ھەبىبۇللا ئابلىمىت يازغان يۇمۇرلار(60-50)

يوللىغۇچى : Hisam يوللىغان ۋاقىت : 2007-07-25 19:53:00

51.مىيۇنخېن كوچىسىدا بىر ئۇيغۇر كېتىۋاتسا ، ساقچى كېلىپ دەپتۇ: --پاسپورتتىڭنى چىقار. --يوق. --نەدە تۇرىسەن ؟ --ئاكام بىلەن بىرگە تۇرىمەن . --ئۇنداقتا ئاكاڭ نەردە تۇرىدۇ؟ --مەن بىلەن بىرگە. --ئۇنداقتا...

    51.مىيۇنخېن كوچىسىدا بىر ئۇيغۇر كېتىۋاتسا ، ساقچى كېلىپ دەپتۇ:
    --پاسپورتتىڭنى چىقار.
    --يوق.
    --نەدە تۇرىسەن ؟
    --ئاكام بىلەن بىرگە تۇرىمەن .
    --ئۇنداقتا ئاكاڭ نەردە تۇرىدۇ؟
    --مەن بىلەن بىرگە.
    --ئۇنداقتا ئىككىڭلار نەدە ئولتۇرىسىلەر؟
    --ئىككىلىمىز خوشنا ئولتۇرىمىز.

    52. گېرمانىيەگە يېڭىدىن كەلگەن بىر ۋەتەندىشىمىزنى دوختۇرلار رېنتىگىنگە ئېلىپ تەشۈرمەكچى بولۇپ، دوختۇر ياندىكى ئۆيگە چىقىپ كىيىملىرىڭىزنى يېشىپ تۇرۇڭ دېسە، تازا چۈشىنەلمىگەن قېرىندىشىمىز، سىرتىكى ئىشىكى ئوچۇق تۇرغان لېفىتكە كىرىپتۇ، شۇ ئارىلىقتا ئەڭ ئۈستۈنكى قەۋەتتىكىلەر لېفىت كۇنۇپكىسىنى بېسىپتىكەن، لېفىتنىڭ ئىشىكى يېپىلىپلا يۇقىرىغا قاراپ مېڭىشىغا، قېرىندىشىمىز ئەمدى رېنتىگىنگە ئالىدىغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپلا ، دەرھال كىيىملىرىنى يېشىپ يالىغاچ تىك تۇرۇپتۇ، لېفىت ئۈستۈنكى قەۋەتكە كېلىپ توختاپ، ئىشىك ئېچىلىشىغا ، لېفىتنى ساقلاپ تۇرغان بىر سىستېرا قىپيالىڭاچ تۇرغان قېرىندىشىمىزنى كۆرۈپلا ۋارقىراپ كېتىپرتۇ،
    شۇنىڭ بىلەن ئۇ قېرىندىشىمىز: «كېسىلىم بەك ئېغىر ئوخشىمامدا..! » دېگۈدەك.

    53. ئىككى ئايال ئۆز-ئارا ئەرلىرىنىڭ گەپلىرىنى دېشىيىپ دەرت ئېيتىشىپتۇ. بىرسى: «مېنىڭ ئېرىم يېقىندىن بېرى ناھايىتى ئۇنتۇلغاق بولۇپ قالدى، ئۇ ئۆيدىن سىرتقا چىقىپلا ماشىنىنى ئوت ئالدۇرىدىغان چاغدا ، ئاچقۇچنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن دەيدۇ، ئىشقا بېرىپ ياناشىدا ئۆيگە قايتىش يولنى ئۇنتۇپ قالىدىكەن» دېسە،
    يەنە بىر ئايال، مېنىڭ يولدىشىم سىزنىڭكىدىن بەكرەك ئۇنتۇلغاق: «ئۇ ئىشتىن قايتىپ، ئۆيگە كىرىپلا، سەن كىم بولىسەن دەپ مەندىن سورايدۇ» دېگۈدەك.

    54. بىر كۈنى ھېسامكامدىن بىر ئاغىينىسى: «ھېسام، سەن قانچىگە كىردىڭ؟» دەپ سورىسا،
    ھېسامكام: «60 ياشقا» دەپتۇ.
    ئارىدىن 5 يىل ئۆركەندىن كېيىن ھېلىقى ئاغىنىسى ھېسامكامدىن: «ھېسام، سەن زادى قانچىگە كىرگەنسەن؟ » دەپ سورىسا، ھېسامكام: «60 ياشقا» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ، بۇنىڭدىن نارازى بولغان ئاغىينىسى: «ھېسام، راست بىر گەپ قىلە» دېسە. ھېسامكام: «ئوغۇل بالا دېگەن سۆزىدە تۇرىدۇ» دېگۈدەك.

