دەپ سورىسا، ئابدۇل:«ئەگەر يولدىشى پاڭ، ئايالى قارىغۇ بولسا» دەپتۇ.

    79. بىرسى تۇڭگان ئاشخانىسىگە كىرىپ كالا گۆشىدە قىلغان مانتا يەپتۇ، ئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن يەنە كەلسە، ئاشخانا تاقاق ئىكەن، ياندىكىلەردىن سورىسا، بۇ ئاشخانىنىڭ ئىگىسى ئىشەك گۆشىنى كالا گۆشى دەپ تاماق قىلغانلىقتىن قولغا ئېلىنغانلىقىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ.
    ئۇ كىشى:«ھىم ئەمدى بىلدىم، نېمىشكە توپا-چاڭلىق يولنى كۆرسەملا ئېغىنىغىم كېلىدىغانلىقىنى» دېگىدەك.

    80. ئابدۇل:«سەن مېنىڭ ئايالىم تۇرۇقلۇق، تۇققانلىرىمنى زادى ياخشى كۆرمەيسەن » دەپ ئاچچىقلاپتۇ.
    پاتىمە:«سىز نېمىلەرنى دەۋاتىسىز، مەن قەسەم قىلىپ بېرىمەن، مەن سىزنىڭ قېيىنئانىڭىزنى ئۆزۈمنىڭ قېيىن"ئانىسىدىن بەكرەك ياخشى كۆرىمەنغۇ» دېگىدەك.

    --------------------------------------
    مەزكۇر يۇمۇرلار بىلىۋال تورىدىن ئېلىندى

    [qarluq تەستىقلىدى . 2010-2-28 17:18:16][qarluq تەستىقلىدى . 2010-2-28 17:24:39]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.