خالىسىڭىز كۈلۈڭ، ئىختىيار سىزدە -ئۈچ يۇمۇ

يوللىغۇچى : Hisam يوللىغان ۋاقىت : 2007-04-06 22:59:00

بىر كۈنى بۆرە ئىتنى تەكلىپ قىلىپ شۇنداق دەپتۇ: -ئىت ئاداش كەل،بىرلىكتە ئوينايلى. بۇنى ئاڭلىغان ئىت تىترىگەن ھالدا جاۋاپ بېرىپتۇ: -ياق بۆرە ئاداش،مېنى يەپ قويۇشىڭدىن قورقىمەن. -خاتىرجەم بول.بە...

      
    بىر كۈنى بۆرە ئىتنى تەكلىپ قىلىپ شۇنداق دەپتۇ:
    -ئىت ئاداش كەل،بىرلىكتە ئوينايلى.
    بۇنى ئاڭلىغان ئىت تىترىگەن ھالدا جاۋاپ بېرىپتۇ:
    -ياق بۆرە ئاداش،مېنى يەپ قويۇشىڭدىن قورقىمەن.
    -خاتىرجەم بول.بەك قورقساڭ ئاغزىمغا ئېغىزلىق سالاي-دەپتۇ بۆرە ھەم تۇمشۇقىغا ئېغىزلىقنى مەھكەم سالغاندىن كىيىن يەنە ئىتنىڭ قېشىغا كەپتۇ ھەم قارىسا ئىت يەنە تىترەپ ئەنسىرەش ئىچىدە تۇرغۇدەك.
    -ئىت ئاداش،يەنە خاتىرجەم بولالمىساڭ ماۋۇ پۇتلىرىمنىمۇ باغلاپ بېرەي-دەپتۇ بۆرە ئىتنى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن ۋە پۇتلىرىنى باغلاپ ئىتقا قارىسا يەنە تىترەپ تۇرغۇدەك.
    -يەنە نېمىگە تىترەپ تۇرىسەن؟-دەپ سوراپتۇ بۆرە جىلە بولۇپ.
    -بۇ قېتىم ھاياجاندىن تىترەۋاتىمەن-دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ ئىت بۆرىگە قاراپ-چۈنكى بۈگۈن بىرىنچى قېتىم بۆرە گۆشى يەيدىغان بولدۇم...........

    ---------------------------------------------------------------------------------------------

    تەنتەربىيە سايمانلىرى ماگىزىنى.
    خېرىدار:پاراشوت بارمۇ؟
    پىركازچىك: بار،  خىلمۇ-خىللىرى بار.
    خېرىدار: مەن بىرنى سېتىۋالماقچى، ئەمما ئىشلىتىشنى بەك ياخشى بىلمەيمەن. مۈمكىن بولسا ئىشلىتىش قائىدىسىنى چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز.
    پىركازچىك: بۇ تولىمۇ ئاسان، قاراڭ، پەيتى كەلگەندە شۇ تۇتقۇچنى تارتسىڭىز پاراشوت ئىچىلىدۇ.
    خېرىدار: ئەگەر ئىچىلمىسىچۇ؟
    پىركازچىك: غەم قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق. ئۇ ۋاقىتتا بۇ كىچىك تۇتقۇچنى تارتسىڭىز زاپاس پاراشوت ئېچىلىدۇ.
    خېرىدار: ئەگەر ئۇ زاپاس پاراشوتمۇ ئىچىلمىسىچۇ؟
    پىركازچىك: ئۇنداقتا ماگزىنىمىز باشقىغا ئالماشتۇرۇپ بېرىدۇ ...

    -------------------------------------------------------

    بىر كۈنى، ھايۋاناتلار باغچىسىدىكى ياشىنىپ قالغان قىرى يولۋاس بىلەن ئەركىن،ياش بىر يولۋاس دوست بولۇپ قاپتۇ.كۈنلەرنىڭ بىرىدە ياش يولۋاس "ياشايدىغاننى ياشىدىم، يەيدىغاننى يىدىم، ئەمدى ئوۋ كەينىدىن قوغلاپ يۈرۈشنى خالىمايمەن" دىگەن ئويغا كەپتۇ ۋە ھايۋاناتلار باغچىسىدىكى قىرى يولۋاسنى تېپىپ ئۇنىڭدىن ھايۋاناتلار باغچىسى مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ ئۆزىنىمۇ ھايۋاناتلار باغچىسىغا ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىپتۇ.نەتىجىدە قىرى يولۋاسنىڭ ياردىمى بىلەن ياش يولۋاس ھايۋاناتلار باغچىسىغا قوبۇل قىلىنىپتۇ.ياش يولۋاس ھايۋاناتلار باغچىسىغا كېلىپ بىرىنچى كۈنى تاماق ۋاقتىدا قىرى يولۋاسقا گوش،ياش يولۋاسقا بانان بېرىپتۇ.بۇ ئەھۋال،ئىككىنچى كۈنى ۋە ھەتتا ئون-ئونبەشىنچى كۈنگىچە ئوخشاشلا داۋام قىلىپتۇ.ئاخىردا بۇنىڭغا چىدىمىغان ياش يولۋاس جىلە بولۇپ قىرى يولۋاستىن سوراپتۇ:
    -تاماق ۋاقتىدا نىمە ئۈچۈن ساڭا گوش بېرىپ ماڭا بانان بېرىدۇ؟
    بۇنى ئاڭلىغان قىرى يولۋاس كۈلۈپ كېتىپتۇ ۋە دەپتۇ:
    -ئىشەنسەڭ،يولۋاسلار ئۈچۈن بوش شىتات يوق ئىكەن، مەسئۇللار مىنىڭ يۈزۈمنى قىلىپ سېنى مايمۇنلارنىڭ شىتاتى بىلەن بۇ يەرگە ئالغانتى.....
    ------------------------------------------------------------------

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق