ھەبىبۇللا ئابلىمىت يازغان يۇمۇرلار(70-60)

يوللىغۇچى : Hisam يوللىغان ۋاقىت : 2007-07-25 19:57:00

61.ۋ. بۇشنىڭ دادىسى:«بالام، راسلا ئىراقتا خىمىيىۋى قوراللار بارمىدۇ؟» دېسە، ئوغلى: «ھە! بار، چۈنكى ئۇ قوراللارنى بىزدىن ئالغان تۇرسا» دېگۈدەك. 62. گېرمانىيەدە ئىككى ئوقۇغۇچى دەرس ۋاقتىدا ئاستا ب...

    61.ۋ. بۇشنىڭ دادىسى:«بالام، راسلا ئىراقتا خىمىيىۋى قوراللار بارمىدۇ؟» دېسە، ئوغلى: «ھە! بار، چۈنكى ئۇ قوراللارنى بىزدىن ئالغان تۇرسا» دېگۈدەك.

    62. گېرمانىيەدە ئىككى ئوقۇغۇچى دەرس ۋاقتىدا ئاستا بىر-بىرى بىلەن پۈتۈن نەرسىلەرنىڭ باھاسىنىڭ ئۆسۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى سۆزلىشىپ ئولتۇرغاندا ، مۇئەللىم بىر ئوقۇغۇچىدىن :«بەش كۆپەيتىلگەن بەش قانچە (5x5 = ؟ )» دەپ سورىسا، ئوقۇغۇچى: «90» دەپ جاۋاب بېرىپتىكەن، پاراڭلىشىپ ئولتۇرغانلارنىڭ بىرى يەنە بىرىگە: «كۆردۈڭمۇ، بۇرۇن 25 بولاتتى» دېگۈدەك.

    63. بىرسى ناھايىتى سەمىرىپ كېتىپ دوختۇرغا بارسا، دوختۇر:«قېنىڭىز قويۇقلىشىپ كېتىپتۇ، تاماقنى ئاز يەڭ، يەڭگىل غىزالىنىڭ يەنى مۇمكىن بولسا ھەر كۈنى بېلىق يەڭ» دەپتۇ، كېسەل:«بېلىقنى تاماقنىڭ ئالدىدا يەمدىم ياكى كەينىدىمۇ؟» دېگۈدەك.

    64. دوختۇر بىر ئافرىقىلىق كېسەلگە:«سىز بۇ دورىدىن كۈندە ئۈچ قوشۇقتىن ئىچىپ بېرىڭ» دىسە، ئافرىقىلىق:«بىزنىڭ ئۆيدە ئارانلا بىر قوشۇق بار» دېگۈدەك.

    65. بىر ئەرنىڭ ئايالى ناھايىتىمۇ سەت ئىكەن. بىر كۈنى ئايالى ئېرىگە:«مۇنچىنىڭ دېرىزىسىنى ياسىۋەتكەن بولسىڭىز، مەن مۇنچىغا چۈشسەم، قوشنىلار دېرىزىدىن قارايدىكەن» دەپتۇ.
    ئېرى:«بولدى قىل خوتۇن، چوقۇم بىر كۈنى قوشنىلار ئۆزى ياسىۋېتىدۇ» دېگۈدەك.

    66. ئامېرىكا ئەسكەرلىرى باغداتقا ھاۋادىن بومبا تاشلاۋاتقاندا ،
    بىر ئىراقلىق ئايالىغا:«خوتۇن! دۈم يات! دۈم يات!» دېسە
    ئايالى:«ھازىر ۋاقتى ئەمەس!» دېگۈدەك.

    67.توي كېچىسى يىگىت قىزدىن سوراپتۇ:«سىز بۇرۇن مەندىن باشقا بىرسىنى ياخشى كۆرۈپ باققانمۇ؟»
    قىز بۇ سوئالنى ئاڭلاپ جىم بولۇپ كېتىپتۇ.
    يىگىت قىزنىڭ بۇ ھالىنى كۆرگەندىن كېيىن:«خاپا بولماڭ، مەن مۇنداقلا سوراپ قويغان».
    قىز:«نېمىگە خاپا بولاي، مەن ياخشى كۆرگەنلىرىمنى ساناۋاتاتتىم» دېگۈدەك.

    68. مۇئەللىم ئوقۇغۇچىدىن:«سەندە 5 ياۋرو بولسا سەن داداڭدىن يەنە 5 ياۋرو ئالساڭ، قانچە بولىدۇ؟»
    ئوقۇغۇچى:«5ياۋرو بولىدۇ».
    مۇئەللىم:«مۇشۇ ئاددى مەسىلىنىمۇ ھېسابلىيالمىدىڭمۇ؟»
    ئوقۇغۇچى:«ھېسابلاشنىغۇ بىلەتتىم، لېكىن سىز دادامنىڭ پىششىقلىقىنى بىلمەيسىز؟»دېگۈدەك.

    69. بالا:«ئاپا، مەن قانچە پۇلغا يارايمەن؟» دەپ سوراپتىكەن،
    ئاپىسى:«سەن پۈتۈن دۇنيادىكى پۇلنىڭ ھەممىسىگە».
    بالىسى:«ئاپا، ئۇنداقتا شۇ پۇلدىن ماڭا 10 ياۋرو بېرىڭە» دېگۈدەك.

    70. ئىككى ئەخمەق يولدا كېتىۋېتىپ پوق كۆرۈپ قاپتۇ. بىرى بۇ پوق دېسە يەنە بىرى ئەمەس دەيدىكەن، شۇنىڭ بىلەن ئەمەس دېگىنى پوقنى قولى بىلەن ئاستا تىتىپ بېقىپ:«سىنىڭ توغرىكەن» دېگۈدەك.

    [qarluq تەستىقلىدى . 2010-2-28 18:37:27]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.