ئابلىمىت ھەبىبۇللا يۇمۇرلىرى(1-10)

يوللىغۇچى : Hisam يوللىغان ۋاقىت : 2007-07-25 18:55:00

ئابلىمىت ھەبىبۇللا يۇمۇرلىرى كىرىش سۆز مېنىڭچە خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىكى كۈلكىلىك، مەزمۇنلۇق، قىسقا قىلىپ سۆزلىنىدىغان ئىنسان ئەقلىنىڭ پىكىر چېچەكلىرىنى يۇمۇر دەيمىز. يۇمۇر ئىنسانلارنى كۈلد...

    ئابلىمىت ھەبىبۇللا يۇمۇرلىرى

    كىرىش سۆز

       مېنىڭچە خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىكى كۈلكىلىك، مەزمۇنلۇق، قىسقا قىلىپ سۆزلىنىدىغان ئىنسان ئەقلىنىڭ پىكىر چېچەكلىرىنى يۇمۇر دەيمىز.

    يۇمۇر ئىنسانلارنى كۈلدۈرۈپ، قىسقا بىر ۋاقىت ئىچىدە بولسىمۇ جىددىيچىلىكتىن خالى قىلىپ، غەم-قايغۇدىن قۇتۇلدۇرۇپ، خۇشاللىق بېغىشلاپ ئىنسان مېڭىسىنى دەم ئالدۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بەزىدە ئىنسانلارنى چوڭقۇر ئويغىمۇ سالىدۇ. ئاڭلىغۇچىنىڭ ئىجتىمائىي ئورنى، ھايات-كەچۈرمىشلىرى، زامان ۋە ماكان قاتارلىقلارغا قارىماي سەھنىلەردە، ئاممىۋى سورۇنلاردا، ئۆزئارا ئولتۇرۇشلاردا سۆزلىنىپ، بۇ سورۇنلارنى جانلاندۇرىدۇ، رەڭ بېرىدۇ، كەڭ ئاممىغا روھىي جەھەتتىن قۇۋۋەت بېرىدۇ. شۇنىڭدەك يۇمۇرلار خەلق ئىچىدىكى كەمچىلىكلەرنى ھەجۋىي ئۇسۇل بىلەن تۈپ يىلتىزىدىن يۇلۇپ تاشلايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ يۇمۇرلار خەلقنىڭ ئورتاق قەدىرلىشىگە ئەرزىيدىغان خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدۇر.

      بەزى يۇمۇرلار بولسا ھەركىم جاسارەت قىلالمايدىغان ئىشلارغا ئۈندەيدۇ، كۈرەشچان ۋە دادىل، ئىززەتلىك بولۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. دېمەككى يۇمۇرلارنىڭ يۇقىرىقى ئالاھىدىلىكلىرىدىن شۇنى كۆرۈۋالىمىزكى، يۇمۇرلار ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈنلا مۇھىم بولۇپ قالماي، بەلكى ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىدىمۇ كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم قورالدۇر. بولۇپمۇ يېقىنقى ۋاقىتلاردا ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ تۇرمۇشىدىمۇ ھەرخىل ئارتۇقچىلىق ۋە كەمچىلىكلەرنىڭ سادىر بولۇشى ۋە غەيرى بىر مۇھىت بىلەن ئۇچرىشىشى ۋە چەت ئەلدە تۇغۇلغان ئۆز ئانا تىلىدا سۆزلىيەلمەيدىغان بالىلارنىڭ كۆپىيىشى نەتىجىسىدە نۇرغۇن كۈلكىلىك، ئادەمنى چوڭقۇر ئويغا سالىدىغان ۋەقەلەر مەيدانغا كەلدى. مەن شۇ ۋەقەلەرنى مۇجەسسەملەپ ھەم ئۆزۈمنىڭ كىشلىك تۇرمۇشتىن ئالغان تەجرىبە ساۋاقلىرىمغا ئاساسەن تۈزگەن يۇمۇرلىرىمنى ۋە دوستلارنىڭ تورلاردا ئېلان قىلغان ئاز بىر قىسىم يۇمۇرلارغا ئازراق ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، شۇنىڭدەك نېمىس ۋە تۈرك تىللىرىدا يېزىلغان يۇمۇر كىتابلاردىكى بىزگە ماس كېلىدىغان يۇمۇرلارغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ قولىڭىزدىكى بۇ «چەت ئەلدىكى يۇمۇرلار» دېگەن يۇمۇرلار توپلىمىنى تۈزۈپ چىقتىم. بۇ كىتابتا جەمئىي 200 يۇمۇر بولۇپ بەلكى نۇرغۇن يۇمۇرلار كىتابخانلارغا كۈلكىلىك ۋە مەزمۇنلۇق تۇيۇلماسلىقى مۇمكىن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە سۆزلەرنىڭ جايىدا ئىشلىتىلىشى ۋە گېرامماتىكىلىق جەھەتتە كۆپلىگەن خاتالىقلار بولۇشى تۇرغان گەپ، شۇڭا كىتابخانلارنىڭ بۇ يۇمۇرلارنى تېخىمۇ كۈلكىلىك ۋە مەزمۇنلۇق قىلىپ چىقىش ۋە باشقا جەھەتتىكى خاتالىقلارنىڭ تۈزىتىلىشى ئۈچۈن ئورتاق كۈچ چىقىرىشىغا تىلەكداشمەن.

