خالىسىڭىز كۈلۈڭ، ئىختىيار سىزدە -ئۈچ يۇمۇر

يوللىغۇچى : Hisam يوللىغان ۋاقىت : 2007-04-06 23:19:00

********************** بىر كۈنى ھىسام يېڭىدىن ئالغان ئەڭ يىڭى مودېل بېنتىس ماشىنىسىنى ھەيدەپ پوچى قىياپەتتە ئاغىنىسى تۇرسۇننىڭ قېشىغا كەپتۇ ۋە ماختىنىشقا باشلاپتۇ: -تۇرسۇن قارا،ماشىنام قانداقراقكەن؟ مە...

    **********************

      بىر كۈنى ھىسام يېڭىدىن ئالغان ئەڭ يىڭى مودېل بېنتىس ماشىنىسىنى ھەيدەپ پوچى قىياپەتتە ئاغىنىسى تۇرسۇننىڭ قېشىغا كەپتۇ ۋە ماختىنىشقا باشلاپتۇ:
    -تۇرسۇن قارا،ماشىنام قانداقراقكەن؟ مەن بۇ ماشىنا بىلەن غۇلجا ئۈرۈمچى ئارىلىقىنى 3-4 سائەتتە بېسىپ بولىمەن جۇمۇ.
    بۇنى ئاڭلىغان تۇرسۇن بىراز ئويلۇنۇپ تۇرۇپ قاپتۇ ھەم ئىتىراز بىلدۈرۈپ دەپتۇ:
    -ئاداش ماشىناڭ ھەقىقەتەن نوچى ئىكەن،ئەمما غۇلجا ئۈرۈمچى ئارىلىقىنى 3-4 سائەتتە بېسىپ بولالىشىغا ئىشەنمەيمەن.
    ھىسامنىڭ ھىچ تەن بەرگۈسى كەلمەپتۇ ھەم جىددى ھالدا دەپتۇ:
    -ۋاي ئاغىنە بۇنى سىناپ كۆرسەكلا بولدىغۇ.قارا مەن ھازىر ئۈرۈمچىگە قاراپ يولغا چىقىمەن.4 سائەتتىن كىيىن ئۈرۈمچىدىكى "ئىلىخو" رېستورانى بارغۇ،شۇ يەرگە تېلېفون قىل،مەن شۇ يەردە بولىمەن.
    تۇرسۇن "ماقۇل" دەپتۇ ۋە ھىسام يولغا چىقىپ 4 سائەتتىن كىيىن ئۈرۈمچىدىكى "ئىلىخو" رەستۇرانىغا تېلېفون قىلىپتۇ،دىگەندەك تېلېفونغا ھىسام چىقىپتۇ ھەم مەغرۇر ئاۋازدا شۇنداق دەپتۇ:
    -دىمىدىممۇ ئاداش، مانا بۇنى بېنتىس دەيمىز.يولدا تېخى ئاستا ھەيدىدىم ئەگەر ئىشەنسەڭ.ئەمدى 3 سائەتتە غۇلجىغا قايتىپ بارىمەن،مىنى ساقلا-دەپ تېلېفوننى قويۇپلا يولغا چىقىپتۇ.ئەمما 5 كۈن بولغاندا غۇلجىغا ئاران كەپتۇ.بۇ ئارىدا ئەنسىرەپ تاقىتى تاق بولغان تۇرسۇن سوراپتۇ:
    -ھوي بۇ 5 كۈندىن بىرى نەدە قالدىڭ؟
    ھىسام بىراز ئاچچىقلانغان ۋە روھى چۈشكىن ھالدا جاۋاپ بېرىپتۇ:
    -ۋاي تۇرسۇن ئاداش سورىمايلا قويە. شۇ ماشىنىنى ياسىغان گۇيلار دۇنيانىڭ پۇلىنى ئالدى، ئەمما مۇشۇ بېنتىىسمۇ جوڭگۇدا ياسالغاننىڭياقى قىلغان ئىشىغا قارىمامسەن؟ ئالدىغا ماڭىدىغانغا 5 خوت قويۇپتۇ.ئارقىغا ماڭىدىغانغا كەلگەندە پىخسىقلىق قىلىپ ئاران بىر خوت قويۇپتۇ ئەمەسمۇ.
    -----------------------------------------------------------------------------------------------

    بىر كۈنى ھىسام لوندونغا ساياھەتكە بېرىپتۇ ۋە لوندوننىڭ ئۇ داڭلىق ئىككى قاتلىق ئاپتوبۇسىدا شەھەر ئايلىنىپ كېتىۋېتىپ قاتتىق ھاياجانلىنىپ كېتىپ،  ئاخىردا ئۆزىنى باسالماي يانفونى بىلەن ئايالىغا تېلېفون قىلىپ لوندوندا كۆرگەنلىرىنى يۇقىرى ئاۋاز بىلەن چۈشەندۈرۈشكە باشلاپتۇ.دەل شۇ چاغدا ھىسامنىڭ يېنىدا تۇرغان يەنە بىر كىشى ھىسامنى ئاگاھلاندۇرۇپ دەپتۇ:
    -ئەپەندىم،ئاپتوبۇستا يانفون بىلەن سوزلۈشۈش چەكلەنگەن، بۇنى بىلمەمسىز؟
    بۇنى ئاڭلىغان ھىسام ئۇ كىشىگە بىر قارىۋەتكەندىن كىيىن ئايالىغا شۇنداق دەپتۇ:
    -ۋاي خوتۇن،بۇ سېرىق چاچلىقلارنىڭ شەھەردە، ئاپتوبۇستا يانفون بىلەن سۆزلىشىش چەكلەنگەن ئىكەن.شۇڭا سەنلا سوزلە، مەن ئاڭلاي...........
     -----------------------------------------------------------------------------------
    بىر كۈنى ھىسام ئويىگە قايتىش ئۈچۈن تاكسىغا چىقىپتۇ. يول ھىسامنىڭ ئويىگە ئاز قالغاندا يۇقارىغا كوتۈرۈلگەن ئىگىز دوڭ يول بولۇپ تاكسى دەل دۆڭ يولنىڭ ئوتتۇرسىغا كەلگەندە ئوتى ئوچۈپ قاپتۇ ھەم ئارقىسىغا قاراپ مىڭىپ كېتىپتۇ. بۇنىڭدىن قورقۇپ كەتكەن ھىسام ئالاقزادىلىك بىلەن شوپۇردىن سوراپتۇ:
    -ۋاي ئۇكاموي! بۇ ماشىنىڭىزغا نىمە بولدى؟ ئارقىسىغا كېتىپ بارىدىغۇ، چاققان توختاتسىڭىزچۇ؟
    -ۋاي مانا،سىلىمۇ كۆرەۋاتىلىغۇ ئاكا-دەپتۇ شوپۇرمۇ جىددىلىك بىلەن-مەنمۇ ھەپىلىشىۋاتىمەن، نىمە بولدىكىن تاڭ، تورموزىمۇ ھىچ تۇتمايۋاتىدۇ..........
    بۇنى ئاڭلىغان ھىساممۇ گاڭگىراپ قاپتۇ ۋە شۇنداق دەپتۇ:
    -ۋاي شۇنداقمۇ ئۇكا؟ ئەمىسە ھىچ بولمىغاندا ئاۋۇ ھەق ھېسابلاش ئاپپاراتىنى بولسىمۇ توختىتىپ قويۇڭە.....

    [admin تەستىقلىدى . 2010-2-15 14:10:17]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق