ھەربى قىسىم يۇمۇرلىرى

يوللىغۇچى : hisam يوللىغان ۋاقىت : 2010-04-11 15:46:05

ئارمىيە يۇمۇرلىرىتوپچىلار قىسمىنىڭ باشلىقى ئىستىھكامغا توپلارنىڭ نىقاپلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرگىلى بېرىپتۇ.ئۇ بىر زەمبىرەكنىڭ ئورنىغا بارسا بىر نەچچە ئەسكەر چاتقاللىقنىڭ ئىچىدە بىر نەرسە ئىزد...

     

    ئارمىيە يۇمۇرلىرى
     
    توپچىلار قىسمىنىڭ باشلىقى ئىستىھكامغا توپلارنىڭ نىقاپلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرگىلى بېرىپتۇ.
     ئۇ بىر زەمبىرەكنىڭ ئورنىغا بارسا بىر نەچچە ئەسكەر چاتقاللىقنىڭ ئىچىدە بىر نەرسە ئىزدەپ يۈرگىدەك.
       ـ سىلەر نىمە ئىزدەۋاتىسىلەر دەپتۇ  ئۇ
      - دوكلات باشلىق - دەپتۇ ئەسكەرلەر، - تۈنۈگۈنتوپلارنى بەك ياخشى مۇستەھكەم نىقاپلاپتىكەنمىز، ئۆزىمىزمۇ تاپالمايۋاتىمىز.
    ***********************
     
    بازار باشلىقى بازار بويىچە ئېچىلغان ئەسكەر قوبۇل قىلىش يىغىنىدا ئەسكەر ئالىدىغان كوماندىر بىلەن بىللە سۆزلەپ:
       ـ ئارمىيە دىگەن چوڭ بىر مەكتەپ، بۇ مەكتەپ ناپاك كىشىلەرنى پاكلاشتۇرىدۇ، ئىرادىسى ئاجىز كىشىلەرنى ئىرادىسى كۈچلۈك كىشىلەرگە ئايلاندۇرىدۇ. كىشىلەرنىڭ كاللىسىدىكى ساغلام بولمىغان ئىدىيىلەرنى تازىلايدۇ- دەپتۇ.
       - ئەتىسى بازاردىكى ئەسكەر قوبۇللاش ئورنىغا نۇرغۇن ئادەم كەپتۇ، ، بۇنىڭدىن خوشال بولغان ئەسكەر ئالىدىغان كوماندىر ئۇلارنىڭ ئالدىغا بېرىپتۇ.
       ـ كوماندىر- دەپتۇ ئۇلار - ئەگەر ئەسكەر  بولغانننىڭ ئەشۇنداق پايدىسى بولىدىغان بولسا ، بىزنىڭ بازار باشلىقىنى ئېلىپ كېتىڭ.
    ******************
     
    بىر قېتىملىق چوڭ جەڭدە نۇرغۇن ئەسكەر يارىلىنىپتۇ، بىر باشلىق ئۇلارنى يوقلاپ بېرىپتۇ.
       ـ باشلىق دەپتۇ بىر جەڭچى - مەن بۇ جەڭدە ئاجايىپ باتۇرلۇق كۆرسەتتىم.
       ـ ھە - دەپتۇ باشلىق ـ قانداق باتۇرلۇق كۆرسەتتىڭ؟
       ـ دۈشمەنگە باتۇرلۇق بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، كەم دىگندە ئۇلاردىن ئونىنىڭ پۇت قوللىرىنى چانىۋەتتىم .-، دەپتۇ ئەسكەر ئۆزىدىن پەخىرلىنىپ.
       ـ نىمىشقا كاللىسىنى چانىماي پۇت قولىنى چانىدىڭ؟-دەپتۇ باشلىق ئەجەپلىنىپ.
       ـ مەن دۈشمەنلەرنىڭ ئالدىغا بارغاندا ، كاللىسىنى بىرسى ئېلىپ بوپتىكەن.
    *****************
     
    يېڭى ئەسكەرلەر دۈشمەننىڭ قوراللىرىنى تارتىۋېلىش بويىچە مەشق ئېلىپ بېرىپتۇ.
       مەشقتىن كېيىن كوماندىر ئۇلاردىن :
       ـ ئەگە سىلەر كېچىدە ئۆزۈڭلار يالغۇز بىر كۆۋرۈكنى قوغداپ قوراللىق پوستا تۇرغان بولساڭلار، قۇرۇق قول دۈشمەن تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ قالسا سىلەر قانداق قىلىسىلەر؟ ـ دەپ سوراپتۇ.
       ـ مېنىڭچە دەاپتۇ بىر يېڭى ئەسكەر سەل ئويلىنىۋالغاندى كېيىن ، - ئالدى بىلەن قولىمىزدىكى قورالنى سۇغا تاشلىۋېتىشىمىز كېرەك، مۇشۇنداق قىلساق دۈشمەن قورالنى ئېلىۋالىمەن دەپ بىزنى ئۆلتۈرۈپ يۈرمەيدۇ.
     
     
     
     
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يۇمۇر ھەربى