تۆت يۇمۇر

يوللىغۇچى : Hisam يوللىغان ۋاقىت : 2010-02-25 22:47:25

- بايىقى كىشى چىش تارتىشتا ئوقۇمىغان ئىكەن، تىببى كېنىشكىسىمۇ يوق ئىكەن، ئۇنى نىمىشقا خىزمەتكە تەكلىپ قىلدىڭىز دەپ سوراپتۇ چىش دوختۇرىنىڭ ئايالى ئېرىدىن.- ئۇ ئىلگىرى ئاغامچا تارتىشىش مۇسابىق...


    - بايىقى كىشى چىش تارتىشتا ئوقۇمىغان ئىكەن، تىببى كېنىشكىسىمۇ يوق ئىكەن، ئۇنى نىمىشقا خىزمەتكە تەكلىپ قىلدىڭىز دەپ سوراپتۇ چىش دوختۇرىنىڭ ئايالى ئېرىدىن.
    - ئۇ ئىلگىرى ئاغامچا تارتىشىش مۇسابىقىسدە نەتىجە ئالغان ئىكەن -دەپتۇ دوختۇر.
      
    راخمانجان رۇسۇل تەرجىمىسى
       **************************
       چاچلىرى ئۆسۈپ كەتكەن بىر يىگىت ساتراشخانىدا چېچىنى ياسىتىپتۇ. ساتراش ئەمدىلا ئىش باشلاپ بىردەمدىن كېيىن ساتراچ بىر ماگنىتنى ئېلىپ يىگىتنىڭ بېشىدا ئۇياق بۇياق يۈگۈرتۈپتۇ، بۇنىڭدىن ئىچى پۇشقان يىگىت ئۇنىڭدىن :
       - بۇ سىزنىڭ يېڭىچە چاچ ياساش تېخنىكىڭىزمۇ ؟- دەپ سوراپتۇ.
       - ياق، مەن قايچامنى ئىزدەۋاتىمەن- دەپتۇ ساتراچ.

    راخمانجان رۇسۇل تەرجىمىسى
     
    ****************************
       خېرىدار مەلۇم بىر ئاشپۇزۇلغا كىرىپ بىر كىشىلىك كالا گۆشى قورۇمىسى بۇيرۇتۇپتۇ. ئۇ تاماقنى يەپ بولاي دېگەندە قورۇمىدىن بىر تال چىۋىن چىقىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن خېرىدار مۇلازىمغا كايىپ:

      — قاراڭە تاماقتىن چىۋىن چىقتى، بۇنى قانداق چۈشەندۈرىسىز؟ — دەپتۇ.
       مۇلازىم قىلچە ھودۇقماي جاۋاب بېرىپتۇ:
      — مۇبارەك بولسۇن ئەپەندىم، سىز ئاشپۇزۇلىمىزنىڭ يەنە بىر كىشىلىك ھەقسىز غىزالىنىش مۇكاپاتىغا ئېرىشتىڭىز.

    ****************************

        بىر كىشى ئالاقزادە بولۇپ 119 غا تېلېفون قىپتۇ:
      — ئوت كەتتى! ئوت كەتتى!
      — نەگە ئوت كەتتى؟
      — ئۆيۈمگە ئوت كەتتى!
      — بىلدىم، بىراق بىز ئۆيىڭىزگە قانداق بارىمىز؟
      — توۋا، سىلەرنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلىڭلار يوقما؟!

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يۇمۇرلار