    55. ئەخمەت دەپ بىر ئەرەب بالا بار ئىدى، بۇ بالا داڭلىق بىر ئالىي مەكتەپنىڭ تەجرىبەخانىسىدا ئىشلەيدۇ، ئۇنىڭ دادىسى ئاپىسىنى قېرى كۆرۈپ ئىككىنچى بىر خوتۇن ئالماقچى بوپتۇ، بۇنىڭدىن نارازى بولغان بالا ، تەجرىبىخانىدىن بىر بولاق دورىنى ئەپكېلىپ: «ئاپا، سەن بۇ دورىدىن بىر قوشۇق ئىچىۋالساڭ ھازىرقى يېشىڭدىن 10 ياش ياش كۆرۈنىسەن، ئۇ چاغدا داداممۇ خوتۇن ئېلىشتىن ۋاز كېچىدۇ» دەپتۇ ۋە ئاپىسىغا دورىنى بېرىپ ئىشقا كېتىپتۇ. كەچتە ئۆيگە كەلسە، ئاپىسىنىڭ قۇچىغىدا بىر بوۋاق تۇرغۇدەك، بۇنىڭدىن ھەيران بولغان ئەخمەت: «ئاپا! بۇ بوۋاق كىم؟» دەپ سورىسا ئاپىسى: «بالام، ئۇ دورىنىڭ خاسىيىتىنى ئاڭلىغان داداڭ ، دورىنىڭ ھەممىسىنى بىراقلا ئىچىۋالدى» دېگۈدەك.

    56.ئىككى بەڭگە ئۆز-ئارا پاراڭلىشىپتۇ، بىرى: «ئاداش، كۆردۈڭمۇ ئاۋۇ تامغا يېزىلغان خەتلەرنى» دېسە، يەنە بىرى: «خەتنىغۇ كۆردۈم، بىراق تام قەيەردە؟» دېگۈدەك.

    57. بىر بەڭگە يەنە بىر بەڭگىگە: «ئاداش، مۇشۇ بىزنىڭ ئۆيگە كىرۋالغان چىۋىندىن جاق تويدۇم، قانداق قىلسام بولار» دېسە، يەنە بىرى: « ئاداش، ئىشىكىڭنىڭ قۇلۇپىنى ئالماشتۇرىۋەت» دەپتۇ.

    58. قەشقەردە بىر بايۋەچچى بار ئىكەن، بىر كۈنى ئۇ بىر ماشىنا سېتىۋاپتۇ، ماشىننى ھەيدىسە داۋاملىق قىزىل چىراغتىن ئۆتۈپ كېتىدىكەن، بىر كۈنى يەنە قىزىل چىراغتا توختىماي ئۆتۈپ كېتىۋاتسا بىر ساقچى كۆرۈپ قېلىپ ئارقىدىن قوغلاپ ، ماشىنىسىنى توراپ: «سەن نېمىشقا قىزىل چىراغتىن ئۆتۈسەن؟ سەن ئاشۇ يوغان كۆزۈڭ بىلەن قىزىل چىراغنى كۆرمىدىڭما؟» دېسە، بايۋەچچى: «غوجام! قىزىل چىراغنىغۇ كۆردۈم، بىراق، سىلىنى كۆرمەپتۇق ئەمەسما" دېگۈدەك.

    59. ئەپەندىمنىڭ ناھايىتى تەخسىكەش، ساتقۇن بىر تونۇشى بار ئىكەن، بىر كۈنى ئەپەندىم ئېشىكىگە مىنىپ بازاردا كېتىۋاتسا تونۇشى ئۇچراپ قاپتۇ، لېكىن ئەپەندىم كۆرمەسكە سېلىۋالسىمۇ، تونۇشى خۇشامەت سالىمىنى قىلىپ تۇرۇپ:« ئەپەندىم، مەن سىلىنىڭ ئېشەكلىرىدىنلا تونىۋالدىم» دەپتۇ.
    ئەپەندىم:«ئېشەك، ئېشەكنى تونۇيدۇ ئەمەسمۇ» دېگۈدەك.

    60. ئەپەندىمنىڭ قوشنىسى، ئەپەندىمنىڭ ئېشىكىنى سوراپ كىرىپتۇ،
    ئەپەندىم: «ئېشەكنى ئۆتكەن ھەپتە سېتىۋەتكەن» دېيىشىگىلا ئېغىلدىكى ئېشەك ھاڭراپ ساپتۇ، بۇنىڭدىن نارازى بولغان قوشنىسى:«ئەپەندىم، قوشنا-خولۇم بولغاندىكىن بېرىپ تۇرسىلا بولمامدۇ، نېمە يالغان سۆزلەيلا» دېسە، ئەپەندىم:«ماڭا ئىشىنەملا ياكى ئېشەككىمۇ؟» دېگۈدەك.

    [qarluq تەستىقلىدى . 2010-2-28 18:35:53]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.