    ئاخىرىدا مۇشۇ كىرىش سۆز ئارقىلىق ئانا ۋەتەندىكى قەدىرلىك مىللىتىمگە سەمىمى سالىمىمنى سۇنىمەن.

    ھۆرمەت بىلەن: ھەبىبۇللا ئابلىمىت

    گېرمانيە-ميۇنخېن. 01.07.2006


    يۇمۇرلار

     

    1. ئىككى بويتاق ئۇيغۇر زېرىكىپ ، بىرىنىڭ ئۆيدە تازا ھاراق ئىچىپ غەرق مەست بوپتۇ، مەستنىڭ بىرى قولىغا بىر ئەينەكنى ئېلىۋېلىپ : «بۇ ئاداشنى ھېچ تونىمايۋاتىمەنغۇ» دېسە، يەنە بىرى ئەينەكنى قولىغا ئېلىپ ، ئەينەككە شۇنداق تىكىلىپ قاراپ تۇرۇپ: «ئاداش، قاتتىق مەست بولۇپ كېتىپسەن جۇما، قارا بۇ مەنغۇ» دېگىدەك.

     

    2. تۈركىيەنىڭ بىر يېزىسىدىكى پادىچىدىن: «سەن قويلىرىڭنى قانداق تېز ساناپ بولىسەن؟» دەپ سورىسام، پادىچى: «پۇتلىرىنى ساناپ، تۆتكە بۆلۈۋېتىمەن» دەيدۇ.

     

    3. گېرمانىيەدە ئەرەبلەرمۇ بەك كۆپ ، ئەمما بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ دىننى ئېتىقادى بىز ئويلىغاندەك ئۇنچىلا چىڭ ئەمەس، بىر كۈنى بىر ئەرەب مەسچىت ئىمامىدىن: «بۇ مەسچىت كىمنىڭ؟» دەپ سوراپتۇ.
    ئىمام: «بۇ يەردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ»
    ئەرەب: «ئۇنداقتا ماڭا تېگىشكلىكىنى سېتىۋېتىمەن" دېگىدەك.

     

    4. گېرمانىيەدە بىسى ، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ھەربىي ساھەدىكى بىلىمىمىزنىڭ يوقلۇقىنى مۇشۇ گېرمانىيەگە كەلگەندىن كېيىن تازا ھېس قىلىپ ، ھەربىي بىلىملەرنى ئۆگىنىدىغان مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرىپتۇ، بىر كۈنى دەرستە مۇئەللىمى : «ئەگەر دۆلەت رەئىسى كەلسە، رەئىسكە ئاتاپ 9 پاي ئوقى ئېتىلىدۇ» دېسە، ئوقۇغۇچى : «ئەگەر بىر پاي ئوقتا ئۆلسە، يەنە داۋاملىق ئېتىۋېرەمدۇ» دېگىدەك.

