بەش يۇمۇر

يوللىغۇچى : Hisam يوللىغان ۋاقىت : 2007-04-08 09:03:00

ھىسامكام بىلەن بىر ئاغىنىسى بىلەن ئولتۇرۇشتىن كەچ قايتىپ، بىر مازارلىقتىن ئۆتۈپتۇ. بۇ چاغقا ھىسامكام، ئاغىنىسىگە بىر ئايەت ئوقۇپ ئۆتەيلى دەپتىكەن . ئاغىنىسى : قۇرئان ئوقۇشنى بىلمەيمەن دەپتۇ ...

    ھىسامكام بىلەن بىر ئاغىنىسى بىلەن ئولتۇرۇشتىن كەچ قايتىپ، بىر مازارلىقتىن ئۆتۈپتۇ. بۇ چاغقا ھىسامكام، ئاغىنىسىگە بىر ئايەت ئوقۇپ ئۆتەيلى دەپتىكەن .
    ئاغىنىسى : قۇرئان ئوقۇشنى بىلمەيمەن دەپتۇ
    ھىسامكام: بىلمىسەڭ بولمايدۇ.
    ئاغىنىسى: ئۇنداق بولسا قانداق قىلىمىز؟؟
    ھىسامكام: ئۆمۈلەپ، تۆت پۇتلۇق بۇلۇپ ماڭايلى، ئەرۋالار بىزنى ئېشەك ئوخشايدۇ دەپ قالسۇن!.
    --------------------------------------------------------------------------
    ھىسامكام غۇلجىدا بىر باغۋەننىڭ بېغىغا كىرىپ ، باغۋەنگە ئەقىل ئۆگىتىشكە باشلاپتۇ:
    ـ: ئۇكا، سىز بۇ كۆچەتلىرىڭىزنى ۋاقتىدا سۇغۇرۇپ، ياخشى چاتاپ، تۈۋىنى ئوبدان ئاغدۇرۇپ، ياخشى ئوغۇتلىسىڭىز، ھەر تۈپىدىن  ئاز بولغاندا 20 كىلو ئالما ئالالايسىز.
    باغۋەن  : ئاكا! بۇ ئالما كۆچىتى ئەمەس ، شاپتۇل كۆچىتى.
    --------------------------------------------------------------------------
     ھىسامكام ھاۋانىڭ ئىسسىق بىر كۈنلىرىدە ، يانچۇقىغا ئىككى قولىنى تىقىپ يۈرسە بىرسى ھەي! ھىسامكا قولۇڭ مۇزلاپ كىتىپ بارامدا؟ دەپتۇ.
    -: ياق، ئىشتىنىم چۈشۈپ كېتىۋاتىدۇ:-دەپتۇ ھىسامكام.
    -----------------------------------------------
    بىر سى ھىسامكامدىن: ئەڭ ياراملىق ئۆي ھايۋانلىرى قايسى؟ دەپ سوراپتۇ.
    -: توخۇ
    ـ: نىمە ئۈچۈن؟
    ھىسامكام ئالدىرىماي جاۋاپ بېرىپتۇ: تۇغۇلماستىن بۇرۇنمۇ يىگىلى بولىدۇ، تۇغۇلغاندىن كېيىنمۇ يىگىلى بولىدۇ.
    ----------------------------------------------------------------------
    بىر مەس بىر دوستىنىڭ ئويىگە بىرىپتۇ. بۇنىڭغا ئىنتايىن خوش بولغان ساھىپخان دوستىمۇ ناھايىتى قىزغىن قارشى ئىلىپ ئويىگە باشلاپتۇ:
    -كېلە، كېلە، قىنى يۇقىرىغا چىق، دەل ۋاختىدا كەلدىڭ ، يالغۇزچىلىقتا ھاراق گىلىمدىن ئوتمەي ئۈلپەت بولسا ئىكەن دەپ ئولتۇراتتىم.
    -ۋاي مۇشۇنىڭغىمۇ بېشىڭ ئاغرىدىمۇ؟ ئويۈڭدە ئەينەك يوقمىدى؟

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق