ھەبىبۇللا ئابلىمىت يازغان يۇمۇرلار (180-190)

يوللىغۇچى : Hisam يوللىغان ۋاقىت : 2007-09-06 18:13:00

181. بىر قارغۇ بىلەن بىر چولاق قاۋاققا كىرىپ ئىككىلىسى تەڭلا بىر رۇمكا ھاراق بۇيرۇتۇپتۇ. كۈتكۈچى بىر رۇمكىنى ئەكېلىپ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا قويۇپتىكەن، ئىككىلىسى بۇنى تالىشىپ قاپتۇ. چولاق: --- ...


    181. بىر قارغۇ بىلەن بىر چولاق قاۋاققا كىرىپ ئىككىلىسى تەڭلا بىر رۇمكا ھاراق بۇيرۇتۇپتۇ. كۈتكۈچى بىر رۇمكىنى ئەكېلىپ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا قويۇپتىكەن، ئىككىلىسى بۇنى تالىشىپ قاپتۇ.
    چولاق:
    --- تالاشما قارغۇ، بولمىسا شاپىلاق يەيسەن...-- دېسە
    قارغۇ:
    --- قېنى ئۇرغىنىڭنى بىر كۆرەي...-- دېگۈدەك.

    182. ئابدۇل ناھايىتى ئالدىراش سۇغۇرتا ئىدارىسىگە كىرىپ ئۆي-مۈلكىنى سۇغۇرتىلىماقچى بوپتۇ، خىزمەتچى خادىم ئابدۇلغا بىرمۇنچە تولدۇرىدىغان ئانكىت بەرسە، ئابدۇل:
    --- ئۆيۈم ھازىر كۆيۈۋاتىدۇ، بۇنى تولدۇرىدىغانغا ۋاقتىم يوق - دېگۈدەك.

    183. فىزىكا مۇئەلىممى بىر ئوقۇگغۇچىدىن:
    --- جىسىملار ئىسسىقلىق بىلەن سوغاقتا قانداق ھالەتتە ئۆزگىرىدۇ؟
    ئوقۇغۇچى:
    --- جىسىملار ئىسسىقلىتا ئۇزىرايدۇ، سوغقتا قىسقىرايدۇ.
    مۇئەلىم:
    --- مىسال ئېلىپ چۈشەندۈرۈپ باق.
    ئوقۇغۇچى:
    --- كۈن بولسا يازدا ئۇزاق، قىشتا قىسقا - دېگۈدەك.

    184. بىر باي مەھەللىدە بىر قىزىقچىلىق بولسۇن دەپ:
    --- كىم ئەڭ يالغاننى سۆزلىسە شۇنىڭغا 1000 سوم بېرىمەن -- دەپ ۋەدە قىپتۇ. بۇنىڭ بىلەن مەھەللىدىكى ئۇششاق-چوڭلارنىڭ ھەممىسى بىردىن يالغان سۆزلەپ باينى قايىل قىلالماپتۇ، شۇ چاغدا ئابدۇل كېلىپ: ----- باي ئاكا سىزنىڭ دادىڭىزغا مېنىڭ دادام 1000 سوم بېرىپ تۇرۇپتىكەن، مۇمكىن بولسا شۇ 1000 سومنى بېرىۋەتسىڭىز دەپتۇ.
    باي:
    --- نەدىكى گەپنى قىلىۋاتىسەن، بۇ پۈتۈنلەي يالغان دەپتۇ.
    ئابدۇل:
    --- ئۇنداق بولسا ۋەدە بەرگەن 1000 سومنى بېرىڭ-دېگۈدەك.

    185. بىزنىڭ بىر قەشقەرلىك تۇغقىنىمىز غۇلجىغا كېلىپ بىر ئولتۇرۇشتا مۇنداق دېمەمدۇ:
    --- مەن بىر قېتىم ئوۋ ئوۋلىغىلى چىقىپ بىراقلا 999 توشقاننى ئوۋلىدىم.
    شۇ ئارىلىقتا مەھەللىدىكى بىر ئاغنىمىز:
    --- ئاداش، ئۇنىڭدىن پۈتۈنلا قىلىپ 1000 دېسەڭلا بولمىدىمۇ-دېسە، تۇغقىنىمىز: مەن شۇنچە ئۇزاق يەردىن مۇشۇ ئىلىخوغا كېلىپ، 1 توشقان ئۈچۈن يالغان سۆزلىمەيمەن -- دەيدۇ.

    186. ئابدۇل ئوغلىدىن:
    --- بالام، سەن ھازىر سىنىپنىڭ قانچىنچىسى؟
    ئوغلى:
    --- 25 - سى --دەپتۇ.
    ئابدۇل:
    --- ئوغلۇم، دەرسلەردە يەنە چېكىنىپ كېتىپسەن-دە، ئۆتكەن مەۋسۇمدا سورىسام 20 - دەۋاتاتتىڭ.
    ئوغلى:
    --- ياق دادا، دەرسلەردە چېكىنمىدىم، بىراق سىنىپىمىزغا 5 بالا يېڭىدىن كىرگەنتتى-دېگۈدەك.

    187. ئابدۇل ئاغرىپ قىلىپ دوختۇرغا بېرىپتۇ.
    دوختۇر:
    --- تاماكا چەكمەڭ، ھاراق ئىچمەڭ، ئايال كىشىلەردىن يىراق تۇرۇڭ.
    ئابدۇل:
    --- بىر ئوغۇل بالا ئۈچۈن قىلىدىغان باشقا ئىش قالمىدىكى دوختۇر! - دېسە دوختۇر:
    --- ساقىلىڭىزنى ئالسىڭىز بولىدۇ.

    188. ئابدۇل ھەرقانداق تىجارەت قىلىپ زىيانلا تارتىپتۇ، باشقىلارغىمۇ قەرزگە بوغۇلۇپتۇ، شۇنداق قىلىپ يۈرۈپ ئاخىرى بىر تىجارەتنىڭ ئېپىنى قىلىپ تازا پۇل تېپىشقا باشلاپتۇ، پۇلمۇ تېپىپ باي بوپتۇ، لېكىن بۇرۇنقى قەرزىلىرىنى ھېچ بەرمەپتۇ.
    بىر كۈنى ئابدۇلدا قەرزى بار بىرسى:
    --- ئابدۇل، بايمۇ بولدۇڭ، لېكىن بۇ قەرزلەرنى نېمىشقا بەرمەيسەن؟
    ئابدۇل:
    --- باشقىلار ئابدۇل باي بولۇپ ئۆزگىرىپ كەتتى دېمىسۇن دەپ-دېگۈدەك.

    189. بىر ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن يىگىت مۇئەللىم بولماقچى بولۇپ تىزىملىتىپتۇ.
    مائارىپ ئىدارىسىدىكى خادىم:
    --- سىز نىمە ئۈچۈن مۇئەلىم بولماقچى؟ -- دەپ سوراپتۇ.
    يىگىت:
    --- يىلدا ئىككى قېتىم تەتىلى بار - دېگۈدەك.

    190. ئابدۇل ئاغرىپ قېلىپ دوختۇرغا بارسا، دوختۇر:
    --- سۇغۇرتىلىقمۇ سەن؟ - دەپتۇ
    ئابدۇل:
    --- ياق، مەن غۇلجىلىق -- دېگۈدەك.
    191. مەھەللىدە بىرسى ئۆيدە بېقىۋاتقان كالىسىنى ساتماقچى بولۇپ، كالىنى يېتىلەپ، مال بازىرىغا كېتىۋاتسا، ئابدۇل:
    --- ئاداش، بۇ ئەتىگەندە ئېشەك بىلەن نەگە ماڭدىڭلا - دەپتۇ.
    ئاغىنىسى:
    --- بۇ ئىشەك ئەمەس، كالا!
    ئابدۇل:
    --- كىم ساڭا گەپ قىپتۇ، كالىدىن سوراۋاتىمەن -- دېگۈدەك.

    [qarluq تەستىقلىدى . 2010-2-28 12:37:04][qarluq تەستىقلىدى . 2010-2-28 18:32:38]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.