     

    5. گېرمانىيەدىكى ئىككى ئۇيغۇر ئافرىقىغا ساياھەتكە بېرىپتۇ، ئۇلار تەبىئى ھايۋانات باغچىسىدا كېتىۋاتقاندا ، ئارىسىدىكى بىرسى بىر يولۋاسقا تاش ئېتىپتىكەن يولۋاس ئۇلارنى قوغلاپتۇ.
    تاش ئاتىقىنى ئاغىنىسىگە قاراپ: «چاپە بول، دەرەخكە چىقىۋالايلى» دەپتۇ، يەنە بىرى: «نېمىگە قاچىمەن، تاشنى يا مەن ئاتمىسام» دېگىدەك.

     

    6. بىر يىگىت ئوبيېكتىنىڭ ئائىلىسىگە بېرىپتۇ، قىزنىڭ ئاپىسى ناھايىتى تەقۋادار ئايال بولغانلىقتىن بالىدىن مۇنداق دەپ سوراپتۇ: «يىگىت، تاماكا چېكەمسىز؟ »
    يىگىت: «قاتتىق مەست بولۇپ كەتكەندە چېكىمەن» دېگىدەك

     

    7. مىيۇنچېن شەھىرىدە بىر ئۇيغۇر ناھايىتى سەمرىپ كېتىپ، دوختۇردىن ئورۇقلاشنىڭ ئامالىنى سوراپتۇ.
    دوختۇر : «سىز ئىككى ھەپتە پىيادە مېڭىپ بېرىڭ».
    ئىككى ھەپتىدىن كېيىن، ھېلىقى سېمىز ئۇيغۇر دوختۇرغا تېلېفون قىلىپ: «مەن ھازىر پولشانىڭ چېگرىسىغا كەلدىم، داۋاملىق مېڭىۋېرەيمۇ» دەپ سورىغىدەك.

     

    8. بىر ئۇيغۇر «تاكسى» غا چىقىپتۇ، ئازراق ماڭغاندىن كېيىن، شوپۇر بىر پىيادە كېتىۋاتقان بىرىنى سوقىۋېتىپ، قاتتىق قورقۇپ كېتىپ ئۇيغۇرغا قاراپ: «چۈشۈپ قاراپ باقسىڭىز، ئۆلدىمۇ يوق» دەپتۇ
    ئۇيغۇر ماشىنىدىن چۈشۈپ، شوپۇرغا قول ئىشارىتى بىلەن: «ئازراق ئوڭغا ھەيدەڭ...، ئازراق سولغا، ئەمدى ئازراق ئالدىغا ، ھە بولدى ئەمدى ئۆلدى» دېگىدەك.

     

    9. بىر ئايال راك كېسىلىگە گىرىپتار بوپتۇ، باللىرى ئاپىسىغا تەلمۈرۈپ قاراپ: «ئاپا، ساقىيىپ كەتسەڭ بولاتتى، ياخشى كۈننىڭ يامىنى بولۇپ قالسا بىز ئۆگەي ئانىنىڭ قولىدا قانداقمۇ قىلامىز» دېسە، ئاپىسى باللىرىگا تەسەللى بىرىپ: «ئەگەر مەن ئۆلۈپ كەتسەم ، ئاپام ئەيدىز بىلەن ئۆلدى دەڭلار، داداڭلار مەڭگۈ ئۆيلىنەلمەيدۇ» دېگىدەك.

     

    10. مىيۇنخېندا بىر ھىندىستانلىقنىڭ رېستۇرانىغا بىر ئامېرىكىلىق ساياھەتچى ئەتىگەنلىك ناشتىغا كىرىپتۇ، كۈتكۈچى، ئامېرىكىلىقتىن : «ياۋروپاچە ناشتىلىق كەلتۈرەيمۇ ياكى ھىندىستانچىمۇ؟» دەپ سورىسا، ئامېرىكىلىق: «ياۋروپاچىنى كۆپ يېدىم، ماڭا ھىندىستانچە ناشتىلىق كەلتۈرۈڭ» دەپتۇ.
    كۈتكۈچى قۇرۇق تەخسىنى ئامېرىكىلىقنىڭ ئالدىغا قويۇپ: «بۇ ھىندىستانچە ناشتىلىق» دېگىدەك.

    ------------

    مەزكۇر يوللانمىنى بىلىۋال تور بېتىدىن ئالدىم.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.